ئىشسىزلىق
ئۆزقان
تەنھالىق قورشىغان خانەمنى،
كېچە
روھىمغا سانچىلىپ ياغدى تۇنجى قار.
يوقلۇقنى سوراقلار بۇندا ھەر نەرسە،
سوغ شامال تام مېشىم ئىچرە پىرقىرار.
دۇئاگۇي بەندىنىڭ قاتقان قولىدەك،
پەنجىرەم كوچىغا تۇرماقتا بېقىپ.
بالاغەت پەيتىدە كىرگەن خىيالدەك،
كىرمەكتە ئىشسىزلىق ئاستا جىلمىيىپ.
بۇ كېچە يىرگەندىم تاتلىق خىيالدىن،
يىرگەندى مەندىن ھەم سوغۇق كارۋىتىم.
چۈشەندىم ئىشسىزلىق دېگەننى ئاخىر،
مۇز بولۇپ پاتقاندا قولغا سائىتىم.
شەيتاندەك جىمغىنە كىرمەكتە قىستاپ،
يالىڭاچ ئايالدەك ئۆيگە مۇھتاجلىق.
مۇدھىش بىر چۈش كۆرۈپ ئىسسىنىش كېرەك،
ئىشىكنى چەكمەستە يەنە ئىشسىزلىق.
1998-يىل، قەشقەر
(«تۇرپان گىزىتى»نىڭ 1999-يىل29-دېكابىر سانى ۋە «قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ2001-يىللىق1سانىدا ئىلان قىلىنعان)