ئۆزقان
تەبەسسۇم گوياكى تاڭدىكى چېچەك،
تەبەسسۇم چىراينى دائىم كۆرەيمەن.
تەبەسسۇم دىللارغا ئاققان نۇر دېمەك،
ئۇ بىرلە ھاياتلىق پەيزىن سۈرەيمەن.
تەبەسسۇم بەردىڭ سەن ـ بەردىڭ بىر يۈرەك،
سەن بىلەن كۆرۈمنى بىللە كۆرەيمەن،
تەبەسسۇم يوقالسا شۇئان ئۆلەي مەن.
تەبەسسۇم ــ تۈندىكى سېھىرلىك ناخشا،
ھىجرانلىق دەملەردە دىللارغا ئارام.
تەبەسسۇم ــ نۇرلارغا تويۇنغان ۋادا،
نەۋقىران ھېسلارنى قىلغان مەپتۇن-رام.
تەبەسسۇم ۋەجىدىن بارىمدىن ئادا-
بولايمەن، ئۇ بىرلە كۈلسۇن ئەل-ئاۋام،
تەبەسسۇم ئالەمنى يورۇتسۇن داۋام.
1993-يىل مارت، يېڭىشەھەر-ئارال
(«قەشقەر گېزىتى»نىڭ 1996-يىل8-ئاينىڭ31-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)









			 مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091						  
		
 
 
 
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt="  ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">