ئىككى شېئىر

مۇھەممەدجان راشىدىن

بىر كۈنى

 

بالاڭ ئازسا ئاھ ئۇرما يول تاپىدۇ بىر كۈنى،

ئامان بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.

 

خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،

ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

 

گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،

ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.

 

ئات بولغىچە ئاتا تاي، ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،

ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.

 

بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر كوچىلارغا تۈن بويى،

چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.

 

تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،

ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىر كۈنى.

 

ئاقنى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇن پۇشايمان،

قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.

 

بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار، ۋاقتى بار،

خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.

 

كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،

ئۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.

 

بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ ئۇلارمۇ،

ئىزىمىزدىن ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.

 

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،

يۈرۈگىڭگە ئۇلارمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.

 

سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى كۈتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،

ئوغۇل -قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.

 

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،

ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.

 

يامان دىسەڭ ئۇلارنى كىم بېرىدۇ ياخشىنى،

ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.

كەل دېمە

كەلدىمە،كۆڭلۈم،سىنى سۆيمەيدىغاننى كەل دىمە،

ئايدا-يىلدا بىركىلىپ كۆرمەيدىغاننى كەل دىمە.

 

كۆيگىنىڭنىڭ كۆڭلى نەدە،كۈنلىمە بىلمەي تۇرۇپ،

تۆت يىقىڭدا چوغ بولۇپ كۆيمىگەننى كەل دىمە.

 

سەن ۋاپادىن ناخشا ئىيتساڭ،جور بولامدۇ بىۋاپا،

گەپ-سۆزۈڭگەشۇ سەۋەپ كۆنمەيدىغاننى كەل دىمە.

 

ياخشىلىق كۆرمەس كىشى سۆيمەس نىگارغا يالۋۇرۇپ،

ياخشى يارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغاننى كەل دىمە.

 

ئاھ،ئۇرۇپ يۈرمە نادان،كەتكەن نىگارنىڭ كەينىدىن،

يۈر،دىگەندە سەن بىلەن يۈرمەيدىغاننى كەل دىمە.

 

ئاينىغاندا قۇرغۇيۇڭ كەلگەيمۇ ئىندەككە يەنە،

سەن تۇرۇپ نەلەرگىدۇر ئۈنلەيدىغاننى كەل دىمە.

 

يازما ئاپتورى:

مەن ئۆزۈمدىن باشلانغان يول، ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلكىگە تاشلانغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قەدەم...




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif