يول بويىدا ئىنىمنى كۆرۈپ(لويۇڭ)

يوللىغۇچى : gulnisa يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-08 19:56:19

يول بويىدا ئىنىمنى كۆرۈپلويۇڭ (يىزۇ) ئابدۈشكۈر جېلىل تەرجىمىسى گۇگۇم، كوچا مەركىزىدىكى گۈللۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىزىل چىراقتا توختىدىم. تۇيۇقسىز يول بويىدىكى رىشاتكىنى تۇتقىنىچە يولنىڭ قارىش...

    يول بويىدا ئىنىمنى كۆرۈپ
    لويۇڭ (يىزۇ)


    ئابدۈشكۈر جېلىل تەرجىمىسى

     

       گۇگۇم، كوچا مەركىزىدىكى گۈللۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىزىل چىراقتا توختىدىم. تۇيۇقسىز يول بويىدىكى رىشاتكىنى تۇتقىنىچە يولنىڭ قارىشىسىدىكى بىنانىڭ چوققىسىغا قارپ تۇرغان ئىنىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ يۈزى شەپەق نۇرىدا قىزىرىپ تۇراتتى. ئۇ نەزەر سالغان تەرەپكە قارىدىم، كۆز يەتمەس جايدىن كەلگەن شەپەق نۇرى ئېگىز بىنا ، شالاڭ بۇلۇتلاردىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ  زېمىننى يالماۋاتاتتى.
    ئىنىم ئۈچ مىتىر نېرىدا. لېكىن ئۇ ماشىنىنڭ چايرەڭ ئەينىكى ئارقىسىدىكى مېنى كۆرمىدى، بۇ دۇنيادىكى يالغۇز ئاكىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى سەزمىدى، ئۇنىڭ كۆز نۇرى ئۇيان -بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرغانماشىنا ۋە ئادەملەر ئارىسىدىكى غەمكىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ شەپەق باغرىدا ئېرىپ كېتىۋاتاتتى. مەن تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈشكەن رېستۇرانغا كېتىۋاتقاچقا ، ماشىنا ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىچاقىرىشقىمۇ، ئۇنىڭ «ئاكا»دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاشمۇ ئېسىمەە يەتمەپتۇ،  ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇردۇم . يېشىل چىراق ياندى، ماي كىلاپاننى دەسسىدىم-دە، ئۇزاپ كەتتىم.
    ئىنىمنىڭ «ئاكا»دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىمىغىنىمغا ناھايىتى ئۇزۇن بوپتۇ. ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن تېلفون كەلسە «مەن ئالدىراش ئىش بولسا تېزرەك ئېيىت»دەيتىم، ئۇ ئىشنى ئۇدۇللا ئېيتاتتى،  گېپى تۈگىشىغىلا باشقا گەپ قىلماي تېلىفوننى قويىۋېتەتتىم. بەزىدە ئۇ ئىشى بولمىسىمۇ تېلفون بېرەتتى، مەن «ئىشىڭ بولمىسا نىمىگە تېلفون  قىلدىڭ ، سەن بىلەن قۇرۇق گەپ ساتقۇدەك ۋاقتىم يوق مېنىڭ »دەپ كايىتتىم، ئىنىم بوشقىنە «ھە »دەپلا تېلفوننى قويىۋېتەتتى. ئۇنىڭ ئاكا دەپ چاقىرغۇسى بولغىيمىدى -يا؟بەلكىم ئۇ چاقىرغاندۇ ، زىياپەتنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدا ئاڭلىماي قالغاندىمەن.
    ئىنىم مەندىن بەش ياش كىچىك، مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇ مېنى ئاكا دىمەي «ئاۋاق مايمۇن»دەپ لەقىمىمنى چاقىراتتى، مەن كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قوياتتىم، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇنى ئاكا دېگۈزمەكچى بولاتتىم ، ھەتتا زورلۇق قىلىپ قىستايتىم. ئۇ ئامالسىز قالغاندا «ئاكا»دەيتى-يۇ، قەستەن غەلىتى ئاھاڭدا بۇزۇپ چاقىراتتى. قويۇپ بەرسەملا يىراققا بېرىۋېلىپ «ئاۋاق مايمۇن»دەپ توۋلايتتى. ئۇنىڭ دوستلىرى بىزنى «ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بولمىش»ئاۋاق مايمۇندىن بىرەرىنى بېقىۋالغان ئوخشايدۇ دەپمۇ قالغانىدى.
    ئىنىم ئوقۇشتى  بىزار ئىدى. مەكتەپكە بارغان تۇنجى كۈنىلا سىنىپقا كىرمەي، پوتلىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ تۇرۇۋېلىپ ېېڭى كىيىملىرىنىمۇ بۇلغىۋەتكەن. سىنىپ مۇدىر يېتىلەپ سىنىپقا ئەكىرسە، قولىنى چىشلەپ قېچىپ چىقىپ، بىر تۈپ دەرەخنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلىغان، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ تاماشا كۆرگەن. ئۇ توپ ئارىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ پۇتلىشىپ يىقىلدى، بىر يانغا چۈشكەن سومكىسىغا قاراپمۇ قويماي ، قوينۇمغا ئۆزىنى ئېتىپ «ئاكا،  مەن ئوقۇمايمەن»دەپ ئۆكسۈپ يىغلىدى.
    ئۇ غازان تۆلگەن كۈز ۋاقتى ئىدى. مەن زوڭزايغىنىمچە ئۇكامنى قۇچاقلدىم، ئۇنىڭ بېشى قوينۇمدا. ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتتۈم، ماڭقىسىنى ئەرتىم، ئاندىن قولۇمنى كىيمىمگە سۈرتۈم. كىيىممنىڭ سۈرتكىدەك يېرىمۇ قالمىدى، ئاخىرى سۈرتىدىغان نەرسە تاپالماي يوپۇرماقتا ئۇنىڭ يۈزىنى سۈرتۈم، كۆزياشلىرىم يوپۇرماق ئۇۋاقلىرىغا قوشۇلۇپ تۆكۈلدى. مەن تەسەللىگە سۆز تاپالماي پەرىشان ھالدا «يىغلىما يىغلىما »دەيتىم. گۈزەل كەچكۈزنىڭ شۇ دەقىقىلىرىدە  لەقىمىمنى ئاتاپ بىزار قىلىدىغان پىستەككە ئىچىم ئاغىردى، تەمتىردىم،  ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكتۈم، مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇش تەلىپىگىمۇ ئەخمىقلەرچە قوشۇلدۇم. ئۇ چاغدا ئىنىم ئەمدىلا 1-سىنىپقا كىرگەن مەن 5-سىنىپتا ئوقۇيتىم.
    ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆيدىن يىراق جايدا ئوقۇدۇم، پەقەت ھەپتە ئاخىردىلا ئۆيگە قايتاتتىم، ھەپتەئاخىرى بولسىلا ئىنىم ئۆيىمىزنڭ ئالدىدىكى كىچىك دۆڭدە ئاق ئىتى بىلەن  بىللە مېنى كۈتەتتى، مېنى كۆرگەن ھامان «ئاپا ، ئاكام كەلدى»دەپ توۋلىغىنىچە ئۆيگە چاپاتتى، ئىتىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى.  كۈندە بىللە ئوينايدىغان  دوستلىرى چاقىرغىلى كىرسە «ئاكام كەلدى ، سىلەر بىلەن ئوينىمايمەن »دەپ چىققىلى ئۇنىمايتتى. قولۇمنى مەھكەم تۇتۇپ، تەكەببۇرلۇق بىلەن بېشىنى كۆتۈرسە بۇرىنىدىكى ماڭقىسى كۈن نۇرىدا پارقىراپ كۆرۈنەتتى.
    شۇ چاغلاردا سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ئىدى. مەكتەپنىڭ تامىقى ناچار بولغاچقا، ئۆيگە قايتساملا ئاپام ئايرىم تاماق ئېتىپ بېرەتتى. ئىنىم يىمەي بىر چەتتە قاراپ تۇراتتى. ئاپام«بۇ تاماقتا دورا بار، ئاكاڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئاكاڭ يىسۇن»دەپ گوللايتتى، ئىنىمنىڭ تۈكرۈكىنى يۇتقانلىقىنى، كەچكۈز ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزدەك چاقناق كۆزلىرىنى قاچامغا تىككەنلىكىنى كۆرەتتىم. لېكىن ئۇ «مەنمۇ يەيمەن»دىمەيتتى، تالاشمايتتى. مەن يالغاندىن تويغان بولىۋالسام ئاپام ئاندىن ئۇنىڭغا بېرەتتى. ئۇ قاچىدىكى بىر تال گۈرۈچنى يەپ بولۇپ ئاپامغا«مەن تاماق يىگەن قاچا سىز يۇغان قاچىدىنمۇ پاكىز »دەپ ماختىناتتى، «بۇ دورا تاماقتىنمۇ تەملىككەنغۇ »دەپ ئويغا چۆمەتتى.
    ئىنىمنىڭ تىقىپ قويغان نەرسىلىرى بولاتتى. ئۇ دائىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن يالىڭاچ ھالدا كارىۋات ئاستىغا كىرىپ كېتەتتى-دە، بىر ھازاغىچە ئاختۇرۇپ قولىنى كەينىگە تىقىپ چىقاتتى؛

    _____ئاكا ساڭا ئېلىپ قويغان ياخشى نەرسەم بار، تېپىپ باققىنە، ئۇ نىمە؟
    گاھىدا ياڭاق، گاھىدا بىر نەچچە تال مېۋە چىقاتتى. ئەڭ ئېسىل بىر قۇتا ھەسەل بولغانىدى. ئېنىقىنى ئېيتقاندا ھەسەلنىڭ يۇقۇندىسىلا قالغان قۇرۇق شىشە ئىدى. ئىنىمنىڭ«ھەسەل بار»دىگەن سۆزى ھەسەلدەك تاتلىق ئاڭلانغانىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئىنىم ئىككىمىز ئاۋال چوكا بىلەن ھەسەل يۇقۇندىسىنى قىرىپ ئېلىپ نۆۋەتلىشىپ يىدۇق. پۇخادىن چىقماي قۇتىنى چېقىپ قۇتا پارچىلىرىدىكى ھەسەل قالدۇقلىرىنىيالاپ يېيىشتۇق.
    __ئاكا تاتلىقمىكەن؟
    __تاتلىقكەن، سېنىڭچۇ؟
    __ۋاھ تاتلىقلىقىدىن كۆتۈممۇ يايراپ كەتتى.
    ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىككىمىز ئۇزۇنغىچە كۈلۈشتۇق.
    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ئىنىمنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتمىدى. ئۇ ئەسكەرلىككە بېرىشقا ئوتتەك قىزىدى، لېكىن سالامەتلىكى ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۋەتتى. شۇندىن كېيىن كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي ئۇيان-بۇيان سوقۇلۇپ بۈگۈنگە كەلدى. بىز چوڭ بولغانچە يىراقلىشىپ كەتتۇق. ئۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمىغاندىلا ئاندىن ماڭا تېلفون بېرىپ بىچارىلەرچە «ئاكا ياردەم قىلارسەنمۇ؟»دەيتتى، ھەتتا بەزىدە ئېھتىيات بىلەن ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنۇپمۇ باقاتتى. مەن ئۇنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيتتىم،  ئۇنىڭ تەلىپىدىن غەزەپلىنەتتىم، «ھە، ياشاشنىڭ تەسلىكىنى بىلگەنسەن؟ئەينى چاغدا نىمىشقا ياخشى ئوقۇمىغان؟نىمىشقا تىرىشمىغان؟»دەپ دوق قىلاتتىم. ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە پالاقلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ باقماپتىمەن. تېلفوننىڭ ئۇچېتىدىكى بەستىلىك ئىنىمنىڭ تېلفون تۇتقان ھالىتى بۈگۈنكى گۇگۇمدىكىدەك غەمكىن، ئۈمۈدسىز ۋە بىچارە بولغىيمىدى؟ئۇ كىچىك ۋاقتىدىكىدەكلا ماڭا تايىنىدۇ، لېكىن مەن كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك قۇچۇقىمنى ئېچىپ ئۇنى باغرىغا باسالمىدىم، يۆلەك بولالمىدىم، ۋەدە بېرەلمىدىم. بەلكىم ئۇنىڭ باشقا تەلىپى يوقتۇ، مېنى «ئاكا» دەپ چاقىرغۇسى كەلگەندۇ، يېشىنى سۈرتۈپ، مەدەت بېرىشىمنى ئارزۇ قىلغاندۇ، خۇددى ئاشۇ كەچكۈزدە مېنىڭ مەدىتىم بىلەن«قورقۇنۇچلۇق»سىنىپقا ئاستا-ئاستا قەدەم باسقىنىدەك.
    ئىنىم كوچىدىكى ئادەم دېڭىزىدا ھەيكەلدەك  جىمجىت تۇرىدۇ. ئۇ نىمىنى ئويلاۋاتقاندۇ؟مەندەك ئاكىسىنى ئەسلىگەنمىدۇ؟يىللار توزانلىرىغا كۆمۈلگەن كەچمىشلىرىنى ئەسلەۋاتقانمىدۇ؟
    ماشىنىنى يول بويىدا توختاتتىم، ئىنىمغا تېلفون بەرمەكچى بولدۇم-يۇ، تۇيۇقسىز كۆزلىرىمگەياش كەلدى. تېلفوننى ئاستا يېپىپ قويدۇم. ئاھ سۆيۈملۈك ئىنىم، ئەركىلەتمە ئىسمىڭنى ئەسلىيەلمىدىمغۇ. ..


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.