بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى دىدارىنى.

ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.

ئۈچ كۆرۈشكەندە سالۇرلەر ئاي يۈزىگە خالىنى.

تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجىرى تەييارىنى.

" />

بىر كۆرۈپ

ئەلىشىر نەۋائىي

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى دىدارىنى.

ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.

ئۈچ كۆرۈشكەندە سالۇرلەر ئاي يۈزىگە خالىنى.

تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجىرى تەييارىنى.

بەش كۆرۈپ ئالدىڭدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقىمەن.

ئالتە كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى مەستانىنى

يەتتە ئىقلىمدا يوق ئەرمىش سەن كەبى نازۇك بەدەن.

سەككىز ئۇجماقتا تىلەيمەن سەن كەبى ھۆريارىنى.

توققۇز ئۆرگىلىسەم بېشىڭدىن ئوت تېنىمدە جان كاۋاپ.

ئون قولۇم بىرلە بېسىپ سالسام دىلىمنىڭ راھىنى.

ئون بىر ئاي بولدى ناۋائى يايرىدىن ئايرىلغىلى.

گەر ئون ئىككى ئاي ئۆرۈلسە كىم تاپۇر پىنھانىنى.



4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • پاساھەتلىك شېئىر ئىكەن. ئەلشىر نەۋائىينىڭ كىتابلىرى بىزنىڭ بۇ يەردە ئانچە كۆپ ئەمەستەك ھېس قىلىمەن. نەۋائىي شۇناسلىق تېخىمۇ راجلانغاي!

    • كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! بىلوگلىرىمىز بىرلىكتە تەرەققىي قىلغاي! نەۋائىينىڭ باشقا شېئىرلىرى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…

  • قىنى مەن بىر ئىنكاس يىزىپ باقاي

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)