ھەممە ساڭا يوشۇرۇنغان

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-22 17:17:07

Herşey Sende GizliCan Yücelھەممە ساڭا يوشۇرۇنغانجان يۈجەل ( تۈركىيە)يەرنىڭ سېنى تارتقىنىچىلىك ئېغىرسەن،قاناتلارنىڭ كۈچەشلىرىچىلىك يېنىك...يۈرىكىڭنىڭ سوققىنىچىلىك تىرىكسەنكۆزلىرىڭنىڭ ئۇزاقنى كۆرگىنىچى...



     

    Herşey Sende Gizli

     

    Can Yücel

     

    ھەممە ساڭا يوشۇرۇنغان

     

    جان يۈجەل ( تۈركىيە)

     

     

    يەرنىڭ سېنى تارتقىنىچىلىك ئېغىرسەن،

    قاناتلارنىڭ كۈچەشلىرىچىلىك يېنىك...

    يۈرىكىڭنىڭ سوققىنىچىلىك تىرىكسەن

    كۆزلىرىڭنىڭ ئۇزاقنى كۆرگىنىچىلىك ياش...

    سۆيگەنلىرىڭچىلىك ياخشى سەن

    ئۆچ كۆرگەنلىرىڭچىلىك ئەسكى...

    نېمە رەڭ بولسا بولسۇن قېشىڭ، كۆزۈڭ

    قارشىڭدىكىنىڭ كۆرگىنىدۇر  رەڭگىڭ...

    ياشىغانلىرىڭنى پايدا سانىما:

    ياشىغىنىڭچىلىك يېقىنسەن ئاخىرىغا.

    قانچىلىك ياشىساڭ ياشا،

    سۆيگىنىڭچىلىكتۇر ئۆمرۈڭ...

    كۈلەلىگىنىڭچىلىك بەخىتلىكسەن

    قايغۇرما، بىلكى، يىغلىغىنىڭچىلىك كۈلىسەن

    بولغۇلۇق بولدى-پۈتتى دېمە ئەسلا،

    سۆيگىنىڭچىلىك سۆيۈلىسەن.

    كۈننىڭ تۇغىشىدىدۇر تەبىئەت ساڭا بەرگەن قەدىر-قىممەت

    ۋە قارشىڭدىكىنى قەدىرلىگىنىڭچىلىك ئادەمسەن.

    بىر كۈنلەردە يالغان گەپ قىلساڭ ئەگەر،

    قوي، قارشىڭدىكى ساڭا خاتىرجەم بولالىغىنىچىلىك ئىشەنسۇن.

    ئاي نۇرىدىدۇر يارغا بولغان سېغىنىشلار،

    ۋە يارىڭغا ئۇنى سېغىنغىنىڭچىلىك يېقىنسەن.

    ئۇنۇتما، يامغۇرنىڭ ياغقىنىچىلىك ھۆلسەن،

    قۇياشنىڭ ئىسىتقىنىچىلىك ئىسسىق.

    ئۆزۈڭنى يالغۇز ھېس قىلغىنىڭچىلىك يالغۇزسەن،

    ۋە كۈچلۈك ھېس قىلغىنىڭچىلىك كۈچلۈك.

    ئۆزۈڭنى گۈزەل ھېس قىلغىنىڭچىلىك گۈزەلسەن.

    مانا بۇ ھايات!

    مانا بۇ ياشىماق ۋە بۇنى خاتىرلىگىنىڭچىلىك ياشايسەن

    بۇنى ئۇنۇتقىنىڭدا، ئالغان ھەر نەپىسىڭچىلىك ئۈششۈيسەن

    ۋە قارشىڭدىكىنى ئۇنۇتقىنىڭچىلىك تېز ئۇنۇتۇلىسەن.

    گۈل سۇغۇرۇلغىنىچىلىك گۈزەلدۇر،

    قۇشلار سايرىيالىغىنىچىلىك سۆيۈملۈك

    بوۋاق يىغلىغىنىچىلىك بوۋاقتۇر.

    ۋە ھەممە نەرسىنى ئۆگەنگىنىڭچىلىك بىلەرسەن، بۇنىمۇ بىل،

    سۆيگىنىڭچىلىك سۆيىلىسەن.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.