ئۆزقان
يازغىن شورلۇق تەزكىرەڭنى ئۆكسۈپ قىيا تاش،
يازغىن، ئۆكسۈپ قان تامچىغان ئۇپۇق ئۈچۈن ھەم.
تونۇش دەريا نالىسىگە مۈمكىنمۇ چىداش،
ئاپئاق بۇژغۇن قەھرى ئۈچۈن يازغىن ئاشۇ دەم.
ياق، يازمىغىن، بېرەلمەيمەن ئۇنىڭغا بەرداش،
تەنھا ناخشام ـ دىل سىرىمنى بىلگەندە ئالەم.
ئاچچىق كەچمىش قۇترىشىدۇر بىر لەھزە چاقناش،
ئۇ بېرەلمەس خەنجەرسىمان قۇرلارغا بەرھەم.
زەڭگەر ئۇپۇق شولىسىدا ھالسىز مارجان تاش،
يازمىشىڭدىن سۆيگۈسىگە ئىزلەيدۇ مەلھەم.
مەن ئىزلەيمەن بولمىسا دەپ لەۋدە تۇزلۇق ياش،
ۋە بولمىسا يازمىشىڭدا سۇنغان ئەقىدەم.
يىرتىلماقتا دەشۋىشلىك دەم ساختىلىقسىمان،
ئۆز ئەينىنى كۆرسەتمەكتە نائىلاج ھەممە.
كەچمىش يەنە ئۆز تىلىدا بولماقتا بايان،
كېلەچەكمۇ ئانا تىلدا شەرھىيلىنەر ۋە.
ياز، مەيلىلا، قەدىم سىرلار بىر ساڭا ئايان،
قايسى ساختا، قايسى چىنلىق، ھەق-ناھەق نېمە.
1997-يىل، فېۋرال، قەشقەر
(بۇ شېئىر «تۇرپان گېزىتى»نىڭ1997-يىل12-ئاينىڭ8-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىپ،شۇ يىلقى«غوپۇر نۇر نامىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»دا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)