• anatil
  • tilim
  • ishsizliq
  • ustazim
  • 1-iyun xeir
  • keqkuz
  • maqal6
  • tamam

ئانا رازى بول

ئانا رازى بول، گۆدەكلىكىمدە

تولا رەنجىتتىم،خويمۇ قاقشاتتىم.

بالىلىقتىكى چالام تۈگىمەي ،

ياشلىقىمدىمۇ سېنى ساخلاتتىم.

 

ئانا رازى بول  بالىلىق بولۇپ،

نەۋرىلىرىڭگە قاندۇرالمىدىم.

باھانەم كۆپتۇر بارغانلىرىمدىن،

باققانلىرىڭنى ياندۇرالمىدىم