• anatil
  • tilim
  • ishsizliq
  • ustazim
  • 1-iyun xeir
  • keqkuz
  • maqal6
  • tamam

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(1)


ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.

ئەل ياندۇرغان شامنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.

مولۇننىڭ توخۇغا سالام بېرىشى ياخشى نىيەتتىن ئەمەس.

ئىتمۇ كەمبەغەلگە قاراپ قاۋايدۇ.

قازانغا قۇيغان ماي تۆت سەر، پۇرايدىغان ئەرۋاھ سەكسەن ئالتە.

يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ.

چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.

بىر كۆرۈپ

ئەلىشىر نەۋائىي

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى دىدارىنى.

ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.

ئۈچ كۆرۈشكەندە سالۇرلەر ئاي يۈزىگە خالىنى.

تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجىرى تەييارىنى.

«گۈللەر سۆزلەيدۇ»

ئۆزقان

(شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شۇ ناملىق

كىتابىغا)

گۈللەر سۆزلەيدۇ، سەنمۇ سۆزلەيسەن،

كۈيلەپ ساداقەت ،سۆيگۈ ،ۋاپانى.

مېھىرلىك بېقىپ نېمە كۆزلەيسەن،

ئېيتقىن ،گۈللەرنىڭ تاجدارى-خانى!؟

ئەركىن ۋاھىدوۋ

 

ئەركىن ۋاھىدوۋ 1936–يىلى 28– دېكابىردا فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئالتىئېرىق تۈمەنىدە تۇغۇلغان.ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى(1987)،ئۆزبېكىستان قەھرىمانى(1999)،تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن(1960). ئۇ ‹‹تاڭ نەپىسى››(1961)،‹‹قوشاقلىرىم سىزگە››(1962)،‹‹يۈرەك  ۋە ئەقىل››(1963)،‹‹مېنىڭ يۇلتۇزۇم››(1964)،‹‹مۇھەببەت››(1976)،‹‹تىرىك سەييارىلەر››(1978)،‹‹روھلار ئىسيانى››(1979)،‹‹شەرقىي قىرغاق››(1982)،‹‹كېلەچەككە مەكتۇپ››(1983)،‹‹  بىدارلىق››(1985)، ئىككى توملۇق تاللانما(‹‹مۇھەببەتنامە››ۋە‹‹ساداقەتنامە››1986)،‹‹كۈي ئەۋجىدە ئۈزۈلمىسۇن  تار››(1991)،‹‹ياخشىدۇر ئاچچىق ھەقىقەت››(1992) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى.‹‹ياشلىق دىۋانى››(1968) توپلىمىدا مۇمتاز ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلدۇرغان.ئۇندىن باشقا  ئۇنىڭ يەنە ‹‹ئالتۇن دەۋىر››(1969)،‹‹ئىستانبۇل پاجىئەسى››(1985)قاتارلىق دىرامىلىرىمۇ  بار.ئۇ يەنە گىيۇتىنىڭ ‹‹فائۇست››،يېسىنىنىڭ ‹‹زىمىن دەرگاھى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە  باشقا شائىرلارنىڭ  شېئىرلىرىنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.‹‹بۈيۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن›› ئوردېنىنىڭ سىاھىبى(1997)،ھەمزە نامىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائۇرېياتى(1983).

ئانا تىلىم

داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزاتوۋىچ ھەمزاتوف داغىستاننىڭ خۇنزاخ رايونىغا قاراشلىق سادا قىشلىقىدا خەلق شائىرى ھەمزات ساداسا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بىر نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن(1945—1950) موسكىۋادا م گوركىي نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. رەسۇل ھەمزاتوفنىڭ ئىجادىيىتى 1937–يىللىرى لىرىك شېئىر يېزىشتىن باشلانغان. ئۇ كىتابخانلارغا«ھارارەتلىك ئىشىق ۋە كۆيدۈرگۈچى ئازاب»(1943)، «مېنىڭ ۋەتىنىم»(1950)، «بىزنىڭ تاغلار»(1947)، «ئاكامنىڭ قىساسى»(1952)، «داغىستان باھارى»(1955)، «تۇغۇلغان يىلىم»(1950)، «قەلبىم تاغلاردا»(1959) كەبى ئون نەچچىلىگەن شېئىرىي توپلاملارنى، «تاغ قىزى»(1958) ۋە «ئاتام بىلەن سۆھبەت»(1953) قاتارلىق داستانلارنى تەقدىم قىلغان.

ئۇ «تۇغۇلغان يىلىم» شېئىرلار توپلىمى ئۈچۈن 1952–يىلى دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،كۆپلىگەن تىللىرغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان «يۈكسەك يۇلدۇزلار»   ناملىق شېئىر توپلىمى ئۈچۈن  لېنىن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان.

يۈرەك

بار ئىدى مەندە پەقەت بىر يۈرەك،

بىلىۋالدىڭ.

قارچۇقۇمدەك ساقلىغانتىم مەن ئۇنى،

ئېلىۋالدىڭ .

بولسا ئىدى ئەگەر مەندە مىڭ يۈرەك،

چۈشەنسەڭ،

ھەممىسىنى  ساڭا ئۈزۈپ  بېرەتتىم  .

ئىشەنسەڭ !

رۇبائىيلار

مىنگەن ئات ،كىيگەن تون بەختىڭ سېنىڭكى ،
تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى .
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن ،بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.

 

كۆرۈنگەن ئامەتتىن كەتمىگىن  چۆچۈپ ،
تاغ كۆچسە كۆچسۇنكى ، سەن يۈرمە كۆچۈپ .
ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ ياشايمەن دېسەڭ ،
ئۆتكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ .

سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم جاۋاھىر

ئۆزقان

(بەختلىك بىر كۈننىڭ خاتېرىسى ئۈچۈن)

ئامەتلىك كۈن ئىدى بۇ كۈن مەن ئۇچۇن ،

چىن سۆيگۈ بېغىدىن ئالغانتىم ھوسۇل

پاكىز بىر ئەقىدە بېرىپ نىھايەت ،

تاتلىق بىر سۆيۈشنى قىلغانتىم قوبۇل!


ئېھ،بۈگۈن كۆز ئاچسام قۇياشلىق ئاسمان ،

سۈپسۈزۈك ئەسلىمە قەلبىمدە زاھىر.

ۋە لېكىن سۈت ئۇيقۇ ئىلكىدە زۆھرە ،

تەنھالىق قىيىنىغان مەن غېرىب تاھىر …

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن

ئۆزقان

يات كۆزلەرگە باقمىدىم ھەرگىز،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ؛

سۇ بېرەلمەس قولۇڭغا ئون قىز،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ! 

 

گۈللەر سۆزلەپ  تۇرار يېنىمدا،

سۆيگۈڭ ئوت بوپ ئاقار قېنىمدا؛

پاك ئەقىدەڭ كۆكلەر جېنىمدا،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن .