• anatil
  • tilim
  • ishsizliq
  • ustazim
  • 1-iyun xeir
  • keqkuz
  • maqal6
  • tamam

خاسىيەت

كېچە. كۆككە بالقىپ چىقتى ئاي،

زېمىن تېنچ ئۇيقۇدا، دېمەك…

بىر مەنزىرە بەخش ئەتكەن تۇيغۇ،

شاماللارغا تەلپۈنەر يۈرەك.

 

بەختكە تولۇپ، شادلىنىپ ئالەم،

گۈلگۈن ھايات ئۆزرە گۈل تۇتار.

پەقەت، پەقەت ئاينىڭ ئارقىدىن،

ئەگىشىدۇ ئوتلۇق بۇلۇتلار.

مەن بۈگۈن ئورمانغا كىردىم نەچچە رەت

ئۆزقان

لەپىلدەپ ياغماقتا قەلبىڭ نۇرلىرى،

 روھىمنىڭ پايانسىز، كەڭ دالاسىغا.

 مىليون يىل چاڭقىغان چىلانرەڭ تۇپراق،

 يەتكەندەك سۇ ئاتلىق دىلرەباسىغا.


بوۋايلار ئۈگۈتى تۇرار شاخلاردا،

مەن بۈگۈن ئورمانغا كىردىم  نەچچە رەت.

ئارمانلار چېچەكلەر ئېچىپتۇ ئاپئاق،

قۇياشنىڭ ئەكسىدە چاراقلار ئاق بەت !…

ئىبرەتلىك ماقال–تەمسىللەر(2)

ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ، ئادەمنى تەربىيە .
كىچىك دېمەڭ بالىنى، ئەقىل تاپار ھامىنى .
سودىگەرنىڭ يۈزى يوق، خېرىدارنىڭ كۆزى يوق.
ئوغلۇڭنى تىرىشچان قىل ، قىزىڭنى نۇمۇسچان.
چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر .
قېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا .
ھەر كىم ئۆز ئەيبىنى بىلمەس .

پۇل بولمىسا

پۇل ئەجەپ نەرسە، چاتاق، پۇل بولمىسا،

 يوق مەئىشەت نام-ئاتاق، پۇل بولمىسا،

كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،

 تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،

 كونا تاملىقتا قوناق ① پۇل بولمىسا.

 

بولسا پۇل، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ،

بولسا پۇل، قالمايدۇ ئېگىنىڭ جۇل سېنىڭ،

گۈل سېنىڭ، بۇلبۇل سېنىڭ، دۇلدۇل سېنىڭ،

بەزمە-مەشرەپ، توي سېنىڭ، مەرغۇل سېنىڭ،

يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قورساق پۇل بولمىسا.

مەرھۇم روزى سايىتنى ئەسلەيمىز

 (مەشھۇر خەلق شائىرى مەرھۇم روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

ئۆزقان

     ئون دېگەن بۇ سان بەزىبىر  ئىش-ئەمەللەرگە كۆرە ئېيتىلسا ھېچقانچە ئۇزۇن ۋاقىت تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىنسان ئۆمرىگە نىسبەتەن بۇ، ئەلۋەتتە، ئاز سان ئەمەس! بىز بۇ ساننى ئىنسان ئۆمرىگە مۇساپە قىلىپ تاللىغىنىمىزدا ئۇنى «يىل» دېگەن تەبىرلىگۈچىسى بىلەن ئەمەس، ئاۋال ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئىككى ئايغا، ئاندىن ئۇمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇز كۈنگە، ئاندىن شۇ كۈن ئۆز ئىچىگە ئالغان 24سائەتكە، ئاخىرىدا بىر سائەتنى 60مىنۇت دەيدىغان ئۆلچىمىمىز بويىچە 60 قا كۆپەيتىپ كۆرىدىغان بولساق، ئەييۇھەنناس! يەتتە خانىلىق بىر سان، يەنى 5184000دېگەن سان چىقىدۇ. دېمەك بۇ 5مىليون 184مىڭ مىنۇت دېگەنلىك. ئەمدى بۇ ئاز سان ئەمەس، بولۇپمۇ ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن  تېخىمۇ شۇنداق.

    خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، قەلب يارىسىغا مەلھەم بولىدىغان ئېسىل شېئىرلىرى ۋە چىن ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن خەلقنىڭ قەلب تۆرىگە يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن ھۆرمەتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت(مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى  بولسۇن!)  مانا مۇشۇنداق ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان، ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زېمىننىڭ ھەر بىر گىياھلىرىغىچە سىردىشىپ چىقىدىغان چىقىشقاق كىشى ئىدى.

سەھرادا قىش

قار گۈللىرى يۇيۇنار تىمتاس،

سەھرادىكى سۈزۈك روھ ئارا.

تۈن تېنىدىن تارار ئىللىق نۇر،

نۇر قوينىدا بۇ ئانا سەھرا.

 

چۈشەپ چىقار مېھىرلىك ئۆيلەر،

كېلەچەكتەك يارقىن بىر چۈشنى.

تېرىپ ئالار قۇشلار ئاۋايلاپ،

قار گۈلىدە قاتقان تىۋىشنى.

پۇل ھەققىدە ئەقلىيەلەر


تەر تۆكۈپ تاپقان پۇل سىزنى ساغلام قىلىدۇ.

تىجەپ يىغقان پۇل كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئامانەت قويغان پۇل سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.

مەبلەغ سالغان پۇل ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ.

ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سىزنى دەككە–دۈككىگە سالىدۇ.

خىيانەت قىلغان پۇل روھىڭىزنى چىرىتىدۇ.

ئوغۇرلىغان پۇل يۈزىڭىزگە داغ چۈشۈرىدۇ.

زۇلپىيە مۆمىنوۋا


زۇلپىيە مۆمىنوۋا (Zulfiya Mo‘minova) :

1959–يىلى 15–ئىيۇلدا سەمەرقەند ۋىلايىتىنىڭ نارپاي تۈمەنىدە تۇغۇلغان. تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن (1985). دەسلەپكى شېئىر توپلىمى ‹‹ ۋەتەن تاشلاپ كەتمەيدۇ›› (1988) نەشىر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە شائىرەنىڭ ‹‹ بۆشۈكلەرنى ئاسرىغىن دۇنيا ››(1988) ، ‹‹ يېنىۋاتقان ئايال›› (1993) ، ئەزىزىم ، بەختىيارمەن ››(1997) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان . 2000–يىلى ‹‹دوستلۇق ئوردېنى›› بىلەن مۇكاپاتلانغان .

سەھرادىكى قىش كېچىسى

يېتىلمەكتە بىر قەدىم ئاھاڭ،

سوزۇلماقتا ئۇپۇققا يوللار.

تۆكۈلمەكتە كۆكتىن قار گۈلى،

چۈش قوينىدا ياتار دالىلار.


لەۋلىرىدۇر قىشنىڭ ياپراقلار،

ھوردالماقتا كېچە قوينىدا.

توزىماقتا ئاپئاق نۇر بولۇپ،

سۈكۈتلەرگە چىلانغان سەھرا.