پۇقرالار ئاڭ تەربىيەسى مەنسەپدارلاردىن باشلانسىكەن

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-01 16:25:36

پۇقرالار ئېڭ تەربىيەسى مەنسەپدارلاردىن باشلانسىكەن جۇڭگو كومپارىيەسى 17 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي دوكلاتىدا: «پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەم بۇنداق مەسى...

    پۇقرالار ئېڭ  تەربىيەسى مەنسەپدارلاردىن باشلانسىكەن


      جۇڭگو كومپارىيەسى 17 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي دوكلاتىدا: «پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەم بۇنداق مەسىلىنىڭ جڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتايلىرى تارىخدا تۇنقخ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى. ئەمما ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ خىزمەتكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىدى؛ ھەتتا ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئەكسىچە، پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىنى دەپسەندە قىلىدىغانلار چىقىۋاتىدۇ.
       بېيجخڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ دۇڭپىڭ ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 100 نەپەردىن ئارتق ئالىم ۋە باشلانغۇچ ئوتتۇرا، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى «پۇقرالىق ئېڭى ھەققىدە ئوقۇشلۇق» دېگەن تېمىدا سەككىز قىسىملىك دەرىسلىكنى تۈزۈپ چىقىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇردى. نەشردىن چىققان بۇ دەرسلىكلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئاتالغان تۆت قىسمى مۇنداق تۆت جھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان: پۇقرالار ئەخلاقى جەھەتتە: مېھرىۋانلىق، كەڭ قورساقلىق مىننەتدارلىق، دوستلۇق، ئەدەپ ـ يوسۇن، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەت، ئىززەت ـ ھۆرمەت ۋە ھەمكارلىق ھەققىدىكى تېمىلار؛ پۇقرالار قىممەت قارىشى جەھەتتە: ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، سىياسىي، ھەققانىيەت، تىنچىلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ھەقىقەت ئىزدەش، تەبىئەتكە ماسلىشىش ھەققىدىكى تېمىلار؛ پۇقرالارغا ئائىت ساۋاتلار جەھەتتە: دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت،دېموكراتىك سىياسىي، پارتىيە تۈزۈمى، ئەدلىيە ئادىللىقى، ئاممىۋى تۇرمۇش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق ـ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى تېمىلار؛ پۇقرالارنىڭ ئىشتىراكچانلىقى جەھەتتە: پىكرىي مۇلاقات، نۇتۇق سۆزلەش، مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىش، پائالىيەت تەشكىللەش، سايلامغا قاتنىشىش، ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى قوغداش، مەسئۇل تارماقلار ياكى ئاخبارات ۋاستلىرىغا مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش، تەكلىپ بېرىش ھەققىدىكى تېمىلار.
       مېنىڭچە بۇ ئىلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تازا ماس كېلىدىغا، پۇقرالار تەربىيەسى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەل شەرھلەپ بەرگەن ياخشى ئوقۇشلۇق. «ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى»، «ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن باج يىغىدۇ» ، «دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش» قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى چوڭ ئاكتۇئال مەسىلىلەردىن بولسىمۇ، ئەمما دەرىسلىكتە بالىلارغا يىقىشلىق ھېكايىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چۈشىنىشلىك سۆزلەنگەن، ھەتتا قىزىقارلىق، جانلىق قىستۇرما رەسىملەر كىشىتۈرۈلگەن. بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىك بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلار مۇشۇنداق بىر دەرىسلىكنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىنى ئېلىمىزدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇملاشتۇرۇشقا تەقەززا بولغانىدى. بىراق بەزى مەنسەپدارلار بۇ دەرىسلىكلەرگە باشقىچە قاراشتا ئىكەندۇق. بۇ ھەم ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلار دەرسلىكنى تۈزگۈچىلەر بىلەن باراۋەر پىكىرلىشىپ، يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە توغرا نىيەت بىلەن تەكلىپ بەرمەكتە يوق، ئەكسىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىغا بۇ دەرسلىكنى تارقىتىشتىن توختىش، تارقاپ بولغانلىرىنى دەرھال يىغىۋېلىش ھەققىدە  بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىكنى پېچەتلەپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ، يۈز نەچچە مائارىپچىنىڭ جاپالىق ئەجرى بىكار كەتتى.
      جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان مائارىپ سىسىتېمىمىزدا پۇقرالار تەبىيەىسگە تۈزۈك ئورۇن بېرىلمىدى. بۇنىڭ دەردىنى ئەۋلادلارلا ئەمەس، ھەتتا ھەر دەرىجىلىك مەنسەپدارلارمۇ تارتىۋاتىدۇ. دېمەك، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر؛ مەنسەپدارلارنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۇنىڭدىنمۇ زۆرۈر. 1980 ـ يىللاردىن باشلاپ كادىرلار تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا «تۆتلەشتۈرۈش» تەدبىرى يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىكى مەنسەپدارلارنىڭ مەلۇماتى ناھايىتى تېز ئۆستى. جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى؛ ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانلارمۇ خېلى بار. ئۇلار مەكتەپلەردە كاسپتىن، سىياسىيدىن، شۇنداقلا چەت ئەل تىللىرىدىن بىلىم ئالدىيۇ، ئەمما پۇقرالىق تەربىيەسى توغرىسىدا تەلىم ئېلىپ باقمىدى. شۇڭا مەنسەپدارلارنىڭ تولىسى پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسى ھەققىدە تۈزۈك بىر نېمە بىلمەيدۇ.
      ھازىر ئىنتېر تورى دەۋرىگە كىرىپ بولدۇق. شۇڭا مەنسەپدارلارنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردىكى سۆز ـ ھەركىتى ئاۋامنىڭ نازارىتى ئاستىدا. بەزى مەنسەپدارلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. ئالايلۇق: جىڭجۇ شەھىرى شەھەر پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇجۈننىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسى مۇجبىرىدىن: «سىز پارتىيە تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىمەكچىمۇ ياكى خەلق تەرەپتىمۇ؟» دېگەن سۇئال جاھانغا پۇركەتتى.  ئۇ مەنسەپدار ئاشۇ چاغدا ئېھتىمال خاتا سۆزلەپ سالغاندۇ. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ سوئالى ئېلىمىزدە ھوقۇقنىڭ خەلققە مەنسۇپلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان مەنسەپدارلارنىڭ يەنىلا كۈرمىڭلىقىنى كۆرسەتتى. قارايدىغان  بولساق، مەنسەپدارلار پۇقرالارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىنى پەرۋايغا ئېلىپ قويمايدىغان قەبىھ قىلغۇسى كەلمەيدىغان مەنسەپدارلارنىڭ يەنىلا كۈرمىڭلىغىنى كۆرسەتتى. قارايدىغان بولساق، مەنسەپدارلار پۇقرالارنىڭ ھەق ـ ھەوقۇقىنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدىغان قەبىھ قىلمىشلارنىڭ پەقەت ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ يېڭشۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «پىڭشۇنى قوشاققا قېتىش دېلوسى» ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىفېڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «مۇخبىرنى تۇتۇپ سولاپ قويۇش دېلوسى» ، خىنەن ئۆلكىكسىنىڭ لىنباۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن «ۋاڭ شۈەينى تۇتۇپ سولاپ قويۇش دېلوسى» قاتارلىق ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر مۇنچە ۋەقە مۇنداق بىر ئورتاق مەسىلىنى يەنى يەرلىكتىكى نۇرغۇن مەنسەپدارلارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بېكىتلگەن پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە ھاكىملىق قىلىۋاتقىنى ـ يەنىلا ئاتام زامانىدىن قالغان »پۇقرانىڭ ئاغزىنى ئەتكەنلىك كەلگۈسىگە تۇغان سالغانلىق» دەپ قارايدىغان قەدىمكى قارابىس ـ زالىم ئىدىيە ۋە «جامائەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئالتە ماددا» )«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان، 1979 ـ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان( بىلەن دىكتاتورا ئىدىيەسى. يەنە كېلىپ بۇنداق ئىدىيە ھازىرقى زامان پۇقرالىرىنىڭ پۇقرالىق ئىدىيەسى بىلەن پەقەتلا سىغىشالمايدۇ.
       دېمەك، مەنسەپ ـ ئىمتىياز دېگەنلەردىن مۇستەسنا ئاۋام گەرچە پۇقرالىق ئېڭى ھەققىدە سىستېمىلىق تەربىيە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىستىكىدە پۇقرالىق ئېڭى بويىچە ئاتايىن تەربىيەلەنمىسە، قولىدىكى ھوقۇقنىڭ ئىمتىيازىدىن كېبىرىي تەمەننا ئەيلەپ، ھازىرقى زامان پۇقرالىرى قوبۇل قىلالمايدىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ.
       گەپنىڭ پوسكاللىسى، مەنسەپدارلارغا پۇقرالىق ئېڭى بويىچە توقۇلما تەربىيە بېرىش تولىمۇ زۆرۈر بوپقالغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىبىر بىھۇدە توساق ـ كاشىلىلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىگە ئائىت بىلىملەرگە دەرسلىكلەردىن ئورۇن بېرىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا كەلگۈسىدىكى مەنسەپدارلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئەتىدىكى مەنسەپدارلار دەل بۈگۈنكى مۇشۇ بالىلار ئىچىدە چىقىدۇ.

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
      دېڭ دۇڭ ئىمزاسىدىكى بۇ فېليەتون «يەن ـ خۇاڭ ئاسايشلىقى» ژۇرنىلىنىڭ 2010 ـ يىل 3 ـ سانىدىن «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2010 ـ يىل ئىيۇن سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دېڭ دۇڭ يەن ـ خۇاڭ