قاغىلار سايلىغان پادىشاھ (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-18 19:26:32

قاغىلار سايلىغان پادىشاھئەزىز نەسىن(تۈركىيە)تۈركچىدىن خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىسى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، قەدىمكى زاماندا، يۇرتلارنىڭ بىرىدە بىر بىچارە كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ قورسىقىغا يۈگۈدەك ئوز...



    قاغىلار سايلىغان  پادىشاھ
    ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
    تۈركچىدىن خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىسى
        بار ئىكەن، يوق ئىكەن، قەدىمكى زاماندا، يۇرتلارنىڭ بىرىدە بىر بىچارە كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ قورسىقىغا يۈگۈدەك ئوزۇق ـ تۈلۈك، ئۇچىسىغا كىيگۈدەك كىيىم ـ كېچىكىمۇ يوق ئىكەن، ئەمما يامان نىيەتلىك ئەمەس ئىكەن، پۈتۈن  ئەس ـ يادى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئىكەن، ئەمما ياخشىلىقىنى قانداق ئۇسۇلدا قىلىشنى بىلمەيدىكەن. پات ـ پات:«ئاھ، قولۇمدىن كەلسە ئىنسانلارغا بىر ياخشىلىق قىلسام»دەيدىكەن.
       بۇ سۆزنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭدىن:
       ـ خوش،  قانداق ياخشىلىق قىلىسەن؟ ـ دەپ سورايدىكەن.
       ـ ياخشىلىق شۇ، ھەرقانداق ئادەمگە ياخشىلىق قىلاتتىم، قېنى شۇ كۈن بىر كەلسۇنچۇ، قانداق ياخشىلىق قىلىشىمنى ئۆزۈم بىلىمەن.
       كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كىشى تاغ باغرىدا: «يا رەببىم، ماڭا ياردەم قىلساڭ، مەن ئادەملەرگە بىر ياخشىلىق قىلىۋالسام» دەپ ئىلتىجا قىلپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئارقىدىن يېقىنلاپ كەلگەن بىر يولۇچى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ:
      ـ ياخشىمۇسەن يىگىت، ـ دەپتۇ.
      ئۇ كىشى قايرىلىپ قاراپ، ئاپپاق ساقاللىرى كىندىكىگە چۈشكەن بىر بوۋاينى كۆرۈپتۇ.
      ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بوۋا، ـ دەپتۇ ئۇ كىشى.
      ـ نېمە بولدۇڭ، نېچۈن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گەپ قىلىپ كەتتىڭ، ئاللادىن بىر نەرسە تىلەۋاتامسەن يا؟
       ئۇ كىشى بوۋايغا ئۆزىنىڭ  باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالمايۋاتقىنى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
       ئاپپاق ساقاللىق بوۋاي شۇنداق دەپتۇ:
      ـ ساڭا ئوخشاش ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغانلار كۈرمىڭ، ياخشىلىقنى قانداق ئۇسۇلدا قىلىشنى بىلسەڭ ئىدىڭ، ياخشىلىق قىلىمەن دەپ بۇنچە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەس ئىدىڭ، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش يامانلىق قىلىشتىن تەستۇر. ئالەم بەرپا بولدى، ئەمما ئۇنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.
       ساقاللىق كىشى شۇ تەرزدە كۆپ چۈشەندۈرۈپتۇ. ئەمما، ئۇ كىشى بوۋاينىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماستىن:
      ـ مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن، شۇنداق قىلىش ماڭا بىر نېسىپ بولسا ئىدى، جاھاندىكى جىمى يامانلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان بولاتتىم، جاھاندا ئاچ ـ يالىڭاچلار، يېتىم يېسىرلەر قالمىغان، ئۇرۇش ـ جېدەللەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى، ھەممە ئىشنى يول ـ يولىغا سالغان بولاتتىم، ـ دەپتۇ.
      ـ ياخشىلىق قىلىشنى بەك خالايدىكەنسەن، ئەمما شۇ ياخشىلىقنى قانداق ئۇسۇلدا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدىكەنسەن، ساڭا ئوخشاشلارنى كۆپ كۆرگەنمەن.
      ـ ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئاسان ئىش يوق بوۋا.
      ـ ھەي، دېمەك ياخشىلىق قىلىشنى بەكمۇ  خالايدىكەنسەن، ئۇنداقتا بۇ يەردە تۇرما، جاھان كەز، كۆز، شۇنداق بىر يەر ئۇچرايدۇ، شۇنداق بىر ۋاقتى كېلىدۇ، شۇ چاغدا سەنمۇ كۆزلىگىنىڭگە يېتىسەن، مۇرادىڭ ھاسىل بولىدۇ.
       ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغان كىشى ساقاللىق كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان يولغا چىقىپتۇ. مېڭىپتۇ مېڭىپتۇ، تاغ ـ داۋانلار ئېشىپتۇ، ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇ كىشى قەدىمى يەتكەنلىكى يەردە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغۇسى بارلىقىنى، ياخشىلىق قىلىش ئىستىكىنىڭ بەكمۇ كۈچلۈكلۈكىنى جاكارلاپتۇ.
       ئۇ كىشى بىر كۈن يول يۈرۈپ يىراقتىن بىر كەنتنى كۆرۈپتۇ، بۇ كەنتنىڭ ئەتراپى ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغانىكەن. ئۇ  كىشى مىڭبىر جاپادا كەنتكە كىرىدىغان دەرۋازىنى تېپىپتۇ، دەرۋازا بوسۇغىسىدىن ئاتلاپلا ھەيرانۇھەس قاپتۇ.
       مەيداندا ئىككى ـ ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم  مىغىلداپ تۇرغان، ھەممىلا ئادەم توختىماي گەپ قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق ساپتۇ.
       ـ يۇرتداشلار، مەن ھەممىڭلارغا ياخشىلىق قىلىمەن، مېنى پادىشاھ قىلىپ سايلاڭلار، مېنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن قاغىلارغا دەڭلار، قاغىلار مېنى پادىشاھ قىلسۇن، قاراپ تۇرۇڭلار، سىلەرگە قانداق ياخشىلىقلارنى قىلىمەنكى قېنى. بۇ يۇرتنىڭ ئېرىقلىرىدىن شەربەت ئاققۇزىمەن، يوللارغا ئالتۇن ياتقۇزىمەن، يامغۇر ئورنىغا ئاسماندىن شاراپ ياغدۇرىمەن، بىر قولۇڭلار مايدا، بىر قولۇڭلار ھەسەلدە بولىدۇ، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنىدە تاتلىق ـ تۈرۈم، پېچىنە ـ پىرەنىك يېيىشتىن زېرىكىپ زارلىنىسىلەر، شۇنداق راھەت كۈنگە ئېرىشتۈرىمەنكى، شۇ راھەتلەرگىمۇ تويدۇرۇۋېتىمەن، ھۆرمەتلىك يۇرتداشلىرىم! قاغىلارغا دەڭلار، مېنى پادىشاھ قىلسۇن.
      بارچە ئېغىزدىن مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ھەيران بولۇپ ئالدى ـ كەينىگە قاراپتۇ، قاراپتۇ ـ يۇ، تېخىمۇ ھەيران قاپتۇ. چۈنكى، يېنىدا بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۆزىگە تاغ باغرىدا ئۇچرىغان ھېلىقى ئاق ساقاللىق بوۋاي تۇرغانىكەن.
       ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بوۋا! ـ دەپتۇ ئۇ كىشى.
       ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم، ـ دەپتۇ بوۋاي ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ.
       ـ قاراڭ، بۇ يۇرتتا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا گەپ قىلىشىۋاتىدۇ، ئۇلار زادى نېمىگە بۇنچە كۈچەپ ۋارقىرايدۇ؟ ـ دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى بوۋايدىن.
       ـ ھەممە ئادەم ئۆزىنى ياخشىلىق قىلالايمەن، دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ياخشىلىقنى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا شۇنداق توۋلايدۇ، ـ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي.
       ـ بۇ ئادەملەر دائىم مۇشۇنداق ۋارقىرىشامدۇ؟
       ـ ياق، سايلام بولغاندا مۇشۇنداق ۋارقىرىشىدۇ، بۇ يەردە يىلدا بىر قېتىم سايلام بولىدۇ، سايلامدا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ تاللىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
       ـ نېمە ئۈچۈن؟
       ـ چۈنكى، ھەممە ئادەم ياخشىلىق قىلالايمەن دەيدۇ ھەم ياخشىلىق قىلىشنى خالايدۇ، يامانلىق قىلىشنى ئويلايدىغان بىرەرىمۇ يوق.
       ـ بۇ نېمە سايلام، كىم نېمە ۋەزىپىگە سايلىنىلىدۇ؟
       ـ پادىشاھ سايلايدۇ، بۇ يۇرت باشقا يۇرتلارغا ئوخشىمايدۇ، باشقا يۇرتتىكىلەرگە ئوخشاش پادىشاھلىق تەختى ئاتىسىدىن بالىسىغا مىراس قالمايدۇ، ھەر يىلى خەلق ئارىسىدىن بىر پۇقرا پادىشاھ بولۇپ سايلىنىدۇ، پادىشاھ بولۇپ سايلانغان كىشى ۋەدىسى بويىچە خەلققە ياخشىلىق قىلىپ قۇدرەت تاپقۇزالىسا ھوقۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا كېلەركى يىلى سايلامدا تەختنى باشقا بىرىگە ئۆكۈزۈپ بېرىدۇ، ھازىرغىچە بىر يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھ چىقىپ باقمىدى.
       ـ ھە، ئۇنداقتا نېمىشقا قاغىنى تىلغا ئېلىشىدۇ؟
       ـ بۇ يۇرتتا پادىشاھلارنى قاغىلار تاللايدۇ، شۇڭا كىشىلەر شۇنداق ۋارقىرىشىۋاتىدۇ.
        ساقاللىق كىشى شۇ گەپنى قىلىپ تۇرۇشىغا، ئاسماننى بىردىنلا قاپقارا قاغىلار قاپلاپتۇ، قاغىلار قۇياشنىمۇ توسۇپ يەر ـ جاھان قاراڭغۇلۇققا پۈركىنىپتۇ. قاغىلار كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن «قاق، قاق، قاق» دەپ قاقىلدىغىنىچە ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ، كىشىلەرمۇ تەڭلا:
       ـ قاغا دوستۇم، ئەي قاغا دوستۇم، ماڭا قارا، مېنى تاللىغىن، مانا مەن بۇ يەردە، ـ دەپ ئۇ قاغىلارغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
       قاغىلار توختىماي ئۇچىۋېرىپتۇ، كىشىلەرمۇ ئاسمانغا قاراپ ۋارقىراۋېرىپتۇ. يوغان بىر قاغا پەسكە قاراپ شۇڭغۇپ، ياخشىلىق قىلىمەن دەپ تاغۇدەشت، باغۇبوستانلارنى كېزىپ يۈرگەن ھېلىقى كىشىنىڭ بېشى ئۈستىدە ئەگىپ ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ، ئاخىرىدا «قاق!» دەپلا ئۇنىڭ بېشىغا چىچىپ قويۇپتۇ ـ دە، بىردىنلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ.
       ـ ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ، ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ! ـ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.
       نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالغان ئۇ كىشى يېنىدىكى ساقاللىق كىشىدىن سوراپتۇ:
       ـ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟
       ـ بۇ يەردە پادىشاھ مانا مۇشۇنداق سايلىنىدۇ، قاغا كىمنىڭ بېشىغا ئۈچ قېتىم چىچسا شۇ كىشى بۇ يۇرتقا پادىشاھ بولىدۇ، سەن ھازىر ئۈچتە بىر پادىشاھ بولدۇڭ، دۇئا قىل، قاغا بېشىڭغا يەنە چىچسۇن.
       دېگەندەك، قاغا بىر ئەگىپ يەنە شۇ كىشىنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ.
       مەيداندىكى كىشىلەر يەنە «ئۈچتە ئىككى پادىشاھ بولدۇڭ» دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ . كىشىلەر قاغا ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا ئۈچۈنچى قېتىم چىچىپ سالمىسۇن دەپ، بەس ـ بەستە باشلىرىنى كۆتۈرۈپ:
       ـ قاغا دوستۇم، مېنىڭكىگە چىچ، مېنىڭكىگە، قارا بۇ يەرگە! ـ دەپ قاغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
       قاغا بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلماستىن ئۈچۈنچى قېتىم يەنە شۇ ئادەمنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ.
       ـ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇ ئادەمنى پادىشاھ بولدۇڭ، دەپ مۈرىسىگە ئېلىپ سارايغا ئېلىپ مېڭىشىپتۇ. بۇ ئادەم پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشتۈرگەن قاغىلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. پۈتۈن گۈللۈك ۋە ئېتىزلارنىڭ چۆرىسىدىكى رېشاتكىلارنى قومۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەرمەن چىقىرىپتۇ. قاغىلارغا تاش ئېتىپ قوغلىۋەتكەنلەر سوتقا تارتىلىپ جازالىنىپتۇ، بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي ھەر ئائىلىنى قاغىلارغا بىر چاڭگالدىن يەم بېرىشكە بۇيرۇپتۇ.
     خەلق غودۇراشقا باشلاپتۇ، ئەمما پادىشاھنىڭ كۆزى قاغىلاردىن باشقىنى كۆرمەپتۇ، مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۆتۈپ، يېڭى سايلام باشلىنىپتۇ.
       كەنتتىكى كىشىلەر يەنە مەيدانغا توپلىنىپتۇ، يەنە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن قاغىلارغا يالۋۇرۇشقا، خەلققە قانداق ياخشىلىقلارنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىشكە باشلاپتۇ. قاغىلار توپ ـ توپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىشكە باشلاپتۇ، كۆك يۈزىنى يەنە قارا بۇلۇت قاپلاپتۇ. قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرى قۇلاق ـ مېڭىنى يەپتۇ. ھەر يىلى پادىشاھنى پەقەت بىر قاغا تاللىغان بولسا، بۇ يىل پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىنى كۆپ كۆرگەن قاغىلار ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئون قاغا بىر گۇرۇپپا بولۇپ كېلىپ پادىشاھنىڭ بېشىغا ئۈچ قېتىمدىن چىچىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئادەم يەنە بىر نۆۋەت پادىشاھ بوپتۇ، قاغىلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا تېخىمۇ ئوبدان جاۋاب قايتۇرۇش نىيىتىگە كەپتۇ. ھەربىر ئائىلىگە يىگىرمە قاغىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى بېرىپتۇ، قاغىلارنىڭ سوغۇقتىن، شامالدىن قوغدىنىشى ئۈچۈن ئۇۋىلارنىڭ ياسىتىپتۇ. قاغىلار بېقىلغانچە سەمرىپ، يوغىناپ توخۇدەك بولۇپ كېتىپتۇ.
       شۇنداق قىلىپ يەنە بىر يىل ئۆتۈپ يەنە بىر سايلام يېتىپ كەپتۇ، پادىشاھنىڭ بۇ قىلىقلىرى كۆزىگە سىغمىغان خەلق غودۇراپتۇ، غودۇراپتۇ، ئەمما ئۇلار نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ بۇ قېتىم توخۇ چوڭلۇقىدىكى يۈز قاغا ئۈچ قېتىمدىن كونا پادىشاھنىڭ بېشىغا چىچىپتۇ. ئۈچۈنچى قېتىم پادىشاھ بولغان ئۇ ئادەم بۇ قېتىم قاغىلارنىڭ ئۈستىدە بىر تالمۇ پىت بولۇشقا يول قويماسلىق، قاغىلارنى يۇيۇپ تازىلاش، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى پارقىراپ تۇرۇش، تىرناقلىرىنى ياغلاش بۇيرۇقىنى بېرىپتۇ. بۇ ئېسىل كۈتۈشلەر ئارقىسىدا قاغىلار قوي چوڭلۇقىدا يوغىناپ، كۈندىن ـ كۈنگە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، كەنتكە پاتمىغۇدەك ھالەتكە كەپتۇ. يەنە سايلام ۋاقتى كەپتۇ . بۇ قېتىم پادىشاھقا بولغان ۋاپادارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بەش يۈز قاغا ئۈچ قېتىمدىن كونا پادىشاھنىڭ  بېشىغا ھەدىيەلىرىنى تۆكۈپتۇ.
       پادىشاھمۇ ئۇلارغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بوپتۇ. قاغىلاردىن ئۆزلىرىگە يەر ئاشمىغان خەلق ئۆيىنى، يۇرتىنى قاغىلارغا ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ تاغ ـ باياۋانلارغا ماكانلىشىپتۇ. كۆڭۈل قويۇپ بېقىلغان قاغىلار يوغىناپ كالا بىلەن تەڭلىشىپتۇ. يەنە بىر سايلام ۋاقتى كەپتۇ، ھاۋادا كالا چوڭلۇقىدىكى قاغىلار قاقىلداپ ئۇچۇشقا باشلاپتۇ، ئۇلارنىڭ چۇقان ـ سۈرەنلىرىدىن يەر زېمىن تىترەپ قۇلاقلار پاڭ بوپتۇ. قاغىلار پادىشاھقا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ قېتىم ھەممىسى بىراقلا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئۈستىگە رەھمىتىنى تۆكۈپتۇ.
         كىشىلەر پادىشاھنى سارايغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېقىنلاشقىنىدا قاغا پوقلىرى ئېگىز تاغ ھاسىل قىلغان، پادىشاھ بولسا بۇ تاغنىڭ ئاستىدا تۇنجۇقۇپ ، مىجىلىپ ياتقانىكەن.
       كىشىلەر خۇشاللىقتىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ:
       ـ قاغا دوستەك، مېنى تاللا، مېنى دەپ تالىشىپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.


                      (ئەزىز نەسىننىڭ «يۇرتلارنىڭ بىرىدە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن)

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەزىز نەسىن تۈركىيە