ئۆزقان
بالىنىڭ چۆچىكى
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
ئايدالا، خامان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
دۆۋە-دۆۋە دان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
ھەتتا بۇردا نان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
تىكەنلىك ئازغان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
سەندەلۇ بازغان،
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
سېىخىي-مېھرىبان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
يولدىن ئاداشقان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
قەپەستىكى جان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
خۇشخۇي-خۇشزۇۋان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
مەكتەپلەر ئاچقان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
ئادىلدەك پالۋان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ،
قۇلاق ئاڭلىغان.
كۆرگىنىمۇ چۆچەكتە،
بولار نامايان.
چۆچىكىدە ئۆزىمۇ،
ئۇچرايدۇ ناگان.
ئەلدى قوغداپ خەتەردىن،
بولۇپ باسىبان.
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ…
چۆچىكىدۇر بالىنىڭ…
1998-يىلى ئىيۇل، قەشقەر
(«قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ 1999-يىللىق2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بوۋامنىڭ چۆچىكى
باشلار بوۋام چۆچىكىنى:
«بۇرۇن-بۇرۇندا…»
«پۇش-پۇش» تىنىپ ئۇكام ئاستا،
كېتەر ئۇيقۇغا…
ئاڭلا-ئاڭلا شۇ «بۇرۇن»غا،
كەتتىم خىيالەن.
قاناتلىنىپ تاغلار ئاشتىم،
قۇش بوپ گويا مەن.
چەكسىز دالا، ئېدىر-سايلار،
ئاچاتتى قۇچاق.
جانلىقلارمۇ خۇشخۇي كۈلۈپ،
قىلاتتى چاخچاق.
سائادىتى يېغىپ تۇرار
ئېدى، ئاسماننىڭ.
تۆت پەسلى باي نېئىمەتلەرگە،
ھوزۇرى جاننىڭ.
چۆچىكىنى ئېيتار-ئېيتار،
بوۋاممۇ ئاستا.
«بۇرۇنقى شۇ زاماندا…» دەپ،
كەتتى ئۇيقۇغا…
1998-يىلى ئىيۇل، قەشقەر
(«قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ 1999-يىللىق2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
كىچىككىنە كەپسىزلىك
بوۋىسىدىن بوۋايغا،
قالغان بىرلا چۆچەك بار.
بوۋار ئېيتار:
ـــ بۇرۇندا…
ـــ ھە، بىلىمىز:دېۋە بار.
ـــ بۇرنى ئۇنىڭ…
ـــ ئىسلاشقان،
ئىكەنتۇققۇ گويا غار؟
ـــ جىم!…كۆزلىرى…
ـــ ھى، ھى، ھى…
دېمەكچىسەن، ئوت چاچار.
ـــ خەپشۇك!… دېۋە…
ـــ دەيسەنغۇ:
«يەپ قويىدۇ بالىلار»
كىم قورقاتتى…
ـــ يوقىلىش!
تېرىكتۈرۈپ بوۋاينى،
قېچىپ كېتەر ساقىلار.
1998-يىل ئىيۇل، قەشقەر
(«قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ 1999-يىللىق2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)