ئۆزقان
1
گۇگۇمنىڭ قوينىدىن چىققان پەرىشتە،
شىۋىرلاپ ياش تۆكتى قەلبىمگە بۇ دەم.
ئۇپۇققا قان چاچقان ئەسەبىي ھېسلار،
مۇزلاتتى سەزگۈچتە قىرتاققىنە تەم.
قارايغان دەرەخزار ئۆكسىدى ئۇزاق،
ياپراقلار شىلدىرلاپ قالدى ئۆمچىيىپ.
مۇڭلانغان ساھىلنىڭ ئاھ، لېۋى چاڭقاق،
تۈن قارا پەردىدەك بۇ كەچ ئاي كۆيۈپ.
بۇ كېچە كەچكۈزنىڭ كېسىلدى دېمى،
بەلكىمدۇر شۇنىڭدىن ئېغىر تىنىشى.
ھىسسىمنى بوغقىنى پەرىشتە غېمى،
قەلبىمدە ياوراقلار مۇڭلۇق تىۋىشى…
2
كۈلمەك بوپ ئېھ، پەقەت قالدى جىلمىيىپ،
قەدەھتە دەلدەڭشىپ قالغان ئاچچىق مەي.
ھەسرەتلىك گۇگۇمدىن چىققان پەرىشتە،
ئاھ، يەنە ياش تۆكەر قەلبىمگە ئۈزمەي!
قارايغان دەرەخزار يۆلىدى مېنى،
قۇشلارغا تۇيدۇرماي ئېپچىقتى ئاندىن.
چوڭ يولدا ساقلىغان ھەسرەت پەيتۇنى،
ئېپكەتتى روھىمنى ئىزگۈ ماكاندىن..
توزانلار كەينىدىن بوغۇق ھېسلىرىم،
ئۇزاتتى روھىمنى مۇڭلىنىپ ئاستا.
ئەقىدە باغرىدىن سىرغىپ قانلىرىم،
يۇيۇلدى ئاداققى مەسۇم كۆز ياشتا.
1999–يىل مارت، قەشقەر
(بۇ شېئىر «قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ 1999 -يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان)