ئۆزقان
چىرايىڭدا مىڭ قۇياشنىڭ ئەكسى بار،
مىڭ ماگمىنىڭ ھارارىتى قەلبىڭدە.
كۆڭۈل-كۆكسۈڭ كەڭلىكىدە ئالەم تار،
پارلايدۇ شان تامچە تەرىڭ-ئەجرىڭدە.
ھەر بىر سۆزۈڭ سىر-ھىكمەتلەر قامۇسى،
سەنكى تىرىك جاھاننەما ئەينىكى.
سەن باركى، يوق نادانلىق غەم-قايغۇسى،
سەن ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئۆرنىكى.
مانا چەكسىز ئېھتىرامنى ھاپاشلاپ،
شاگىرتلىرىڭ كەلدى بۈگۈن پەر قېقىپ،
كۈلسۇن ئىزىڭ شان-زەپەرنى قۇچاقلاپ،
ياشا ئۇستاز، ئەل قەلبىگە نۇر چېچىپ!
1999–يىل ئۆكتەبىر، قەشقەر
(«قەشقەر گېزىتى» نىڭ 1999-يىل10-ئاينىڭ 12-كۈنى‹1311›35- سانىدا ئېلان قىلىنغان)









			 مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091						  
		
 
 
 
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt="  ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">