كىشىلىك تۇرمۇش شېئىرغا ئوخشايدۇ

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-25 16:12:03

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كىشىلىك تۇرمۇش شېئىرغا ئوخشايدۇلىن يۈتاڭخەنزۇچىدىن ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى مېنىڭچە، ب

    كىشىلىك تۇرمۇش شېئىرغا ئوخشايدۇ
    لىن يۈتاڭ
    خەنزۇچىدىن ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     

       مېنىڭچە، بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ ھاياتى شېئىرغا ئوخشايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ۋەزىن ۋە رىتىملىرى، ئىچكى جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە زاۋالغا يۈزلىنىش جەريانى بولىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش پاك بالىلىق دەۋردىن باشلىنىپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە قارا تەرگە چۆمۈلۈش ئارقىلىق ئىشتىياق ۋە بىلىمسىزلىك ھالىتىدە غايە ۋە بۈيۈك جاسارەتكە كېلىپ كالۋالىق بىلەن تىرىشىپ يۈرۈپ پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ. كېيىنچە، قىرانلىق دەۋرىگە بارغاندا كەچمىشلىرى تەدرىجىي كېڭىيىپ، سەرگۈزەشتلىرى بارغانسېرى ئاۋۇپ، جەمئىيەت بىلەن بارغانسېرى قويۇق ئارىلىشىپ، بارغانسېرى چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىگە بارغاندا، كىشىلىك تۇرمۇش جىددىيلىكى ئاستىلىشىپ، ئادەمنىڭ خاراكتېرى كۈندىن-كۈنگە پىشىپ يېتىلىدۇ-دە، ۋايىغا يېتىپ پىشقان مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئېسىل مەيگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ، يەنە كېلىپ سەۋر-تاقەتلىك بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرىكىدەك ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسى بارغانسېرى مۇلايىملىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن بولسا ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلار سىستېمىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ئازىيىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىزدەكلەرمۇ قېرىلىقنىڭ چىنلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز ھەمدە ئاخىرقى ھاياتىمىزنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىمىز، تۇرمۇشىمىزمۇ رىتىملىق، تىنچ، خاتىرجەم ۋە قانائەتچان بولىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ھاياتلىق شامى لىپىلداپ قالىدۇ ۋە ئاخىرىدا بارا-بارا ئۆچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كىرىشىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.
       كىشىلەر ھاياتنىڭ ۋەزىن گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشنى بىلىۋالغىنىدا ئۇنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسىدىن، ياڭراق كولمىناتسىيىسى ۋە چۈشۈرگۈسىدىن سىمفونىيە ئاڭلىغانغا ئوخشاش ھۇزۇرلىنىدۇ. قايتا-قايتا تەكرارلانغان ئاشۇ مۇزىكا بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۈچۈن چوڭ جەھەتتە ئوخشىسىمۇ كىچىك جەھەتتە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بولىدۇ، ئەمما شەخسنىڭ مۇزىكىلىق ئەسىرىنى ئۆزى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ماسلاشمىغان ئاۋازلار بارغانسېرى يېقىمسىز بولۇپ قۇلاققا ياقماي قالىدۇ-دە، مۇزىكا داۋاملىشىشىغا ئامالسىز قىلىپ قويىدۇ، بۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ ياكى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋېلىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى باش تېمىسىنى ئۈمىدسىزلىك بىلەن توسۇۋېلىشى بولۇپ، سەۋەبى ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىشىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىندۇر. ئۇنداق بولمىسا، نورمال كىشىلەر بەلگىلەنگەن ئاخىرقى نۇقتىغا چىرايلىقچە ھەرىكەت ۋە سۈرئەت بىلەن يېتىپ بارالايدۇ. كۆپچىلىكىمىزنىڭ كۆڭلىدە تولىمۇ جىق توختاپ قېلىشلار ياكى كۈچلۈك ئاۋازلار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنداق بولۇشى رىتىم جەھەتتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ، ھاياتلىق مۇزىكىسى شۇنىڭلىق بىلەن قۇلاققا ياقماس بولۇپ قالىدۇ. بىز زەپەردەس ھالەتتە مۇقىم بولۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە كەڭ بولۇشتەك كەيپىياتىنى دوراپ پايانسىز دېڭىز قوينىغا مەردانىلىك ھەم سالماقلىق بىلەن ئېقىشىمىز كېرەك.
       كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە قېرىلىق دەۋرىلىرىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ بىر خىل گۈزەل ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېچكىممۇ ئىنكار قىلىۋېتەلمەيدۇ. بىر كۈندە تاڭ سەھەر، چىڭقى چۈش ۋە كۈنپېتىش پەيتى بولىدۇ، بىر يىلدا تۆت پەسىل بولىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ياخشى بولىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇش ئەسلىدە ياخشى، يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەرقايسى پەسىلنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، خالاس. بىز ئەگەر مانا مۇشۇنداق فىزىئولوگىيىلىك كۆزقاراشتا بولساق ھەمدە پەسىللەر بويىچە ياشىساق، تەلۋىلەشكەن ساراڭ ۋە قۇتۇلدۇرۇۋالغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن غايىپەرەسلەردىن باشقا يەنە قانداق ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشنى شېئىرغا ئوخشاش ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دېيەلەيدىكەن؟ شېكىسپىر بىر ئابزاس سۆزىدە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يەتتە باسقۇچقا بۆلۈنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆزقارىشىنى ئوبرازلىق قىلىپ بايان قىلغانىدى، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق يازغۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتقان. شۇنىسى ئەجەبلىنەرلىككى، شېكىسپىر ساداقەتمەن دىنىي مۇخلىس ئەمەس، دىنغىمۇ ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيتتى. مېنىڭچە، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار يېرى دەل مانا مۇشۇ، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشقا ئۆزىنىڭ تەبىئىي بولۇشىغا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت پوزىتسىيىدە بولغان، درامىلىرىدىكى پېرسوناژلارغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش تۇرمۇشتىكى ئىشلارغىمۇ ناھايىتى ئاز ئارىلىشىۋالغان ۋە ئۇلارنى ناھايىتى ئاز ئۆزگەرتكەنىدى. شېكىسپىر بەئەينى تەبىئەتكە ئوخشاشلا بولغانىدى، مانا بۇ بىزنىڭ يازغۇچىلارغا ياكى مۇتەپەككۇرلارغا بولغان ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىمىز ۋە تەقدىرلىشىمىزدۇر. ئۇ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرگىنى ۋە كۆزەتكىنى پېتى بىزدىن يىراق-يىراقلارغا كەتكەنىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.