ئاتا-ئانىڭىزغا قانچىلىك ۋەدىلەرنى بەردىڭىز

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 13:56:40

ھەر بىر پەرزەنت، ئۆزىڭىزنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا قانچىلىك ۋەدىلەرنى بەردىڭىز؟ يەنە قانچىلىك ۋەدىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىڭىز؟

    ئاتا-ئانىڭىزغا قانچىلىك ۋەدىلەرنى بەردىڭىز

    تاڭ شياۋشياۋ

    ئۇ كۈنى ئاپام تېلىۋىزوردىكى ئايروپىلاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«سەن كىچىك ۋاقتىڭدا چوڭ بولسام ساڭا ئايروپىلان ئېلىپ بېرىمەن، قەيەرگە ئۇچقۇڭ بولسا شۇ يەرگە ئۇچىسەن دەيتتىڭ».
    «مەن كىچىك ۋاقتىمدا مۇشۇنداق ئۇلۇغ غايىلىك گەپلەرنى قىلغان بولغىيتىممۇ؟ قانداقلارچە ئېسىمدە ساقلىيالمىغاندىمەن! ». مەن ئانامدىن گۇمانلاندىم، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇ قانداقلارچە ئېسىدە تۇتالىسۇن؟
    بىراق ئاپام ئۆيدىكى ئالتۇن-يامبۇلارنى بىلگەندەك مېنىڭ ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىمنى بىراقلا دەۋەتتى.
    8 ياش ۋاقتىمدا، تام قوشنىمىزنىڭ كىچىك قىزى مېنىڭدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ ئاپامنىڭ ئالدىدا كۆز–كۆز قىلغانىدى، ئاچچىقلانغان ئاپام ماڭا توختىماستن ئالىيىپ قارايتتى. مەن يېڭىلگىنىمگە تەن بەرمەستىن تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ، ئۆزۈمنى باسالمىغان ھالدا قەسەم قىلاتتىم:«بۇندىن كېيىن چوقۇم ھەر قېتىمقى ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇپ، بېشڭنى كۆتۈرۈپ، مەيدەڭنى كېرىپ يۈرىدىغان قىلىمەن».
    18 ياش ۋاقتىمدا، مەن جەنۇبتىكى بىر شەھەرگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولدۇم، ئانام بىر تەرەپتىن ماڭا ياردەملىشىپ يۈك-تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا« ئالىي مەكتەپتە ئوبدان ئوقۇ، لېكىن باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىنى ئۆگىنىۋېلىپ، رەسمىي ئىشنى كېچىكتۈرۈپ قويما»دەپ تاپىلايتتى. مەن مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن« سەن خاتىرجەم بولغىن، مەن مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان مەزگىلدە مۇھەببەتلەشمەسلىككە ۋەدە بېرىمەن!» دېدىم.
    مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەنۇبتىكى بۇ شەھەردە قېلىپ قالدىم، ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ، ئۆيگىمۇ ئاز قايتىدىغان بولدۇم. ئاپام ھەر ھەپتىسى تېلىفون قىلىپ خىزمىتىمنى، سالامەتلىكىمنى سوراپ، ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالماسلىقىمدىن ئەندىشە قىلاتتى. ھەر قېتىم ئاپامغا« ئاپا، تەتىلدە قايتىپ سېنى كۆرگىلى بارىمەن» دەيتتىم.
     
    ئاپام مۇشۇنداق دېسىلا يېقىندا بەرگەن ۋەدىلىرىمنى ئويلايتتىم.
    تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى ئاپامغا مۇنداق دېگەنىدىم:« ئاپا، ۋاقىت چىقسا سېنى ئېلىپ ساياھەت قىلغىلى بارىمەن، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل جايلىرىنى كۆرىمىز، بىراق سەن بەدەن چېنىقتۇرۇشۇڭ كېرەك!»
    يېرىم ئاي ئىلگىرى ئاپامغا مۇنداق دېگەنىدىم:« ئاپا، توردا بىر كىيىم كۆردۈم، ساڭا بەك ماس كېلىدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە پوچتىدىن ساڭا ئەۋەتىپ بېرىمەن، مالنى تاپشۇرۇۋېلىشنى كۈتسەڭ بولىدۇ».
    تېخى تۈنۈگۈنلا ئاپامغا يەنە مۇنداق دېگەنىدىم:« مەن چوقۇم تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ، سەن ياشانغاندا ساڭا كۈندە تاماق ئېتىپ بېرىمەن!»
    بۇ گەپلەرنى ئەجەپ تەرتىپلىك دەپتىمەن، بىراق نەتىجىسىچۇ؟ مەن ئەزەلدىن ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇپ باقمىدىم؛ ئالىي مەكتەپتە نەتىجىسىز مۇھەببەتلەشتىم؛ تەتىللەردە ئانامنى كۆرگىلى قايتىپ باقمىدىم. ئاپام ھەر كۈنى تامىقىنى يەپ بولۇپلا مېڭىپ، سالامەتلىك جەھەتتىن تولۇق تەييارلىنىپ بولغان ئىدى، ئەمما مەن ئۇنى قەيەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. توردا ياقتۇرۇپ قالغان كىيىمنى بولسا ئاپامنىڭ كىيىنىش ئۆلچىمىنى بىلمىگەنلىكتىن زاكاز قىلىپمۇ باقمىدىم. تاماق ئېتىشكە كەلسەك ئۇنى مۇنداقلا دەپ قويغان، بىر كىشىلىك سېتىۋېلىشقا رازىمەنكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتەلمەيمەن.
    ئاچامغا بۇلارنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇمۇ توساتتىن ماڭا ئۆزىنىڭ ۋەدىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
    بىر يىلى يازلىق تەتىلدە، ئۇ ھە دەپ ساقىلىنى ئېلىۋاتقان دادامغا:« دادا، سەن ئۇ كونا ساقال ئالغۇچنى تاشلىۋەت، كىيىن ساڭا داڭلىق ماركىلىقىنى ئېلىپ بېرىمەن» دېدى.
    دادام ئۇنى ئالىي مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغان چاغدا، كېنتاكى دۇكىنىدىن ئۆتكەندە دادام توختىماستىن ئۇنىڭغا قاراپ پىچىرلاپ سورايتتى:« كېنتاكى قانداق توخۇ»؟ ئاچام كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى:« كىيىن پۇل تاپسام كۈندە سېنى كېنتاكى يېيىشكە تەكلىپ قىلىمەن».
    ئاچام تۇغۇپ دادام ئۇنى يوقلىغىلى باردى، ئۇ ئېيىنى چىقىرىپ بولغۇچە داداممۇ ئۆيگە قايتىپ كەتتى. ئۇ ئىنتايىن ئۆكۈنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:« دادا، ۋاقتىم چىقسا سېنى كۈتۈۋېلىپ، ساڭا ھەمراھ بولۇپ ئايلاندۇرىمەن،  مەن ياشاۋاتقان شەھەرنىڭ قانداقلىقىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن»!
    لىكىن، ئاچام يولدىشىغا نورغۇن ساقال ئالغۇچ ئېلىپ بەردى، ئەمما دادامنىڭ ئۇ بىر ئۈلۈشىنى ئۇنتۇپ قالدى؛ ئۇ تونۇشلىرىنى كېنتاكى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، بىراق دادامنى بىر قېتىممۇ تەكلىپ قىلىپ باقمىدى؛ ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇ ياشاۋاتقان شەھەرنى قالايمىقان ئايلىنىپ يۈردى، ئەمما ئەزەلدىن دادامغا ھەمراھ بولۇپ باقمىدى!
    بۇلارنى دەپ بولۇپ ئاچام بىلەن ئۇزاق سۈكۈتتە تۇردۇق، قايغۇ-نادامەت خۇددى دولقۇندەك بىزنى ئاستا-ئاستا يۇتۇۋالماقتا ئىدى. بىز ھەمىشە ئاتا-ئانىمىزغا كەينى-كەينىدىن مۇشۇنداق ئاسانلا ۋەدە بېرىپتىمىز، لېكىن بۇ ۋەدىلىرىمىزنى ئەزەلدىن يۈرىكىمىزگە قويۇپ باقماپتىمىز، ئەستايدىل ئەمەل قىلىشنى تېخىمۇ ئويلىشىپ باقماپتىمىز. ئەگەر ئاتا-ئانىمىز پايدا ھېسابلىشىپ يۈرمەي بىزنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرمىگەن بولسا، ئۇلار چوقۇم بىزنى يالغانچى كۆرۈپ شۇندىن باشلاپ بىزدىن يىراق قاچقان بولاتتى.
    ھەر بىر ۋەدە ئېيتىلغاندا ئاتا-ئانىمىزغا ئۈمىد بېرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ شۇنچىلىك رەھىمسىزلىكىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى خۇددى ئاجىز گۈلگە ئوخشاش بىر قېتىم-بىر قېتىمدىن خازان قىلىدۇ، ئەمما بىز ھېچنىمىنى بىلمەيمىز.
    ھەر بىر پەرزەنت، ئۆزىڭىزنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا قانچىلىك ۋەدىلەرنى بەردىڭىز؟ يەنە قانچىلىك ۋەدىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىڭىز؟
    مەنبە: ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مەكتەپ نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورى (www.okyan.com) دىن لوقمان

     \

        ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى: okyanqamus 


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋەدە