ئىبرەتلىك ھېكايە2-جەننەت ۋە دوزاخ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-14 16:34:00

ئۆزىدىن سوراش ھورۇن ئۆلگەندىن كېيىن ئاخىرەتتە پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر ئوردىنى ئۇچىرىتپتۇ - دە ، خۇشال بولغان ھالدا بۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ . ئوردا مۇئەككىلى ئۇنىڭغا : _ سەن يەپ - ئىچىشكە ئا...

    ئۆزىدىن سوراش

    ھورۇن ئۆلگەندىن كېيىن ئاخىرەتتە پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر ئوردىنى ئۇچىرىتپتۇ - دە ، خۇشال بولغان ھالدا بۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ .

    ئوردا مۇئەككىلى ئۇنىڭغا :

    _ سەن يەپ - ئىچىشكە ئامراقمۇ ؟ بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى خالغىنىڭچە يە ، ئۇخلاشنى ياخشى كۆرەمسەن ؟ بۇ يەردە قانچە كۆپ ئۇخلىساڭمۇ ھېچكىم ساڭا دەخلى قىلمايدۇ ؛ كۆڭۈل ئېچىشقا ئامراقمۇ ؟ بۇ يەردىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى خالغىڭنىچە تاللاپ ئىشلەت ؛ سەن خىزمەت قىلىشقا ئۆچمۇ ؟ ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى ، بۇ يەردە سەن قىلىشقا خىزمەت يوق ، - دەپتۇ .

    ھورۇن بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولغان ھالدا ئوردا ئىچىدە ئۈچ ئاي يەپ - ئىچىپتۇ ، ئۈچ ئاي ئۇخلاپتۇ ، ئۈچ ئاي كۆڭۈل ئېچىپتۇ.

    بىراق ئۇ زېىرىكىشكە باشلاپتۇ . شۇڭا ئۇ ئوردا مۇئەككىلىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئاغىرىنغان ھالدا :

    _ بۇنداق كۈن بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، ھەقىقەتەن ئەھمىيتى يوقكەن . يەۋەرسەم سەمىرىپ كېتىدىكەنمەن ، ئۇخلاۋەرسەم كاللام ئىشلىمەس بولۇپ قالىدىكەن . سىز ماڭا بىرەر خىزمەت بېرەلەمسىز ؟- دەپتۇ .

    _ بولمايدۇ ، بۇ يەردە خىزمەت يوق ، - دەپتۇ مۇئەككەل .

    يەنە ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ . ھورۇن ئەمدى پەقەتلا چىداپ تۇرالماي ئوردا مۇئەككىلىگە :

    بۇ كۈنلەرگە مەن راستىنلا چىداپ بولالمىدىم . ئەگەر سىز ماڭا راستىنلا خىزمەت بەرمىسڭىز ، مەن دوزاخقا چۈشۈشكە رازىكى ، بۇ يەردە ھەرگىز تۇرالمايمەن ، - دەپتۇ .

    ئوردا مۇئەككىلى دەپتۇ :

    _ سەن بۇ يەرنى جەننەت دەپ قالغانمىدىڭ ؟ بۇ يەر ئەسلىدە دوزاخ . ئۇ سېنى غايىسىز ، ئۈمىدسىز قىلۋېتىدۇ. بۇنداق روھى جەھەتتىكى ئازاب پىچاق بىسلىق تاغقا چىقىشتىنمۇ ، قازاندىكى مايغا چۈشۈشتىنىمۇ ( پىچاق بىسلىق تاغقا چىقىش، قازاندىكى مايغا چۈشۈش _ بۇددا دىنىدىكى ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن گۇناھكارلارنى جازالاش ئۈچۈن تەييارلانغان جازالاش قورالى ) ئازابلىق !

    ئۆزۈمدىن سوراپ باقاي ! ھازىرقى مەن دوزاختىن قېچىپ چىقىىشىم كېرەكمۇ ياكى سەكرەشكە تەييارلىق قىلىشىم كېرەكمۇ ؟

    << كىروران ژورنىلى>> دىن ئېلىنغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق