جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-29 20:51:49

جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەمساداقەتجان ھاجى«ئاسمىنىڭدا ئاي بولۇپ جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم»جامالىڭغا كۆز تاشلاپ گۈزەللىك پەيزىنى سۈرسەم.يۇلتۇزۇڭ بولۇپ يانسام، مۇھەببەت نۇرىنى چاچسام،ياندۇرۇپ...



     

     

    جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم


    ساداقەتجان ھاجى


    «ئاسمىنىڭدا ئاي بولۇپ جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم»
    جامالىڭغا كۆز تاشلاپ گۈزەللىك پەيزىنى سۈرسەم.

    يۇلتۇزۇڭ بولۇپ يانسام، مۇھەببەت نۇرىنى چاچسام،
    ياندۇرۇپ دىلىڭدا ئوت يۈرەك-باغرىڭنى كۆيدۈرسەم.

    نۇرغا تولدۇرۇپ تۈننى كېچەڭنى ئايلىسەم ئايدىڭ،
    ئاي نۇرى ئاراسىدا سۇنۇق كۆڭلۈڭنى كۈلدۈرسەم.

    چاچسا خۇشپۇراق گۈللەر، بۇلاق ياڭراتسا ھەم كۈيلەر،
    سەن بىلەن كۈلۈپ ئويناپ ئاشۇ گۈللەر ئارا يۈرسەم.

    كۆكتە چاقنىغان يۇلتۇز جاھاننى ئەيلىسە كۈندۈز،
    كۈن نۇرى ئارا سېنى ۋىسال پەيزىگە چۈمدۈرسەم.

    قويمىسام سېنى داغدا، ئېچىلسا گۈللىرىڭ باغدا،
    رازىمەن ئەشۇ چاغدا قۇياشنىڭ قوينىدا ئۆلسەم.

    ★★★★★
    1996-يىل 12-ئاپرېل. قەشقەر
    «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1998-يىل 4-سان

    ★★★★★

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.