مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم

كېرىمجان سۇلايمان

ئوتتۇز ئۈچ

ئوتتۇز ئۈچ-سەن سۆيۈملۈك رەقەم،
ئۇلۇغلىسام ئامىتىم بىلىپ.
بۆرە بولۇپ ئۇچلايمەن قەدەم،
سۆيسەڭ يىگىت يېشىمنى كېلىپ.

 

ئوتتۇز ئۈچ-سەن ھەسرەتلىك رەقەم،
كۆرسەم يىلنىڭ ئالدىغا ئېلىپ.
ئۆتۈپ كېتەر قايتا بىر مەرتەم،
بەختىم قىزدەك تەبەسسۇم قىلىپ،

 

ئابدۇخالىق ئاشۇ يىلى ھەم،
شېھىت بولغان زۇلمەت كېچىدە.
ئوت تېشىدا كۆيگىچە ئادەم،
كۆيسە شۇنداق ئوتنىڭ ئىچىدە.

ئىككىنچى شەخسكە

قاراڭغۇدا يىرتىپ قەلبىمنى،
يېزىپ چىقتىم يۈرەك قېنىدا،
ئاي ۋە يۇلتۇز بىلەر قەدرىمنى،
شېئر بولۇپ كۆيگەن چېغىمدا.

 

ئاستا ئوقۇپ چىققىن ئىچىڭدە،
بولالمىسا ئۆتكۈزگۈچ ئۈنۈڭ.
يانارمەنغۇ قايتا ئېسىڭدە،
مېنى تولۇق چۈشەنگەن كۈنۈڭ.

 

نۇرلاندۇرۇپ روھىڭنى شۇنداق،
ۋۇجۇدۇڭدا ئويغاتسام سېزىم…
نام-ئاتاق بىر ئەرزىمەس قونداق،
زىنھار مېنىڭ يوق قونغان ئىزىم.

مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم

ـــــ ئوقۇغۇچىلىرىم خاتېرىسىگە

بىلىم قايناپ تۇرغان بۇلاقتەك،
پەخرىم سىلەر قارا كۆزلىرىم،
يوللىرىمدا يانغان چىراقتەك،
بەختىم سىلەر ئالا كۆزلىرىم.

 

ئايۋان بولۇپ كۈيلەي تىلىمدا،
مەغرۇر ئۇچقىن قارلىغاچلىرىم.
ياشايسىلەر تۇيغۇن دىلىمدا،
ئاقارسىمۇ ھەتتا چاچلىرىم…

 

چۈنكى، مېنىڭ يۈرىكىم سىلەر،
يېنىپ تۇرغان تىلىكىم سىلەر.
ئەۋلاد ئۈچۈن يىقىلمايدىغان،
بىر سەپتىكى يۆلىكىم سىلەر.

 

جۇدالىقنىڭ سائىتى يامان،
توختاتقىلى بولماس يىغلىشىپ.
ئايرىلساقمۇ بىز تاڭلا جاھان،
قالارمىزغۇ بىر كۈن سىردىشىپ.

مەي كەلكۈنى

مەي كەلكۈنى ــ ئىنسانىيەت ئۆزى ئاپىرىدە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق توپان بالاسىدۇر.

ـــ«كۆڭۈل دەپتىرىم»دىن

ۋۇجۇدىستان ــ قۇياشسىز شەھەر،
يىراقلاشقان ئۆز خۇداسىدىن.
تارىخىدا تۇغماستىن سەھەر،
مەھرۇم قالغان نۇر-جۇلاسىدىن.

 

مەي كەلكۈنى ــ ئۆزگەرتىپ شەكىل،
بېسىپ كەلگەن توپان بالاسى.
تەن دېگەن بىر خارابە سېپىل،
ئاڭلانمايدۇ روھنىڭ ساداسى.

 

ئېغىز بولدى لېيىغان بۇلاق،
شەربەت سۆزلەر ئۇنتۇلدى تامام.
شاۋقۇنلاردىن سەمرىگەن قۇلاق،
تاپتى ئاخىر سەزگۈسىز ئارام.

 

ئار گۈللىرى توزۇپ يۈزلەردىن،
شەيتان سۈنئىي قىزىللىق باسقان.
تاشقىنلىسا مەستلىك كۆزلەردىن،
زېمىن بىلەن ئالماشتى ئاسمان.

 

تومۇرلار ــ قان بۇلغانغان دەريا.
كۆپۈكلىنىپ ئاقىدۇ زەئىپ.
غۇرۇر ئاتلىق مۇقەددەس گىياھ،
ئاستا-ئاستا بارماقتا چىرىپ.

 

ھۈجەيرىلەر گويا شېغىل تاش،
ئۇخلاپ ياتقان ئۆلۈم سۈيىدە.
بىر تەبەسسۇم، يا بىر تامچە ياش،
تېپىلمايدۇ مەنا ئۆيىدە.

 

كېچە ــ ئېغىز ئالمىغان يارا،
خىرە دىلنى قاپلىغان پۈتۈن.
گۇمراھلىقىنىڭ لاتقىسى ئارا،
توختاپ قالدى تىنىقتىن بۈگۈن.

 

مەي كەلكۈنى باسماقتا ھەردەم،
ۋۇجۇدىستان ــ خۇداسىز شەھەر.
ئېتىقادتىن ياسالغام مەھكەم،
نوھ كېمىسى بەرمەكتە خەۋەر…!

ساختا مۇھەببەت

پەرۋەردىگار سىنىماق بولۇپ،
ئىككىمىزنى قوشقاندۇر، بەلكىم.
ساختىلققا بارماقتا تولۇپ،
سېنىڭ قەلبىم ھەم مېنىڭ قەلبىم.

 

تۇرغان بىلەن مەھكەم يېپىشىپ،
ئىچىمىزدە قاينايدۇ زەھەر.
ماڭدامدا بىر قەسەم ئىچىشىپ،
يۈزىمىزە قاندىن يوق ئەسەر.

 

ۋاسىتە قىلدۇق شىرىن ئېغىزنى،
جېنىمىزنى ساقلاشتۇر مەقسەت.
كىر سىققاندەك سىقسىمۇ بىزنى،
بىر تامچىمۇ چىقماس مۇھەببەت.

ئۆزۈم بىلەن مۇڭدىشىش

تۇغۇلمىسۇن قەلبىڭدە گۇمان،
سەنلا ساڭا سىرداش ھەم يۆلەك.
تامغا قۇلاق چىققاندىن بۇيان،
مۇڭدىشىڭ يوق ئۆزۈڭدىن بۆلەك.

 

چىڭ تۇت ياتتىن ئاغزىڭنى ھەردەم،
كۆڭۈل دېگەن بەزىدە كۆزسىز.
ئەركەك بولساڭ شىر كەبى بەردەم،
مەنزىلىڭگە يېتەرسەن سۆزسىز.

 

ۋاپا كۈتمە پالتا سېپىدىن،
يالغۇز دەرەخ بولساڭمۇ كېرەم.
باردۇر تاڭنىڭ قارا يىپىدىن،
ئاق يىپىنى ئاييرىغان ئىگەم.

سوئالدىن پەرلىنىش

قۇياشمۇ سەن؟ئاشىقلىق سەۋەب،
يوللىرىڭغا باقتىم تېخىچە.
كۈلۈمسىرەپ چىقمىدىڭ ئەجەب،
تەنھالىقتا كۆيدۈم بۇ كېچە.

 

يۇلتۇزمۇ سەن؟ كەلمەكتە ئۈنۈڭ،
قوللىرىمنى قىسقا دەپ كايىپ.
ئالقىنىمغا چۈشكەن شۇ كۈنۈڭ،
تىلىكم شۇ: بولمىغىن غايىپ!

 

ھاۋامۇ سەن؟ سەزگۈمدە قوغلاپ،
يا تۇتقىلى بولماس جىسمىڭنى.
قەلىمىمنىڭ ئۇچىنى چوغلاپ،
تۈن باغرىغا يازدىم ئىسمىڭنى!

غېرىبسىنىش

كۈيچى قۇشلار قاناتلىق كارۋان،
يۈكلىمەكتە باھاردىن ئارمان.
لېكىن، سەن يوق مېنىڭ قارلىغىچىم،
بولۇپ قالدىم مۇڭ باسقان ئايۋان.

 

ئېرىگەنچە مۇزلۇق تاغلارمۇ،
رەڭ تۈزمەكتە يازدا باغلارم؛
لېكىن سەن يوق مېنىڭ قۇياشىم،
توڭۇپ يۈردۈم تومۇز چاغلارمۇ.

 

يوللاردا بار سوغۇق بىر كەچمىش،
پۈركەنمەكتە ئاپئاق قارغا قىش.
لېكىن، سەن يوق مېنىڭ كۆز نۇرۇم،
ياغار غېرىب قەلبىمدە تەشۋىش.

ئىككى قۇتۇپ

مېنىڭ بولسا قار قاپلىغان قىش،
گۈل ئېچىلغان ياز پەسلى سېنىڭ.
سېنىڭ بولسا كەچكۈزدە تەشۋىش،
نەۋباھاردا خۇشاللىق مېنىڭ.

 

سېنىڭ كۈنۈڭ پاتقان ئاشۇ دەم،
ئالتۇن كۈنۈم تۇغۇلار مېنىڭ.
مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغا تولۇپ ھەم،
زۇلمەت باسا كۆڭلۈڭنى سېنىڭ.

كاككۇكنامە

ئاي يۈزى ئايدىن ئايان، زەينەپ قېنى؟
يۇلتۇزى كۆكتىن بايان، زەينەپ قېنى؟
ئوينىغان شاخلاردا ئەركىن قوغلىشىپ،
ئۇچتى باغلاردىن قايان، زەينەپ قېنى؟
يالىڭاچ دۇنيا ئېڭىمدا مۇڭلىنار،
يوق يېشىللىقتىن ماكان، زەينەپ قېنى؟
تاپمىدىم قايتا ۋىسال بۇ سۆيگۈدىن،
شۇ سەۋەب تاردۇر جاھان، زەينەپ قېنى؟
كۈتتىما شۇنچە ئۇزاقتىن تەلمۈرۈپ،
تاقىتىم تاقتۇر ھامان، زەينەپ قېنى؟
بىزنى شور دەريا ئەجەبمۇ ئايرىدى،
توستى ئالدىمنى مانان، زەينەپ قېنى؟
كۆكتە لاچىن سوقسىمۇ، جاندىن كېچىپ،
سۆيگىلى باقىي جانان، زەينەپ قېنى؟
بىلمىگەنلار مەن غېرىبلىق شاھىنى،
دەيدىكەن ئاشىق نادان، زەينەپ قېنى؟
ئۆتتى ئۆمرۈمنىڭ تېڭى پەرۋاز بىلەن،
ئاشقىلى بىللە داۋان، زەينەپ قېنى؟
قان قۇسارمەن قىچقىرىپ ھەر تاڭ-سەھەر،
كەلسىچۇ بىر مەن تامان، زەينەپ قېنى؟
ئىككىمىزنى تۇتقىلى قىسماق قۇرۇپ،
ئوۋچىنىڭ پەيلى يامان، زەينەپ قېنى؟
چۈشكىنى باشقا ئۆلۈمنىڭ سايىسى،
بولسىمۇ ئاخىر زامان، زەينەپ قېنى؟
ھەممىنى قويدۇم ساڭا قادىر ئىگەم،
بىر كۆرۈشتۈرسەڭ ئامان، زەينەپ قېنى؟

(«قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ2003-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان؛13-نۆۋەتلىك”خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى“غا ئېرىشكەن)
يازما ئاپتورى:

مەن ئۆزۈمدىن باشلانغان يول، ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلكىگە تاشلانغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قەدەم...




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif