سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «تەرمە گۈللەر» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

چوڭ قىلتېرىق ۋە كىچىك قىلتېرىق

ليۇ يوڭ

       بېلىق يېگەندە كىچىك قىلتېرىقنى ئايرىش چوڭ قىلتېرىقنى ئايرىشتىن قىيىن. چۈنكى، چوڭ قىلتېرىقنى ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولىدۇ، كىچىك قىلتېرىق خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن بايقىلىدۇ.

     ئادەم بولۇشنىڭ يولىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. چوڭ خاتالىققا قارىغاندا كىچىك يېتەرسىزلىكنى ئۆزگەرتمەك تەس. چۈنكى چوڭ خاتالىق كۆزگە ئاسان چېلىقىدۇ، كىچىك يېتەرسىزلىكنى ئالاھىدە دىققەت قىلغاندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ.