تۇزنىڭ مۇنداقمۇ رولى بار:
1. ئاياغ ئىچىگە ئازراق تۇز چېچىپ قويسا، پۇتتىكى تەرنى قۇرىتىدۇ ھەم سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.
2. سوغۇق سۇغا تۇز سېلىپ ئۆيگە قويۇپ قويسا، ئۆيدىكى سىرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.
3. كىىيىم يۇيغاندا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە، كىيىمنى پاكىز ھەم يېڭى قىلىدۇ.
4. ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، ئۇنى پۇختا ھەم كۆركەم قىلىدۇ.
5. يۇندا چۈشۈرگۈچكە تۇزلۇق سۇ قۇيۇپ قويسا، ئۇنىڭدىكى مەينەتلەرنى تازىلاپ، پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6. مېتال قاچا – قۇچىلارنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرسا، دات باسمايدۇ.
7. بېلىق باققان سۇغا ئازراق قۇيۇپ قويسا، بېلىقلار تېخىمۇ جانلىق ۋە ساغلام بولىدۇ.
8. چاقچۇق ياكى ئەينەك بۇيۇملارنى تۇز سۈيىدە قاينىتىۋەتسە، ئاسان چېقىلىپ كەتمەيدۇ.
يۇيۇنغاندا…
-
ئاچ قۇرساق ياكى تاماقتىن كېيىنلا مۇنچىغا چۈشمەسلىك كېرەك. ئاچ قۇرساق ياكى تاماقتىن كېيىن مۇنچىغا چۈشكەندە، ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا دەخلى يېتىپ، ئسانلا ھاردۇق يېتىش، بېشى قېيىش، ھەتتا ھۇشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-
كۆپ يۇيۇنماسلىق كېرەك. قۇرغاق قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە ئادەم ياز پەسلىدىكىدەك بەك كۆپ تەرلىمەيدۇ، تەر ئاز چىقىدۇ، ياز پەسلىدىكىدەك كۆپ يۇيۇنۇپ كېتىشمۇ ھاجەتسىز. ئەگەر كۆپ يۇيۇنۇپ كەتسە، تېرىنىڭ نورمال ئەھۋالىغا زىيان يېتىپ، تېرىدىكى سۇ ئاسان تارقىلىپ كېتىپ، تېرە ئاسان قۇرغاقلىشىدۇ.
-
يۇيۇنغاندا ۋاقىت نورمال بولۇشى كېرەك. ۋاننىدا يۇيۇنغاندا يىگىرمە مىنۇت، دۇشتا بەش مىنۇتلا يۇيۇنسا كۇپايە قىلىدۇ.ئۇزۇن ۋاقىت ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسا، تەر كۆپ چىقىپ كېتىپ، قان قويۇقلىشىپ، قان نوكچىلىرى پەيدا بولۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ، ئىسسىق سۇ تېرە ئاستىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، بەدەندىكى قاننىڭ كۆپرەكى تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قېلىپ، مېڭىگە، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-
سۇ بەك ئىسسىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. يۇيۇنغاندا سۇ بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسە، تېرە يۈزىدىكى ياغ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىپ كېتىپ، تېرىنى بەك قۇرىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىچىشقاقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-
ئىمكانقەدەر سۇيۇق سوپۇن ئىشلىتىش كېرەك. يۇيۇنغاندا قاتتىق سوپۇن ئىشلەتسە، تېرىنى غىدىقلايدۇ. يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرىنى ئاسراش مېيىنى سۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا، تېرە قۇرغاقلىشىپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.









مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt=" ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">