10 نەپەر چوڭ ئادەم بېزەكلىرىدىن ئالتىسى قولغا چۈشتى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 16:46:47

يېرىم ئاي ئىچىدە ج خ مىنىستىرلىقى تۇتۇشقا ئېلان چىقارغان 10 نەپەر چوڭ ئادەم بېدىكلىرىدىن ئالتىسى قولغا چۈشتى ياقۇپ ئاكا (862) 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 27 – كۈنى. ج خ مىنىستىرلىقى ج . ت [2010] 72- نومۇرلۇق A...

    يېرىم ئاي ئىچىدە ج خ مىنىستىرلىقى تۇتۇشقا ئېلان چىقارغان 10 نەپەر چوڭ ئادەم بېدىكلىرىدىن ئالتىسى قولغا چۈشتى

     

                                     ياقۇپ ئاكا (862)

     

       2010- يىلى 9- ئاينىڭ 27 – كۈنى. ج خ مىنىستىرلىقى ج . ت [2010] 72- نومۇرلۇق A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى. 3- تۈركۈمدە 10 نەپەر بالىلار ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن خادىملارنى توشۇش ھەققىدە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇختۇرۇش قىلدى. A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇتۇش ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئارقا- ئارقىدىن جىنايەت گۇماندارى يۈ چاڭخەي، شيۇڭ جيەنچاۋلار قولغا چۈشتى. جىنايەت گۇماندارى خۋامىڭنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

       2007 – يىلى 7- ئايدىن 2010 – يىلى 4- ئايغىچە، يۇ چاڭخەي (ئەر، 1972 – يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇغۇلغان، خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى تاخې ناھىيىسىدىن) باشچىلىقىدىكى جىنايەت شايكىسى. ساياھەت قىلىش، خىزمەت تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ناملار بىلەن قىزنى ئالداپ سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان. 2010- يىلى 4- ئايدا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تاخې ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئۇلارغا دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېتكا قىلغان. 9- ئاينىڭ 27- كۈنى يۈي چاڭخەينى ج خ مىنىستىرلىقى 3- تۈركۈمدە زور بالىلار، ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن خادىملارنى ئاشكارا تۇتۇشقا بېكىتكەن، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى سەھەر سائەت بىردە تاخې ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ۋالاگەن ئورمانچىلىق مەيدانىدا سىرتتىن كەلگەن خادىملارنى تەكشۈرگەندە يۈي چاڭخەينى چېقىشتۇرغان ھەمدە ئۇنى نەق مەيداندا تۇتقان.

       2009 – يىلى 3- ئايدىن 2010- يىلى 1- ئايغىچە، شۇڭ جيەنچاۋ (ئەر، 1963- يىلى 12- ئاينىڭ 16 – كۈنى تۇغۇلغان، سىچۇەن ئۆلكىسى يۆچى ناھىيىسىدىن) باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ سىچۇەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىن ئالتە بالىنى ئالداپ خوتەنگە ئېلىپ بېرىپ ساتقان، 90 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن. 2010 – يىلى 1- ئايدا سىچۇەن ئۆلكىسى يۆچى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېتكا قىلغان. 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ج خ مىنىستىرلىقى بۇ شايكىنىڭ جىنايەت دېلوسىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلغان.

       9- ئاينىڭ 27 – كۈنى ج خ مىنىستىرلىكى شيۇڭ جيەنچاۋنى ئاشكارا تۇتۇش ھەققىدە A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان. 10- ئاينىڭ 4 – كۈنى سائەت 11 دە، مەخسۇس دېلو ساقچىلىرى يىپ ئۇچى بويىچە قوغلاپ، گاڭئەن شەھىرى لىن شۈي ناھىيىسى گۇەن يىڭچاۋ بازىرىدىكى ماشىنا بېكىتىدە شيۇڭ جيەنچاۋنى بىراقلا قولغا چۈشۈرگەن.

       2008 – يىلدىن بۇيان خۇۋامىڭ (ئەر، 1990 – يىلى 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تۇغۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈيجۇ شىنچىڭ شەھىردىن) باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، 10 نەپەر كىچىك قىزنى ئالداپ ئېلىپ بېرىپ، ئىپپەت نومۇسىنى سېتىشقا زورلىغان. 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئالدانغان بىر كىچىك قىز بىنادىن سەكرەپ قاچقان چاغدا يىقىلىپ ئېغىر يارىلانغان. 2009 – يىلى 4- ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ شايكىنىڭ جىنايىتىنى دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېتكا قىلغان. 9 – ئاينىڭ 27- كۈنى ج خ مىنىستىرلىقى خۇامىڭنى ئاشكارا تۇتۇش ھەققىدە A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان. 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ 7- كۈنى، سائەت 18 دە، ج خ ئورگانلىرىنىڭ قوغلاپ تۇتۇش ۋە A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ تەھدىتىدىن جىنايەت گۇماندارى جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلشقا مەجبۇر بولغان.

       ھازىرغىچە، ج خ مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇشقا ئېلان چىقارغان 3- تۈركۈمدىكى 10 نەپەر زور بالىلار، ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن خادىملاردىن ئالتىسى تۇتۇلدى، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى قالغان 4 نەپەر قېچىپ يۈرگەن چوڭ ئادەم بېدىكلىرىنى تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.