ئابدۇللا ساۋۇت ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرى

 
ئىزدىسەڭ شەھرىڭدە ھەر بىر رەستىدىن ئىزدە مېنى،
ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەن قەلەندەر كەسپىدىن ئىزدە مېنى.
بىلمىدىم، ئىشقىڭنى كىم قەلبىمگە سالدى قايسى چاغ،
ياق، ئۆزۈڭنىڭ بىر چىرايلىق قەستىدىن ئىزدە مېنى.
ئوت بولۇپ كۆيمەك، كېيىن ئۆچمەك مېنىڭ ھەددىم ئەمەس،
«ھەق» دېگەن دىۋانە – ئاشىق نەسلىدىن ئىزدە مېنى.
كەتمىدىم، كۈندۈز – كېچە ئىتتەك بوسۇغاڭدىن يىراق،
مەيلى قىش، ياز، ئەتىياز، كۈز پەسلىدىن ئىزدە مېنى.
ھالىتىم مىسلى قويۇندۇر پىرقىرايمەن توختىماي،
لەيلىگە كۆيگەن جۇنۇن-سەرگەشتىدىن ئىزدە مېنى.
ھەر كوچا، ھەربىر ئىمارەت، ھەر گىياھ دىلكەش ماڭا،
سىرلىرىم سىڭگەن چىمەننىڭ بەستىدىن ئىزدە مېنى.
ئىككى دەريا قىلدى ھاسىل ياش تۆكۈپ ئىككى كۆزۈم،
ھەم تۈمەن، ھەمدە قىزىلنىڭ ئەسلىدىن ئىزدە مېنى.
«نان تىلەيدۇ» – دەيدۇ خەقلەر، بۇ – مالامەتتۇر ماڭا،
مەن تىلەپ يۈرگەن نىگاھىڭ ۋەسلىدىن ئىزدە مېنى.
غەم يىسەڭ قان يىغلىدىم، كۈلسەڭ جاھانغا پاتمىدىم،
چىن ساداقەت، چىن ۋاپانىڭ ۋەسپىدىن ئىزدە مېنى.
ئۆل دېسەڭمۇ، كۈل دېسەڭمۇ شان – شەرەپ ھۆكمۈڭ ماڭا،
مەرھەمەت كۈتكەن بىمار- دىلخەستىدىن ئىزدە مېنى.
بۇ گۈزەل ئالەمگە ئەنداز سەندىكى مۇتلەق ھۆسن،
جان – تېنىم سەندە، ئۆزۈڭنىڭ ھۆسنىدىن ئىزدە مېنى.
ئىشقىنى تۇتتى چىرايى نەزمە رەڭلىك گۈل قىلىپ،
ياش بىلەن پۈتكەن غەزەل – گۈلدەستىدىن ئىزدە مېنى.

ئىزدىسەڭ دىلبەر مۇھەببەت شەھىرىدىن ئىزدە مېنى،
كۈندۈزىدىن، ئاخشىمىدىن، سەھىرىدىن ئىزدە مېنى.
ھەر كوچا، رەستە، گۈزەر ئاستانىدۇر مەن شۇندا جەم،
كۆكتە ئاينىڭ، يەردە گۈلنىڭ چېھرىدىن ئىزدە مېنى.
مەيلى ئاپتاپ، سايىلەردە قالمىغاي ئەرۋاھ ئىزى،
كۆندىلەڭ دوقمۇشتا مۇڭلۇق جەھرىدىن ئىزدە مېنى.
ئۇچرىغاي پات-پات قەلەندەر نەقشىبەند نامى بىلەن،
دەۋرىگە تەلقىن نىداسى لەرزىدىن ئىزدە مېنى.
بىلمىدىم، كىملەركى غەپلەت ئىچرە مال- دۇنيا يىغار،
سىن يىغىپ يۈرگەن دىلىمنىڭ پەخرىدىن ئىزدە مېنى.
جان بىلەن جان ئوينىغان زەردارلىرىڭ نەدىن بىلۇر،
روھىيەتنىڭ خەزىنىسى – زەر جەھرىدىن ئىزدە مېنى.
نەدە ماڭسام، نەدە تۇرسام جۆيلىگەي: بىھۇدە، دەپ،
سىغدۇرۇپ ئالەمنى يۇتقان زەھىرىدىن ئىزدە مېنى.
ئايلىنىپ قىلدىم زەبىت ھەر كۈندە بىرې مەيخانىنى،
ساقى مەي تۇتقان قەدەھنىڭ ئەمرىدىن ئىزدە مېنى.
بۇ ئىشىم ياقماي دېگەنمىش:- بوپتۇ پەيدا بىر ساراڭ،
ئەھلى نادان بەددۇئاسى، قەھرىدىن ئىزدە مېنى.
نان يېگەنلەرنىڭ مالامەت تاشلىرى تەگدى ماڭا،
غەم يىگەنلەر دەپتىرىدىن- سەترىدىن ئىزدە مېنى.
گاھ پىچىرلايمەن گۈزەل قىرغاقتا سۇغا تەلمۈرۈپ،
سۇ بىلەن كۆز ياش قوشۇلغان نەھرىدىن ئىزدە مېنى.
كۆرگىنى بىر سەن، پىدايى ئۆمرىدە ئەي دىلبىرىم،
بىر مۇھەببەت ئېتىبارى – مېھرىدىن ئىزدە مېنى.

ئىزدىسەڭ دىلبەر ئىشىق دەرگاھىدىن ئىزدە مېنى،
تەخت ئەمەس، بەلكى بوسۇق – پەگاھىدىن ئىزدە مېنى.
ئىشىق ئارا باي، كەمبەغەلنىڭ نەرخى مەڭگۈ تەڭ ئىمىش،
باغرى قان بولغان گاداي ھەم شاھىدىن ئىزدە مېنى.
مەن قاچان كەلدىم يېنىڭغا، بىلمىدىم، بىلدىڭمۇ سەن،
ھەر نەپەس كۆيگەچكە قەلبىم ئاھىدىن ئىزدە مېنى.
بىر ۋىسال ئارزۇسى تەلقىن بولدى مەجلىس ئەھلىدىن،
سۆيگۈنىڭ ئاستانىسى – بارگاھىدىن ئىزدە مېنى.
ئىشىق مېنى ئىشىق ئالىمىدە قىلدى نۇر ئۆچمەيدىغان،
سانى يوق سەييارىنىڭ سەيياھىدىن ئىزدە مېنى.
قىسمىتىم بولمىش ۋىسالىڭ كەۋسىرى رىزقىم مېنىڭ،
گۈل لېۋىڭ مەي جامى – جان ھەمراھىدىن ئىزدە مېنى.
بۇ ئىشىق دەرگاھىدىن كەتمەك مېنىڭ ھەددىم ئەمەس،
بىر مۇھەببەت بۇيرۇقى – ئاگاھىدىن ئىزدە مېنى.
كېچىمەن بىر لەھزىدە مىڭ رەت يېشىم دەرياسىنى،
سۈبھى- شام ھىجران – ۋىسال جەڭگاھىدىن ئىزدە مېنى.
قىل كەبى تولغانسا ئوت – يالقۇندا بۇ مەجرۇھ تېنىم،
كىم نەزەر سالغاي، پەقەت دىلخاھىدىن ئىزدە مېنى.
ئىشىق ئوقى چاقماقسىمان چاقسا، ئېتىلسا، تەگسە دەل،
مەن بىمار، دورا، تىۋىپ – جەرراھىدىن ئىزدە مېنى.
گەر ئىشىق جان بەر دېسە جەزمەن پىدائىي رازىدۇر،
ھەر مىنۇت روھى راۋان – ئەرۋاھىدىن ئىزدە مېنى.

 شائىر، يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇت

1950 – يىل 4 – ئايدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1956 – يىلدىن 1966 – يىلغىچە ئۆز يېزىسى ۋە ئاقتۇ ناھىيسىدە باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1972 – يىلدىن 1974 – يىلغىچە قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئاقتۇ ناھىيسىدە مەدەنىيەت – مائارىپ، تەشۋىقات ساھەلىرىدە ئىشلىگەن، 1988 – يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، ھازىر ئاقتۇ ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973 – يىلى <قىزىلسۇ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <بەختىمىزنى تاپقان كۈن> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ <كۆردۈم سېنى>، <يەتكىن قىزىم كامالغا>، <يۇرتۇمدا توي>، <توك كېتىدۇ> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئابدۇللا ساۋۇت 1980 – يىللاردىن تارتىپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنپ، <چاقماق> ناملىق رومانى، <قانلىق قىرغاق>، <يېتىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى>، <دات باسماس قىلىچ>، <ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان كۈن>، <ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار>، <مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس> قاتارلىق پوۋېستىلىرى؛ <تاش بوران>، <ئاھ، جىگدە ھىدى>، <شىراق>، <ئەۋلىيا ئوت> قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.  ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۇرتۇمدا توي> (ياسىنجان ئۆمەر بىلەن بىللە، 1983 – يىل مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تاش بوران> (1985 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قانلىق قىرغاق> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1986 – يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <چاقماق> (1987 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار> (1990 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <دات باسماس قىلىچ> (1991 – يىل، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس> (1993 – يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى قاتارلىقلار بار.  ئابدۇللا ساۋوت ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

**********************************************************************************************

يازما ئاپتورى:

مەن ئۆزۈمدىن باشلانغان يول، ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلكىگە تاشلانغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قەدەم...




3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مۇئەللىم جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

  • رەھمەت، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
    پات-پات كېلىپ تۇرارسىز، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

  • دىل جاۋاب

    شائىر ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇرسەن بولسۇم، ئۇنىڭ ئۆزگىچە يېزىلغان غەزەللىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم ھەمدە ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم……
    ئۆزقان سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!!!!!!
    بىلوگىڭىز تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولغۇسى …..

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif