سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «كېچىلەر،» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

كېچىلەر كۆزنىكىن چېكەر تىنىقىم

ئۆزقان

ئېزىققان ھېسلار

سۆيگۈمنى دېرەكلەپ تۇرسا قاراقلار،

روھىمغا بىر تەشۋىش  تاشلايدۇ سايە.

چۈشلەردە كىرپىكتەك رەت-رەت ياراقلار،

ئويغانسام بىر نىگاھ سۆزلەر سىپايە.

ئالۇچا شورايمەن تۈندە  خىيالەن،

مۈگدىگەن ھېسلاردا زاھىر قىزىل قان.

ئاققۇدەك، نەرگىستەك سەندىكى بۇ تەن،

بەقۇۋۋەت جىسمىمنى ئەيلەيدۇ نىمجان.