• anatil
  • tilim
  • ishsizliq
  • ustazim
  • 1-iyun xeir
  • keqkuz
  • maqal6
  • tamam

بىز بار چۆچەكلەر

ئۆزقان

 

جىمىرلىشار كۆكتە يۇلتۇز،

چۆچىكى ئۇ مومامنىڭ.

زىلال سۇدا ئۈزەر قۇندۇز،

چۆچىكى ئۇ بوۋامنىڭ.

 

يۇلتۇز ماڭا كۆز قىسىدۇ،

قۇندۇز ماڭا تىكىلەر.

ئېھ، مەنمۇ بار شۇ چۆچەكتە،

قولىن تۇتۇپ ئۇكامنىڭ.

ئىشچان ئەزىمەت

ئۆزقان

باشاق تېرەر بىر بالا،

قولىدا سېۋەت.

خامىنىغا تۆكتى لىقلاپ،

ئۇنى نەچچە رەت.

 

پىشانىدىن كۈمۈش تەرلەر

ئاقار چىپىلداپ.

دەيدۇ قۇياش:«ئىشچان بالا»،

ئۇنىڭغا قاراپ.

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(5)

سۈتسىز ئېنەك تولا مۆرەيدۇ.

ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.

چاشقاننىڭ ئېشىدا مۈشۈك مېھمان بوپتۇ.

قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.

شاتىراق لايغا تاش ئاتما، گىرى قىزغا قاش.

ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىرىپتۇ.

رودىپاي ئەمەل تۇتسا، ئېغىلغا زەدىۋال تارتار.

تولا قاقاخلىغان توخۇ تۇخۇمىنى ئوغرىغا بېرىپتۇ.

دارۋاز

دارۋاز

 ئابدۇللا ئارىپوۋ

 

بۇلۇتلارغا يانداش ئاسمان ئاستىدا ،

كىرپىكتىكى ياشتەك تۇرىدۇ دارۋاز

قىلىچنىڭ بىسىدەك ئارقان ئۈستىدە ،

كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ماڭىدۇ دارۋاز .

 

ئادەملەر، ئادەملەر ئۇنى ئالقىشلاڭ ،

قاراڭا، نەقەدەر  چەبدەس ،جەسۇر ئۇ .

بىزچۇ ، ئاھ ، كۆزىمىز ئوچۇق تۇرۇپمۇ ،

ئەپلەپ ماڭالمايمىز چوڭ يوللاردىمۇ ……

كېچىلەر كۆزنىكىن چېكەر تىنىقىم

ئۆزقان

ئېزىققان ھېسلار

سۆيگۈمنى دېرەكلەپ تۇرسا قاراقلار،

روھىمغا بىر تەشۋىش  تاشلايدۇ سايە.

چۈشلەردە كىرپىكتەك رەت-رەت ياراقلار،

ئويغانسام بىر نىگاھ سۆزلەر سىپايە.

ئالۇچا شورايمەن تۈندە  خىيالەن،

مۈگدىگەن ھېسلاردا زاھىر قىزىل قان.

ئاققۇدەك، نەرگىستەك سەندىكى بۇ تەن،

بەقۇۋۋەت جىسمىمنى ئەيلەيدۇ نىمجان.

خۇرشىد دەۋران

 

ئەدەبىيات

 ئەدەبىيات_شېئىر،داستان ئەمەس،
رومان ئەمەس،ھېكايە ئەمەس.
ئەدەبىيات_بىر ئازاب ئىچرە،
شىددەت بىلەن ئېلىنغان نەپەس.

ئەدەبىيات نە مىسكىن ئاھاڭ،
نە بىر چۇقان،نە قايغۇلۇق ئۈن.
ئەدەبىيات ئانا خەلق ئۈچۈن،
ۋەتەن ئۈچۈن،سۆيگۈ ئۈچۈن جەڭ.

كۈتەرمەن

ئۆزقان

كۈي سېھرىگە چۆمگەن شۇ ئاخشام،

دېرىزەڭنى چەككەنتى ناخشام.

پەنجىرەڭدىن مۇڭلىنىپ باقسام،

چىقمىدىڭ سەن، سېنى كۈتەرمەن.

 

تاپالمىدىڭ ياكى بىر ئىمكان،

ياكى قىلدىڭ مېنى ئىمتىھان؛

بىلسەڭ جېنىم، پىدا ساڭا جان،

سېنى ئويلاپ، سېنى كۈتەرمەن.

ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(4)

قەلەمنىڭ ئىشىنى قىلىچ قىلالماس.

ئوغرى يولدا قويار،قاراقچى چۆلدە.

دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا،كىچىسى پايلا.
ئوغىرلاپ كەلگەن ناغرىنى چالغىلى بولماس.
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كىيىنمۇ بىلىنەر.
بىرىپ يامان بولغۇچە،بەرمەي يامان بول.
قانچىلىك ئۇخلىساڭ ،شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
ئاتا كەسپىنى تاشلىغان،پىشانىسىنى قاشلىغان.

ئويغاق بۇلاقلار

بىر ئىزگۈ ئاھاڭدەك نازۇك شىۋىرلاش،

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېرىق قىرى- قاش؛

چىمەنلەر مەڭزىگە چېچىپ ئۈنچە-ياش،

بەختنى سۆزلەيدۇ ئويغاق بۇلاقلار.

 

قىياقلار بويىنى سۆيۈپ قانچە رەت،

چېچەكلەر رەڭگىدىن ئېلىپ ھەم قۇدرەت؛

چايقالغان ھېسلارغا بېرىپ مۇھەببەت،

ھاياتتىن سۆزلەيدۇ ئويغاق بۇلاقلار.