يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ 2015-يىلى ۋە 1937-يىلى 2015-12-15 2015-يىلى دەل ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى 2007-يىلى پارتلىغاندىن بۇيانقى 8-يىلى، ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ كاساتچىلىق 1929-يىلدىن باشلانغان، 1929-يىلدىن 8 يىل ئۆتۈپ 1937-يىلغا كەلگەندە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش دەۋرى يەنە بىر قېتىم چېكىنش دەۋرىگە كىرگەن ئىدى. تەپسىلاتى
ھىندىستان «چوڭ دۆلەتلەر ئويۇنى»غا قوشۇلدى 2015-03-18 نۇرغۇن كىشىلەر داغدۇغىلىق ئىسلاھاتنى كۈتمەكتە، ئەمما ھازىر ئۇلار ئېرىشكىنى بىر قاتارلىق ئەمەلىي لېكىن ھېچقانداق يېڭىلىقى يوق ئىلگىرىلەشتۇر. چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندىستان خەلق پارتىيىسى (باراتىيا جاناتا) ماھىيەتتە سودا قورۇقچىلىقىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. مودى چەتئەل كاپىتالى ۋە تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياج بىلەن مەزكۇر پارتىيە يولغا قويغان مۇداپىئە تىپىدىكى مىللەتچىلىك ئارىسىدا بىر چىقىش يولى تېپىشقا ئۇرۇندى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى بەك ئېھتىياتچان دەپ قارىدى. تەپسىلاتى
بارغانسېرى بۆلۈنۈپ كېتىۋاتقان دۇنياغا قانداق يۈزلىنىش كېرەك 2015-02-26 يەرشارىلىشىشنىڭ چېگىراسى چېكىنمەكتە. ۋاشىنگىتون ئورتاق تونۇشى ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟ 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە يىمىرىلىشى ئەسلىدە شەكىللىنەيلا دەپ قالغان دۇنيا كاپىتال بازىرىنىڭ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىگە خاتىمە بەردى. ھۆكۈمەت باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەرزىنى تۆلىۋېتىشنى رەت قىلغانلىقتىن، بانكا كەسپى يەنىلا دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى. تەپسىلاتى
ئوباما نېمىشقا ھىندىستانغا دو تىكىدۇ 2015-02-14 ئۈچىنچىدىن، ئوباما بىر قۇدرەتلىك ھىندىستان ئارقىلىق كۈنسېرى قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگونى ئاجىزلىتىشقا موھتاج. ئوخشاش سەۋەبنى چىقىش قىلىپ ھىندىستانمۇ ئامېرىكىغا موھتاج. ئىككى رەھبەر بۇ نۇقتىنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلمايدۇ. ئەمما ئوباما 1-ئاينىڭ 26-كۈنى پاراتتا ھىندىستاننىڭ يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرگەن پەيتتە، بۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا بارلىق كۈچى بىلەن ھىندىستاننىڭ يادرو قورالى قارا نىيىتىنى باستۇرماقچى بولغان ئىدى، ئەمما ھازىر ھىندىستاننىڭ ماشىنىغا بېسىلغان يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى مەيداندا مېڭىپ ئۆتكەندە، ئوباما دەل سەھنىدە قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ. تەپسىلاتى
يەر شارىنىڭ 2015-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلەر-2 2015-02-09 بىراق، كىشىنى سەگەكلەشتۈرىدىغان ئىككى مۇمكىنچىلىك بۇ ھۆكۈمنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئالدى بىلەن، پۇتىننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەربنىڭ كۆزەتكۈچى زاتلىرى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى يۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، پۇتىننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر تاكتىكىسى ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى قوللاش ۋە مىللەتچىلىكنى ئۇلغايتىشتۇر. ئەمما گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، موسكۋاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا 2015-يىلى ئۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ ئىقتسادىي ۋە ھەربىي خەۋپ-خەتىرى قارىماققا بەك چوڭ. تەپسىلاتى
جۇڭگونىڭ 2015-يىلىدىكى بەش چوڭ تېما ھەققىدە ئانالىز 2015-01-27 ئىقتىسادىي دەۋرىيلىكنىڭ دائىم پۇل پاخاللىقى دەۋرىيلىكىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بىز پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان چۈشۈپ كېتىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2010-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلا ئاستىلاشقا باشلىغانلىقى سەۋەبلىك دەپ قارايمىز. ئەگەر يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى ئاساسىي ئېھتىياجنى كۆرسەتكۈچ ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولساق، ئۇنداقتا 2015-يىلدىكى ئومۇمىي پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەپسىلاتى
يەر شارىنىڭ 2015-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلەر-1 2015-01-17 بۇ ئەلۋەتتە خەۋپ-خەتىرى بار بىر سىناق. بىز 2013-يىلى يازغان يېڭى يىللىق پەرەز ماقالىسىنى ئەسلەپ باقساق، ئۇنىڭدا نەچچە تۈرلۈك پەرەزنى ئەمدى سۆزلىگۈمىز يوق. كرىس جىلېس (Chris Giles) ئەينى چاغدا ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2014-يىلى ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. سىمون كۇپېر (Simon Kuper) بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىدا چىمپيون بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. كلىۋ كۇكسون (Clive Cookson) ۋىرگىن سامان يولى جەمئىيىتىنىڭ 2014-يىلى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا ئالەم قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. تەپسىلاتى
يېڭى «مارشال پىلانى» مۇ 2015-01-15 جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەدەپ مال-مۈلۈك سېتىۋالدى، پرايېۋس (Piraeus) پورتىنى ياسىدى ۋە كونتېينېر پرىستانىنى يۈرۈشتۈردى، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گورۇھى شىركىتى بولسا پورتۇگالىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى ئېنىرگىيە شىركىتىنى سېتىۋالدى-پورتۇگالىيە ئېلېكتىر كۈچى شىركىتىنىڭ (EDP) %20 پاي ھوقۇقى ھەمدە جۇڭگو ئىگىدارچىلىقىدىكى بايلىق فوندى جۇڭگو مەبلەغ سېلىش شىركىتى تامېس سۇچىلىقىنىڭ (Thames Water) %9 پاي چېكىنى سېتىۋالدى. تەپسىلاتى
رۇسىيە ئاندىن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ دۈشمىنى 2015-01-12 بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان دىققىتى ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە قاراتقان دىققىتىنى چېچىۋەتتى دەپ ئەندىشە قىلدى. بىر ئەمەلدار شۇنداق ئويدا:«مەن تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق خاتىرلەيدىغانلىقىنى راستىنلا بىلگۈم بار، 2014-يىلى باھاردا بىز دىققىتىمىزنى ئۇكرائىناغا زىيادە قارىتىۋەتتۇق، لېكىن ئەينى چاغدا 'ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى كەڭ زېمىننىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى» دېدى. تەپسىلاتى
OPEC دەۋرى ئاخىرلاشتى 2015-01-08 بۇ سەھنە چېچىلاڭغۇ خام چوت ۋە دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەن ئىناۋەت بىلەن تولغان. ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئورنى كۆرسىتىلگەن يىل بېشىدىكى خام چوتلاردا 150 ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت باھاسىنى مۆلچەر قىلغان بانكا ۋە مەسلىھەت بېرىش ئورگانلىرى ياكى نېفىت باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىشى «مۇمكىن ئەمەس» دېگەننى ئاساس قىلغان سەلبىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزگەن كارخانىلار ئېچىنىشلىق كۈنگە قالىدۇ. تەپسىلاتى
2015-يىللىق ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر 2015-01-03 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى سودا سوممىسى 2012-يىلدىن بۇيان ئىزچىل توختاپ قېلىش ھالىتىدە تۇرغان، لېكىن يەر شارى سودا مىقدارى بولسا 2011-يىلدىن باشلاپلا توختاپ قلغان. ئۈچ چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاتىلىشى ھەمدە سودا قورۇقچىلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىدىكى ئامىلدۇر، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ سودىغا بولغان تايىنىشىنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقىنى ئويلاشقاندا، يەر شارى سودىسى ھەرىكەتلەندۈگۈچ كۈچىنىڭ يوقىلىشى ئېھتىمال ئوتتۇرا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئىقتىسادىي ئېشىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تەپسىلاتى
«كىم جوڭئۇننى قەستلەش» نېمىشقا شىمالىي كورىيەنى غەزەپلەندۈرىدۇ 2015-01-01 خەلقئارا جەمئىيەتتە شىكايەت قىلىنىشى مۇمكىن بولغاچقا، كىم جەمەتى ھەمدە ھاكىمىيىتىنى قوغدىغۇچىلار ناھايىتى سەزگۈر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكول كىربىي (Michael Kirby) كىم جوڭئۇنغا يازغان خېتىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بىر يىغىۋېلىش لاگىرى سىستېمىسىدە ئەڭ ئاخىرقى مەسئۇلىيىتى بارلىقى سەۋەبلىك خاگې خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. تەپسىلاتى
دۇنيا ئەندىزىسى قانداق ئۆزگىرەيدۇ 2014-12-22 سىياسىي تەھلىلچى زاتلار دائىم خەلقئارا شاھمات ئارقىلىق دۇنيا ئىشلىرىنى مىسال قىلىدۇ. ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە شەخسلەر دۇنيادىن ئىبارەت شاھمات تاختىسىدا ھىيلە ئىشلىتىپ، تىرىشىپ ئۈستۈنلۈك توپلايدۇ. پات-پات بىر ئالاھىدە ئۇستا كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ يېپيېڭى شاھمات يولى ئارقىلىق پۈتكۈل شاھمات ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، خۇددى 1972-يىلى رىچارد نىكسون ۋە ھېرى كىسىنگېر جۇڭگونى زىيارەت قىلغان «مۇز يېرىش ساياھىتى»غا ئوخشايدۇ. تەپسىلاتى
بېل گايتىس ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سودا كىتابى 2014-12-16 شۈبھىسىزكى، نۇرغۇنلىغان سودا ھالقىلىرىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئەمما ئاساسىي پىرىنسىپ يەنىلا ئوخشاش. مەيلى ئۆتمۈش ياكى ھازىر بولسۇن، بىرۇكسنىڭ سودىغا بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تەپسىلاتى
سۈنئىي ئەقىل ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلامدۇ 2014-12-13 ئۇ:«سۈنئىي ئەقىل بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىزنى ئۆزگەرتكەنلىكى سەۋەبلىك، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن ئىشلار ھەر خىل كەيپىيات ۋە ئەندىشىلەرنى قوزغىدى. خاۋكىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەرەققىي قىلالايدىغان تېخنىكا مەۋجۇت بولىدۇ دېدى. ئۇ پاكىت بىلەن ئىسپاتلىمىدى، بۇ قاراشنى قوللايدىغان سانلىق مەلۇمات كۆرسەتمىدى» دېدى. فرانسىيە مونتپېللېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تىل مۇتەخەسسىسى ماتسوۋ:«بۇ سەل قىيامەت كۈنىگە ئوخشايدۇ» دېدى. تەپسىلاتى
كارخانىچىلار جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى 2014-12-07 12يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكترونلۇق سودىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئەلى بابا ( Alibaba )نىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن ( Jack Ma ) تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان IPO (تۇنجى قېتىم ئاشكارا پاي توپلىغان)نى ياراتقان بولۇپ، جۇغلانما مەبلىغى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. «جۇڭگو گېزىتى» (China Daily) جۇڭگودىكى بەزى سودا ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ پروفېسسورلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەلى بابانىڭ بازارغا كىرىشى بىلەن «ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدىكى يېتەكچى» لىك ئورنى ئاياغلىشىدىغان بولدى، دېيىلدى. تەپسىلاتى
ئامېرىكىدىكى ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ئەمەس 2014-12-03 ئەگەر فاكۇلتېتتىكى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسە، مەكتەپتىكى باشقا خىزمەتلەرگە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، كۈتۈپخانا، ئاشخانا، كىتابخانا، تەنتەربىيە سارىيى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، مەكتەپ ماشىنىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشلەش دېگەندەك. بىراق بۇ خىزمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ، سەل-پەل سائەتلىك ئىشچى خاراكتېرىگىمۇ تەۋە. سائىىتى بويىچە 15~10 ئامېرىكا دوللىرى بېرىدۇ، بىر ئامال قىلىپ تۇرمۇش خىراجىتىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئوقۇش پۇلىغا يەنە باشقا ئامال تېپىش كېرەك. تەپسىلاتى
بالا تەربىيلەش مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئەمەس 2014-11-28 بولۇپمۇ ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قۇرىدىكى «يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى دوكتۇر سىتېفېن كوۋېي ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان دېگىنى ئىدى. «يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئېلان سۆزىدە بولسا، ئۇ «جۇڭگو سودا ساھەسىدىكى ئەڭ كىلاسسىك، ئەڭ داڭلىق تەربىيلەش ماتېرىيالى»، «ئوباما، كىلىنتون، پۇتىن، لى كەيفۇ... قاتارلىقلار ئوقۇشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ» دەپ يېزىلغانىدى. تەپسىلاتى
باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ھۆرمەتلەڭ 2014-10-31 نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىرادىسى ئاجىز بولىدۇ، ياشاشتا باشقىلارنى دورىماسلىق، خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن قىلماسلىق، تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئېلىش كېرەك، ئۇنىڭدا كېسەلنى يېڭىشتىنمۇ قىيىن بولغان شۇنداق غايەت زور كۈچلۈك بىر «دۈشمەن» قەلب بار. بۇ بەلكىم «چۈنكى ئاجىز شۇڭا ئاجىز»دىن ئىبارەت قاملاشمىغان لوگىكا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر نۇقتا ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس، ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ھۆرمەت قىلمىساق ئۇنداقتا بۇ ئۆزىمىزنى ھۆرمەت قىلمىغان بىلەن باراۋەر!!! تەپسىلاتى
جۇڭگو مائارىپى بالىلارنىڭ كاللىسىنى بۇزۇۋەتتى 2014-10-11 مۇشۇنداق «يەڭگەنلەر بەگ بولىدىغان، يېڭىلگەنلەر خار بولىدىغان» باھالاش ئۆلچىمى بولغاچقا، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي، بەلكى بىر ئەجدەرھا، ياغاچ، ماشىنا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئەجدەرھا دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر غەلىتە مەخلۇق، ياغاچ بىلەن ماشىنىچۇ، نەرسە. دېمەك بالا غەلىتە مەخلۇق، ياغاچ، ماشىنا بولسۇن، ئادەم بولمىسۇن دەيدىغان قاراش شەكىللىنىدۇ. ھازىر ھەممە يەردە «ئادەمنى ئاساس قىلىش» دەپ سۆزلىنىۋاتىدۇ، ئەسلى ئادەم ئاساس قىلىنىدىغىنى ئالدى بىلەن مائارىپ بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما جۇڭگودا ئەڭ ئادەم ئاساس قىلىنىدىغان ساھەدە ئادەم ئاساس قىلىنمايۋاتىدۇ. تەپسىلاتى