OPEC دەۋرى ئاخىرلاشتى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-01-08 11:40:43

بۇ سەھنە چېچىلاڭغۇ خام چوت ۋە دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەن ئىناۋەت بىلەن تولغان. ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئورنى كۆرسىتىلگەن يىل بېشىدىكى خام چوتلاردا 150 ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت باھاسىنى مۆلچەر قىلغان بانكا ۋە مەسلىھەت بېرىش ئورگانلىرى ياكى نېفىت باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىشى «مۇمكىن ئەمەس» دېگەننى ئاساس قىلغان سەلبىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزگەن كارخانىلار ئېچىنىشلىق كۈنگە قالىدۇ.

چۈشۈرۈش

    بىرىنچى نۇقتىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، سىياسىي قارار ئارقىلىق 100 ئامېرىكا دوللىرى ياكى تېخىمۇ يۇقىرى نېفىت باھاسىغا تايىنىدىغان رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى تەڭشەش پەۋقۇلئاددە ئازابلىق. دەل ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىدە دېيىلگىنىدەك، ۋېنسۇئېلا، ئالجىرىيە، يەنە رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2015-يىلى ئازراقمۇ كۆڭۈلدىكىدەك يىل ئەمەس بولۇپ قالىدۇ. رۇسىيە بىرىنچى روشەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالدى (رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىستىكى ئەھۋالى 2008-يىلدىكى لېخمان ئاكا-ئۇكىلارغا ئوخشايدۇ)، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولماقچى بولغان رۇسىيە ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش دائىرىسىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن كۈچلەر تەرىپىدىن يىقىتىلدى (بىراق بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئانچە توغرا ئەمەس، چۈنكى لېخمانلارنىڭ يادرو قورالى يوق).
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نېفىت