يادلاپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر شېئىر

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-02 00:29:00

يىللارغا جاۋاپ ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ، يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ،يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. ئوغىرلاپلا قاچىدۇ، ئارقىغا ...

           يىللارغا جاۋاپ

    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
    ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ،
    يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

    ئوغىرلاپلا قاچىدۇ، ئارقىغا باقماي،
    بىر-بىرىنى قوغلىشىپ يورغىلىشىپ.
    ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
    يۇپۇرماقلار تۆكۈلىدۇ پۇرلىشىپ.

    ياشلىق ھاياتنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
    ياشلىق گۈلىدىن بىر يۇپۇرماق.

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
    يۇپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاخشال.
     يىللار سېخى- قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،
    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
    مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
    ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
    چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

    يىللارنىڭ قوينى كەڭ پۇرسىتى نۇرغۇن،
    تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
    قاراپ باق تۈنۈگۈنكى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
    ئاخشام ئۆمىلەپ، ھە بۈگۈن يۈگرەپ يۈرىدۇ.

    كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
    كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
    ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

    مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
    مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
    ئىجات شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
    ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

    قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
    شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
    ئۆلۈم پەستە قېلىش، كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
    چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.

    ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
    يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
    كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
    يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.

    يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە،
    ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
    قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

    يىللار دېڭىزى ھەرقانچە دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
    دولقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
    قېرىتىمەن دەپ قورقىتىپ باقساڭمۇ،
    ئىجات يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاپ.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 7:49:02]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.