قۇش شەھىرى

ئۆزقان

 

بۇ يەردە ھېسلىرىڭ بوغۇلماس ئەركەم،

مېھىرنىڭ ئاپتىپى يېيىلغان تەكشى.

چېچچەكلەر لېۋىدىن تۆكۈلسە زەم-زەم،

ئۇرۇلار يۈرەككە سۆيگۈ تىۋىشى.

 

لىرىكا تۆكىدۇ مەيىن بىر ئاھاڭ،

بىخلىنار قەلبىڭدا يارقىن ئەقىدە.

پەرۋاز قىل قايسى چاغ كۈتەر سېنى تاڭ،

پاكلايدۇ روھىڭنى ئوتلۇق مەنزىرە.

1999-يىل، فېۋرال، قەشقەر

( «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ1999-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

يازما ئاپتورى:

مەن ئۆزۈمدىن باشلانغان يول، ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلكىگە تاشلانغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قەدەم...




2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • دىل جاۋاب

    شېئىرىڭىزنى كۆرۈپ بولۇپ كۆزلىرىمنى يۇمدۇم…ئۆزەمنى قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرغان شۇ شەھەردە كۆردۈم، قۇشلار چالغان نەغمە ناۋا قوينىمىغا پاتتىم… نە مەندىكى ئۇ ئېغىر خىياللار… نە مەندىكى ئۇ پىغانلار ….
    ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەس ئالدىم،ئۆزۈمنىمۇ شۇ قۇشلاردەك يېنىك سەزدىم …..
    كۆزلىرىمنى مەڭگۈ ئاچمىسام ……

    • ئاددىيغىنە بىر پارچە شېئىرىمغا شۇ قەدەر چۆككەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif