پۇل تېپىشنى بىلىدىغان 16 خىل ئادەم

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 14:06:52

پۇل تېپىشنى بىلىدىغان 16 خىل ئادەم

    پۇل تېپىشنى بىلىدىغان 16 خىل ئادەم
    1. ئەقىللىق ئادەملەر
    مەكتەپتە ئۆگىنىشى ياخشى ياكى ناچار بولىشى بىلەن تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش پۈتۈنلەي ئىككى خىل ئىشتۇر، ئوقۇشى ياخشى بولسا تىجارىتى چوقۇم ياخشى بولىشى ناتايىن، تىجارەت قىلىش كاللىنىڭ ئۆتكۈر، ھەرىكەتچان بولىشى، ئويلىغاننى قىلالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    2. ئىش بېجىرىش قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئادەملەر
    ئەگەردە پۇل تاپقىلى بولىدىغان تىجارەت بولسا دەرھال ھەر بىر ئىشنى پۇختا قىلىش، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش، شۇ ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا پۇرسەتنى تۇتقىلى بولىدۇ.
    3. ھازىرقى ئەھۋالىدىن خاتىرجەم بولالماي داۋاملىق تىرىشىدىغانلار
    «ئۈچ ۋاق تامىقى تەييار، بالا-چاقىلىرى بولغانلىقتىن ئۆيمۇ ئىللىق بولىدۇ»، بىر ئۆمۈر «تۆمۈر قاچا» كۆتۈرۈۋالغان ئادەمنىڭ مەڭگۈ پۇل تېپىش پۇرسىتى بولمايدۇ، «ئىشلىتىشكە يەتسىلا بولدى، ئۇنچە كۆپ پۇلنى نېمە قىلىمەن؟» بۇ جۈملە سۆز پۇل تاپالمايدىغانلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بېرىدىغان «ھېكمەتلىك سۆزى»دۇر.
    4. نامراتلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باققانلار
    خۇددى «چىرايى ئادەتتىكىدەك» ئەرلەر چىن كۆڭلى بىلەن چىرايلىق قىزنى قوغلىشىپ مۇۋەپىقىيەت قازانغانغا ئوخشاش نامرات ئادەم نامراتلىق سەۋەبلىك باشتىن كەچۈرگەن دەرت-ئەلىمىنى ھېس قىلىپ، شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئارزۇسى ۋە روھى بولىدۇ.
    5. كىشىلىك تۇرمۇشىدا بايلىق نىشانى بار ئادەملەر
    بىر ئادەم نوقۇل ھالدا ئىشقا چىقىپ چۈشۈپ، مۇقىم مائاشىنى بانكىغا ئامانەت قويسا، يىللار ئۈتۈپ ۋاقتى كەلگەندە كۆپ پۇل يىغالمايدۇ. كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلىسا سودا قىلىشنى نىيەت قىلىشى، ھەمدە نىشانى ئاساسى بىلەن بىللە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى كېرەك، 100 مىڭ، 200 مىڭ، بىر مىليون قاتارلىقلارنى كۈرەش نىشانى قىلىپ تاللاپ بېكىتىشى لازىم. 10 مىليون تاپقاندا ئاندىن باي ھېسابلىنالايدۇ.
    6. «يۈز-ئابروي»دىن ۋاز كېچەلەيدىغان ئادەملەر
    بېيىشنى ئويلىسىڭىز تارتىنماسلىقىڭىز كېرەك، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا باشقىلارنىڭ ياراتماسلىقىدىن قەتئىي قورقماڭ.
    7. ئىجتىھات بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلار
    كۆپ كۆرۈڭ، كۆپ ئويلاڭ، كۆپ ھەرىكەت قىلىڭ، ئادەتتىكى قائىدە-يوسۇنلاردىن ھالقىپ كېتىڭ، ئۇستىلىق بىلەن غەلىبە قىلىڭ، «يامان ئەقىل» قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ پۇل تاپالايسىز.
    8. يېڭىلىق ياراتقۇچىلار
    تىجارەت قىلىشتىكى بىرىنچى ئەپچىل چارە بولسا نەزەر-دائىرە ئالاھىدە بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، باشقىلار ئويلاپ باقمىغان ئىشنى ئويلاپ چىقىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشقىلارنى كەينىدىن يۈگۈرتۈش كېرەك. مەسىلەن، سىز مەلۇم تاۋارنىڭ شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بازار تاپالايدىغانلىقىڭىزغا ھۆكۈم قىلسىڭىز بولىدۇ. مانا بۇ سودىگەرنىڭ پۇل تېپىشتىكى ئۆلچىمى، بازارغا سېلىغاندا باشقىلارغا ئەگەشسە ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ.
    9. ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلار
    نېمە ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئاۋۋال ئۆزىدە ئىشەنچ بولۇش كېرەك، ئۆزىگە ئىشىنىش ئەڭ ئېسىل، ئەڭ قالتىس ئىشتۇر، بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز، «ئىشەنچ» سودا قىلىپ باي بولۇش يولىدىكى نۇرلۇق چىراغ.     
    10. خاراكتېرى ئوچۇق ئادەملەر
    مۇۋەپىقىيەت قازانغان كارخانىچى ياكى سودىگەرنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ئىشنى خۇشخۇيلۇق بىلەن پاكىز، چاققان بېجىرىدۇ، سۆرەلمىلىك قىلمايدۇ.
    11. تەۋەككۈلچىلىككە ماھىر ئادەملەر
    ئىش بېجىرىشتە كەسكىن بولۇپ، جىگىرىگە تاينىپ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى دەڭسىشى كېرەك. يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈك ھېكايىسى: بىر يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈك بار ئىكەن، كۆۋرۈكنىڭ قارشى تەرىپىدە مېۋىسى ئوخشىغان دەرخ بولۇپ، مېۋىلىرى ھەم يوغان ھەم تاتلىق ئىكەن، جىگىرى بارلار يۈرىكىگە تاينىپ يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈكتىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ، نۇرغۇنلىغان مېۋىلەرنى ئۈزىۋالىدىكەن، ئەكىسچە يۈرىكى يوقلار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي، ھالبۇكى بىر دانە مېۋىنىمۇ ئۈزەلمەيدىكەن.
    12. ئۆگىنىشىدىن خۇلاسە چىقىرىشقا ماھىر ئادەملەر
    ئادەتتىكى سودىدا كۆپرەك باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ پىكىرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ئاڭلاپ، توختىماستىن خۇلاسىلەپ تۇرۇش كېرەك، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودا تەجرىبىسىنى بېيىتقىلى بولىدۇ.
    13. جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار
    جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار تىجارەت قىلغان بىر يىلنىڭ 365 كۈن  ئارام ئالمايدۇ، بوران-چاپقۇن چىقىپ تۇرىدۇ، تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتى بولمايدۇ، يۈك توشۇش خېلى جاپالىق،  شۇڭا «تىرىشقان تاغ ئاشار» دېگەن قائىدىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ.
    14. ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغانلار
    ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا قىلچىمۇ باش ئەگمەي، قەيەردىن يىقىلسا شۇ يەردىن دەس تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، بىر قېتىم قىلىپ مەغلۇب بولدىڭىز، ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم... بەلىكم 99 قېتىم قىلىپمۇ مەغلۇب بولۇپ، 100- قېتىم مۇۋەپىقىيەت قازانسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچى.    
    15. پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر ئادەملەر
    كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر بولۇپ، پەقەت بىپەرۋالىقىمىز تۈپەيلىدىن ئۇنى بايقىيالماي، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىمىز، ياكى باشقىلارنىڭ بايقىشىغا يول قويىۋېتىمىز، شۇڭا ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى كۆپرەك كۆزىتىپ، كۆپرەك ئويلايلى، كۆپرەك ھەرىكەت قىلايلى، بۇلارنىڭ پۇرسەتنى بايقىشىمىزغا ۋە يارىتىشىمىزغا ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار.
    16. ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان ئادەملەر
    ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بايلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق بىلەن باراۋەردۇر. سودا قىلىۋاتقان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ۋاقىت-ئالتۇن» دېگەن سۆز ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتىلغان. پۇل تېپىشتا ۋاقىتنى قەدىرلەشكە، ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا تايىنىمىز. كۈندە بالدۇر ئۇخلاپ كېيىن تۇرۇپ ھورۇنلۇق قىلىدىغان ئادەم كۆپ پۇل تاپالمايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ قىران چاغلار، تەپەككۇر ئۆتكۈر بولغان ياشلىق مەزگىلىدە كۆپرەك بايلىق يارىتىۋېلىڭ، قېرىغاندا ئاندىن پايدىلىنىسىز.    
    مەنبە: «ھېكمەتلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 8-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى ئوكيان تورى (www.okyan.com)دىن لوقمان.
    \
     
     ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى: okyanqamus 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پۇل