ئاز ساندىكى كىشلەر ماڭغان يول(1)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 05:54:14

ئاز ساندىكى كىشلەر ماڭغان يول (سىكوت پېك)بىرىنچى باب ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش1. مەسلە ۋە ئازابھاياتتا قىيىنچىلىقلار نۇرغۇن...بۇ بولسا بىر ئۇلۇغ ھەقىقەت، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى،...

     



    ئاز ساندىكى كىشلەر ماڭغان يول (سىكوت پېك)

    بىرىنچى باب    ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش

     

     

    1. مەسلە ۋە ئازاب

     

    ھاياتتا قىيىنچىلىقلار نۇرغۇن...
    بۇ بولسا بىر ئۇلۇغ ھەقىقەت، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى بىز ئۇنى تونۇپ يەتسەكلا، كىشلىك تۇرمۇشتا يۈكسىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. پەقەت بىز كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ ھەمدە ئۇنى دادىللىق بىلەن بىلەن قوبۇل قىلغاندىلا، بىزنىڭ ھاياتىمىز قايتا ھەسرەتكە تولمايدۇ.

     

    شۇنداق بولسىمۇ نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭغا توغرا قارىمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە كىشىلىك ھايات راھەت-پاراغەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق ھاياتتۇر.


    ئۇلار ھەممە كىلىشمەسلىكنى ئۆزىدىن كۆرمەي، ئۆزىنىڭ شور پىشانە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ.ئۇلار دائىم قىيىنچلىق دېسە ۋايسايدۇ،ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆزى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتسىز ئادەم، تەغدىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، قوۋمىنى، ھەتتا ۋەتىننى ۋە مىللىتىنى جازالىغاندەك، ئەكسىچە باشقا كىشلەر بولسا، خاتىرجەم ياشاۋاتقاندەك ئويلايدۇ.


    مەنمۇ يۇقارقىدەك ئاغرىنىش ۋە قارغاشلارغا ھەمبەھىرمەن، چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى ئاشۇنداق تەسىراتتا بولغان ئىدىم.

    كىشىلىك تۇرمۇش بولسا ئاخىرى تۈگىمەيدىغان قىيىنچىلىقتىن ئىبارەت، سىز ئۇنىڭغا يىغلاڭغۇلۇق بىلەن يۈزلىنەمسىز ياكى جاسارەت بىلەن كۆرەش ئارقىلىق بۇ قىينچىلىقنى يېڭەمسىز؟ سىز ئىلاجسىز ھالدا ئاھ ئۇرۇپ ئىلاجسىزلىقىڭىزنى نامايەن قىلامسىز ياكى ئاكىتىپلىق بىلەن ئامال-چارە ئىزدەپ ئۇ مەسلىنى ھەل قىلىپ كىيىنكىلەرگە سىخىيلىق قولىڭىزنى سۇنامسىز؟

     

    كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاۋالقى چارىسى يەنىلا ئۆز-ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، بۇ ھالقا كەم بولسا، سىز ھەر قانداق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالمايسىز.
    ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە قىسمەن تەلەپ قويسىڭىز، قىسمەن مەسىللەرنى ھەل قىلالايسىز، ئۆزىڭىزگە مۇكەممەل تەلەپ قويسىڭىز، بارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلالايسىز.

     

    تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراش ئەسلىدىنلا بىر خىل ئازاپلىق ئىشتۇر، ئۇنى ھەل قىلساق ئۇ بىزگە يەنە بىر خىل يېڭىچە ئازاپلارنى ئىلىپ كىلىدۇ، خىلمۇ خىل مەسىللەر ئارقا-ئارقىدىن كىلىپ بىزنى ھارغۇزۇپ، بىزنى ئۈمىدسىزلىنىشكە، قايغۇرۇشقا، ئازاپلىنىشقا، زىرىكىشكە، پۇچۇلىنىشقا، غەزەپلىنىشكە، ئەنسىزلىككە مەجبۇر قىلىپ، نېمىنىڭ ئەركىنلىك ۋە جاتىرجەملىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمەس قىلىپ قويىدۇ.

     

    قەلىب جاراھىتى تەن جاراھىتىگە ئوخشاشلا كۈچلۈك، بەزىدە ھەتتا ئۇنىڭغا بەردشلىق بەرگىلى بولمايدۇ. دەل كىشىلىك ھاياتتىكى زىددىيەت-توقۇنۇش ئىلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەت مۇشۇنداق كۈچلۈك بولغانلىقتىن، بىز ئۇنى مەسلە دەپ ئاتايمىز، دەل خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلار ئۈستى-ئۈستىلەپ كەلگەنلىكتىن، ھايات بىزگە ناھايىتى جاپالىق ھەمدە خوشاللىق قايغۇسى ئالمىشىپ كەلگەندەك بىلىنىدۇ.

     

    كىشىلىك ھايات بولسا تۈرلۈك مەسلىگە يۈزلىنىغان ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىدىغان جەريان. مەسلە بىزنىڭ ئىدراكىمىزنى قوزغۇتۇپ، جاسارىتمىزنى ئۇرغۇتىدۇ. مەسلە بولسا بىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىمىز ياكى مەغلۇپ بولۇشىمىزدىكى مۇھىم پەرق. مەسلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ ئىدىيەرىمىزنى ۋە ئەقىل ئىدراكىمىزنى ئۈزلۈكسىز تاۋلايدۇ.

     

    مەكتەپ بولسا بالىلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مەسىللەرنى لاھىيلەپ، ئۇلارنى كاللا ئىشلىتىشكە، ئامال-چارە ئويلاشقا، مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ئويلاشقا ئۈندەيدۇ.

     

    بىزنىڭ روھىيىتىمىز ئۆسۈپ يىتىلىشكە مۇھتاج، كۈچلۈك ئىنتىزارلىق بىزگە مەغلۇبىيەتنى ئەمەس بەلكى مۇۋاپىقىيەتنى ئىلىپ كىلىدۇ. مەسلىگە يۈزلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش بىزنى تىخىمۇ ئۆگىنىدىغان قىلىدۇ.

     

    ئامرىكا دۆلىتىنى قۇرغان داھىي فىرانكىلىن:«پەقەت ئازاپلا ھىجران ئىلىپ كىلەلەيدۇ» دېگەن. مەسلىگە يۈزلىنىشتە ئاقىللار ئازاپتىن باش تارىتماستىن بەلكى ئۇنى يەڭگەنگە قەدەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرەش قىلىدۇ.

     

    ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئاقىللار ئەمەس، مەلۇم مەنىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىقتىن قورقىدۇ، مەسلىگە يولۇققاندا يول تاپالماي تەمتىرەپ يۈرىدۇ. بەزىلىرى بولسا ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرىدۇ، بەزىلەر يولۇققان مەسلىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا بېھۇش دورىسى ۋە زەھەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، قىيىن مەسىللەر بىلەن يۈز-تۇرانە ئىلىشماستىن، ئۆزىنىڭ ئېڭىنى سىرىتتا قالدۇرۇپ، دەقىقلىق ئاراملىق ئىزدەيدۇ.


    بىز دائىم مۇھىم مەسىللەر بىلەم دائىم ئىلىشماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز، مەسىللەردىن ئۆزىدىن قاچۇرۇش ۋە ئازاپتىن ئۆزىنى چەتكە تارىتماق بولسا پىسخىكا كىسەللىكىرىنىڭ مەنبەسى.
    كىشىلەرنىڭ ھەممىسدە مەسىللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش خاھىشى بار، شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئاز-تولىدىن پەرىقلەر مەۋجۇت، پىسخىكىسى ھەقىقىي ساغلام كىشى بولسا ساناقلىقلا.

     

    بەزى مەسلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولسا بىشىنى چۆكۈرۈپ، مەۋھۇم دۇنيادا ياشاشنى خالايدۇكى، ھەرگىزمۇ رېئال دۇنيا بىلەن ئۇچىرشىشنى خالىمايدۇ.

     

    توغرا ئۇسۇل بولسا، بىز ئۆزىمزگە ۋە بالىلىرىمىزغا كىشىلىك ھاياتتىكى مەسلە ۋە ئازاپنىڭ بىباھا قىممىتىنى تونۇتقۇشىمىز كېرەك.


    مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەندىلا، روھىيىتىمىز تىخىمۇ ساغلام بولىدۇ. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بولسا، كىشىلىك ھاياتتىكى مەسلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم قۇرال ھەم كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاپ-ئوقۇبەتنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستە.

     

    ئۆز-ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئارقىلىق بىز قانداق قىلىپ كەسكىن پوزىتسىيدە بولۇشنى، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم تارىتىشنى بىلەلەيمىز.
    بىز ئۆزىمىز ۋە بالىلىرىمىزغا قاتتىق تەلەپ قويساق،ھەمدە قلىپ ئازاپقا بەرداشلىق بىرىش ھەققىدە تەربىيە قلىساق، تىخىمۇ پىشىپ يىتىلىمىز.

     

    ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇش قايسى ماھارەتلەرنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئارقىلىق كىشلىك ھاياتتىكى ئازاپ-ئوقۇبەتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟
    ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش دېگىنىمىز: ئاكىتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىوىدىن ئىبارەت بولۇپ ئاساسلىقى تۆت مەزمۇننى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ. قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى يوقۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىش، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش.

     

    بۇلار ئەمەلىيەتتە قىلىچىمۇ مۇرەككەپ ئەمەس، بىراق بىز ئۇلارنى توغرا قوللانغاندا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھىس قىلمىز. بىراق بەزى ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولغان كىشىمۇ، ئاشۇ ئاددى ھەقىقەتلەرنىڭ ئۆچ ئىلىشغا ئۇچراپ ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.

     

    بۇ پىرىنسىپلارنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنىڭ سىزنىڭ پوزىتسىيەرىڭىزگە باغلىق، سىز چوقۇم ئاشۇ قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىشىڭىز لازىم. ھەر ۋاقىت مەسىللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايدىغان ئادەملەرگە بۇ پىرىنسىپلار قىلچىمۇ رول ئوينىمايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەيدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.