باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى(ھېنرى باربىيۇس)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-29 17:23:00

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھېنرى باربىيۇس (فرانسىيە) خەنزۇچە «فرانسىيە ھىكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامدىن مەھمۇت نىزامى تەرجىمىسى ھاۋا ناھايىتىمۇ ئىسسىق ئىدى. چىۋىنلار گىژىلداپ توپ -...

        باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

     ھېنرى باربىيۇس (فرانسىيە)

     خەنزۇچە «فرانسىيە ھىكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامدىن مەھمۇت نىزامى تەرجىمىسى

          ھاۋا ناھايىتىمۇ ئىسسىق ئىدى. چىۋىنلار گىژىلداپ توپ - توپ بولۇپ ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى. يولۇچىلار تام تۈۋىدىكى سايە جايلاردا مېڭىشاتتى. بۇ، سانتادىر ئۆلكىسىدىكى يېزا مەيدانلاردىن بىرى بولۇپ، يەرلىك كىشلەر كاۋادە مەيدانى دەپ ئاتىشاتتى. بۇ مەيدان ئىسپانىيەدىكى مەيدانلارغا بەكمۇ ئوخشايتتى، ئىسپانىيەنىڭ شىمالى رايوندىكى مەيدانلارغا ئوخشاپ كېتەتتى. بۇرۇنقى مىللى پوسۇندىكى كىيىملەرنى كىيىش مودا بولغان يىللىرىدا، بۇيەرنىڭ مەنزىرىلىرى خۇددى سۆرەتلەردىكىدەك گۈزەل ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى. قاتمۇ - قات تاغ چوققىلىرى، كىشنىڭ رەڭگىنى قارايتىدىغان ساپ تۇرغان ھاۋا بۇ يەرگە ناھايىتى يېقىملىق ۋە يارقىن تۈس بېرىپ تۇراتتى. چىۋىنلارنىڭ گىژىلداشلىرىدىن باشقا يەنە ئۆي ئىچىدىن بىر قېلىپتا رىتىملىق چۇقىرىشىۋاتقان بالىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدى . بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ دۇنياسىدىكى ھەممە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوخشاش ، خۇنۇك سۆرۈن تۆت تام بىلەن ئورالغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ بۇ تاشقى قىياپىتى پەقەت جەمئىيەت ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەندىلا ، ئاندىن ئۆزگىرىدىغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ سىنىپلىرىغا قارا رەڭلىك پارتىلار قاتار تىزىلغان ئىدى، بۇ پارتىلارغا ئولتۇرغان بالىلارنىڭ كىچىك باشلىرىمۇ قارا ئىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئەركىشى خۇددى گىگانت ئادەمدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى: ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. دۇنيادىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاشلا، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ماھارىتى ۋە تەمكىنلىگى بىلەن ئوتتۇزچە كىچىككىنە باشلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقتا ۋە رىيال دۇنيانىڭ بىپايان ئوبرازىنىڭ بىر قىىسىمىنى بۇ كىچىك باشلارغا قاچىلىماقتا ئىدى. كاۋادەدىكى بى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بادومىلو زورى ئىدى. ئۇ ئېغىر - بېسىق، ساددا ۋە مۇلايىم ئادەم بولغاچقا، پۈتۈن يېزىدىكىلەر ئۇنى ئەستايىدىل ئىشقا پۇختا، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر چەت يېزىدىمۇ ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان ئادىتىنى ھەممە ئادەم ماختايتتى. مۇبادا ئۇ دەرىسكە كېچىكىپ قالسا، كىشلەر جەزمەن: سائىتىم تېز مېڭىپ كېتىپتۇ، دېگەن بولاتتى. ئۇ ئىدىيە جەھەتتىمۇ خۇددى تۇرمۇشتىكىگە ئوخشاشلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. بىراق ئۇنىڭ بەزى تەشەببۇسلىرىنى، بولۇپمۇ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماقۇل كۆرۈۋەرمەيتتى. شۇڭا بەزىلەر ئۇنى قىزىل ئۇنسۇر دەيتتى. بەزى ئادەملەر ئۆزى ئىچىدە ، بۇ ئادەم قىزىل ئۇنسۇر تۇرۇقلۇق، يەنە نىمانچە سەمىمىدۇر، دەپ ئەجەپلىنەتتى. لېكىن بۇ ئادەملەرمۇ بادومىلو زورىنى ھۆرمەت قىلىشاتتى. كاۋادەدىكى ئىككى مۇھىم ئەرباپ )پوپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى( ئوقۇتقۇچىغا باشقىچە قاراشتا ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئەركىنلىك ھەمدە ئاۋام خەلقنىڭ پاراۋانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىدىن باشقا، بۇ ئوقۇتقۇچىغا ھۇجۇم قىلغۇدەك بىرەر تۇتقىلى نەرسە تاپالمايۋاتاتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا بەكمۇ ئۆچمەنلىك قىلاتتى. پوپ بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى باشلانغۇچ مەكتەپنى پايلاپ يۈرەتتى، چۈنكى مەكتەپ كېيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىدىغان زاۋۇت ـ تە، سەن كەلگۈسىنى ئۆز قۇلۇڭغا تۇتماقچى بولىدىكەنسەن، ئالدى بىلەن مەكتەپنى ئۆز قۇلۇڭدا تۇتۇشۇڭ كېرەك. يېقىندا فىرانىسكى فىيىن دېگەن بىر ئادەم ئىسپانىيىنىڭ مەكتەپلىرىنى دىندارلارنىڭ سۆرۈن كۆلەڭگىلىرىدىن ئازات قىلماقچى بولغان ئىدى. لېكىن فىيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى . ئۇ، «مەكتەپ ياشىسۇن!» دېگەن سۆزنى تولۇق ۋاقىرىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. بۇ بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ساداسى ئىدى. ئىسپانىيىنىڭ دىندارلىرى شۇ قېتىمقى ئېلىشىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپلەرگە قارىتا شەپقەتسىزلىك بىلەن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھۇجۇمنى باشلىدى. ئۇلار دەسلەپتە خاندانلىققا تاياندى، بۇ خاندانلىققا ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەڭ رەزىل ئەڭ چۈشكۈن ئەبلەخلەر توپلانغان ئىدى. كېيىن ئۇلار مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە تاياندى. قەيەردە ھەربىر ھۆكۈمران بولىدىكەن، شۇ يەر دىندارلارنىڭ دۇنياسىغا ئايلىناتتى. شۇڭا بۇ يەردە ھەربىيلەر بىلەن دىندارلار ئېغىز - بۇرۇن يالاشقان بولۇپ، «دىننىي سوت» ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى. ئىلغار قانۇننى توساپ قالغىلى بولمىغاچقا، ئۇلار خەلقنى، خەلقمۇ بارغانسېرى ئەركىنلىك ۋە بەخت‏ - سائادەتتىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ، دېگەن قۇرۇق گەپكە ئىشەندۈرمەكچى بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ بۇ خىل پاجىئەلىك مەسخىرۋازلىقنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. پوپ بىلەن ئۇنىڭ سايىسى بولغان ياردەمچى بۇ سەمىمىي ئوقۇتقۇچىغا ناھايىتى ئۆچ ئىدى، بولۇپمۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جامائەتنىڭ ھىسداشلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇلار ئۇنى تېخىمۇ خەۋپلىك دەپ قارايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ھەركىتى بىلەن گەپ- سۆزىدىن بۇزغۇنچىلىق خارەكتىردىكى بىرەر نەرسىنى تاپالمىغانلىقتىن، باشقا ئۇسۇل تېپىپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىشنى ئويلايتتى. بۈگۈنكى بەختسىز ئىسپانىيىدە، دىندارلار مەكتەپلەرگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. مەن ئېيتقان ئاشۇ كۈنى ، دەل دەرس ئۆتۈۋاتقاندا، ئىشىك توساتتىن ئېچىلدى ـ دە، قارا تون كىيگەن ئىككى پوپ سىنىپقا ئۈسۈپ كىرىپ، دەرس ئاڭلاشقا باشلىدى. زورى ئۇلارغا پەرۋا قىلماي دەرسنى ئۆتۈۋەردى. ئۇ كىچىككىنە راڭنوتتىن سوئال سورىماقتا ئىدى. ئۇ بالا بەكمۇ قورقۇنچاق ئىدى، دەرسنى ياخشى ئاڭلىمىغانلىقتىن بولسا كېرەك ئەتىمالىم، دۇدۇقلىغان ھالدا: ــ ئادالەت... باراۋەرلىك...، ــ دىدى. پوپ ئالدىغان ئىككى قەدەم تاشلاپ، ئۇ بالىنىڭ ئالدىغا باردى ـ دە، دەرغەزەپ بىلەن: ــ بۇ گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. راڭنوت نىمە دىيەرىنى بىلمەي داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. سىنىپتا ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى ھېسابلىنىدىغان ئون تۆت ياشلىق لۇئىز ئۆزىنىڭ بايا دەرسنى ياخشى ئاڭلىغانلىغىنى ھەمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى ئېسىدە تۇتۇۋالغانلىغىنى كۆرسەتمەكچى بولدى بولغاي، ئۆزلۈگىدىن ئورنىدىن تۇرۇپلا: ــ پوپ جاناپلىرى، بۇ، ئادەملەر باراۋەر بولۇشى كېرەك، دېگەن سۆز، ــ دىدى. ــ شۇنداقمۇ گەپ بولامدۇ! ــ پوپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە ئېتىلغىنچە بېرىپ مۇشتۇمىنى لۇئىزنىڭ بۇرنىغا تەڭلىدى، ــ ئۇنداق ئەمەس! بۇ بىزنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ. تەڭرى ھىچقاچان ئادەملەرنى باراۋەر دەپ ئېيتمىغان، يەنە كېلىپ سان پاۋىل تەڭرى نامىدىن ئادەملەر باراۋەر ئەمەس، دەپ ئېيتقان! ئۇ ۋاقىرايتتى. ئۇنىڭ چىكە تۇمۇرلىرى كۆپۈپ كەتكەن ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خاتىرجەم ھەم قەتئى قىياپەتتە پوپنىڭ ئالدىغا كەلدى ــ دە: ــ تەقسىر، ماڭا رۇخسەت قىلغايسىز...، ــ دىدى. پوپ ھۆكىرگەن ھالدا: ــ ساڭا نىمىگە رۇخسەت قىلىمەن! سېنىڭ يالغان ئېيتىشىڭغىمۇ؟ بۇ بالىلارنىمۇ يالغان ئېيتىشقا ئۆگىتىشىڭگىمۇ؟ ئادەملەر باراۋەر، دەپ قاراش، تەڭرى چەكلىگەن «يالغان گەپ»، ئاڭلاۋاتامسەن؟ بالىلار، ماڭا قاراڭلار: ئوقۇتقۇچىڭلار سىلەرگە يالغان ئېيتىۋاتىدۇ! ــ دىدى. ــ ئاغزىڭنى يۇم! ــ دىدى ئوقۇتقۇچى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ ، قوللىرى تىترەپ كەتتى. لېكىن پوپلار تېخىمۇ قاتتىق چالۋاقاپ كەتتى: ــ سەن جۆيلىۋاتىسەن! سېنىڭ دەرستە سۆزلىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاش. سەن چىركاۋنىڭ ئىززەت ‏- ئابرويىنى بۇلغاۋاتىسەن... ئادالەت ... ھە، ئادالەت! خرىستىئانلار ئالدىدا ئادالەتتىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ، بۇ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تەڭرى ئۆزى ئادالەت. ئۇلارغا پەقەت تەڭرىگە ئېتىقات قىلىش ۋە تەڭرىگە سېغىنىش توغرىسىدىلا سۆزلەش كېرەك! ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈزى بايىقىدىنمۇ بەتتەر تاتىرىپ، كۆزلىرى تېخىمۇ چەكچىيىپ كەتتى. بالىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئوپۇر - توپۇر بولۇپ كەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ تۈگەشكەنلىگىنى ھىس قىلدى ـ دە، دۇدۇقلىغان ھالدا: ــ سەن ئادەم ئەمەس ئىت ئىكەنسەن، ــ دىدى. ئۇ ئەمدىلا بۇ گەپنى قىلىپ تۇرۇشىغا، پوپنىڭ ياردەمچىسى ئېتىلىپ كەلدى ـ دە، ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىدىن چىڭ تۇتۇۋالماقچى بولدى، پوپمۇ قولىنى كۆتىرىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرۇشقا تەمشەلدى. ئەمما پوپ ياردەمچىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىنى تۇتالماي قالدى، چۈنكى دەل شۇ چاغدا، ئۇشتۇمتۇت ئوقنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، پوپ ئېغىر تاغ ئۆرۈلگەندەك گۈپ قىلىپ يەرگە يىقىلدى ـ دە، قىمىز قىلماي يېتىپ قالدى. پوپنىڭ ياردەمچىسىمۇ يىقىلدى، ئۇ شۇ ھامان ئۆلمەي، جان تالىشىۋاتاتتى. چىرايى دەھشەتلىك تۈس ئالغان ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەلۋىلەرچە ھەرىكىتىدىن ئېسىنى يىغىۋالدى، ئاندىن ئۈچىنچى پاي ئوقنى ئېتىپ، ئىككى ئوقۇغۇچى پوپنىڭ يېنىغا يىقىلدى. 1926 ــ يىلى، بۈيۈك بىر دۆلەتتە، ئوقۇتقۇچىلارغا ئادالەتنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئەنە شۇنداق ئۆلدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى بىر قانچە كىچىك گېزىتلەر خەۋەر قىلغان بولدى ـ يۇ، ئەمما چوڭ گېزىتلەردە كۆرۈلمىدى. چۈنكى خۇددى ئۆزەڭلەر بىلگىنىڭلاردەك، زور خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان گېزىتلەر بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى كىچىك ئىش دەپ ھىساپلاپ ، ياكى يۇشۇرۇپ باسمايدۇ-دە . -------------ئۇيغۇرچە دۇنيا ئەدەبىياتى 1984-يىللىىق 3-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق