بۇ زېمىن ئەزىزدۇر(بىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-10 00:00:00

بۇ زېمىن ئەزىزدۇربىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزىمەخمۇتجان سىدىق تەرجىمىسى تەھرىردىن: 1854-يىلى «ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى» دىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ رەھبىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى-تىنچ ئوكيان ب...

    بۇ زېمىن ئەزىزدۇر
    بىر ئىندىئاننىڭ يۈرەك سۆزى
    مەخمۇتجان سىدىق تەرجىمىسى



       تەھرىردىن: 1854-يىلى «ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى» دىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ رەھبىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى-تىنچ ئوكيان بويىدىكى كەڭ ئىندىئان زېمىنىنى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىندىئانلار ئۈچۈن، جان ساقلىغۇدەك «پاناھلىق جاي» بۆلۈپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. تۆۋەندىكى بايانلار يەرلىك ئىندىئانلار ئاقساقىلىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابى.

    سىلەر قانداق قىلىپ كۆك ئاسمان بىلەن بۇ ئىللىق زېمىننى ئېلىپ-ساتالايسىلەر؟ سىلەرنىڭ بۇ سوداڭلار بىزنىڭچە قىلچە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش!
    ناۋادا بۇ زېمىندىكى ساپ ھاۋا، زۇمرەت سۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغان بولساق سىلەر كىمدىن سېتىۋالماقچى ئىدىڭلار! بۇ زېمىندىكى ھەربىر تال ياپراق، ھەربىر سىقىم تۇپراق، ھەربىر تال گىياھ، قۇرت-قوڭغۇز ۋە ئورمانلار ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن سۇس تۇمانمۇ بۇ مىللەتنىڭ خاتىرىسى ۋە ۋۇجۇدىدا پاك ھەم مۇقەددەستۇر. ھەتتا دەرەخلەرنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇقمۇ بىزنىڭ ئەسلىمىلىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان.
    ئاق تەنلىكلەر ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىننى روھى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ۋاقتىدىلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىراق بىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بۇ گۈزەل زېمىننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزدۇر.
    بىز تۇپراقتىن تۆرەلگەن، ئاخىر تۇپراققا ئايلىنىمىز. شۇڭا بۇ تۇپراقتىكى خۇش پۇراق گۈللەر بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىز. بۇغا، ئارغىماق، بۈركۈتلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ھەيۋەتلىك چوققىلار، بىپايان ئوتلاقلار، ھايۋانات ۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر ئۇرۇققا مەنسۇپ. شۇڭا، ۋاشىنگتوننىڭ رەھبىرى بۇ زېمىننى سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بۇ بىزگە تولىمۇ غەيرىي تۇيۇلدى. ئۇ يەنە بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن تېخى پاناھلىنىدىغان جاي بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ گەپچە ئۇ بىزنىڭ دادىمىزغا، بىز ئۇنىڭ باللىرىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئوخشايمىز. شۇڭا، بىز سىلەرنىڭ بۇ زېمىننى سېتىۋېلىش تەلىپىڭلارنى ئوبدان ئويلاشمىساق بولمايدۇ. بۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس.
    چۈنكى بىز ئۈچۈن بۇ زېمىن بەك مۇقەددەستۇر. دەريا-كۆللەردە مەۋج ئۇرۇۋاتقىنى پەقەت سۇلا ئەمەس بەلكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنىدۇر.
    ناۋادا بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىۋەتسەك سىلەر بۇ زېمېننىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلىرىڭلارغىمۇ ئېيتىپ قويۇشۇڭلار كېرەك. كۆل يۈزىدە جىمىرلاپ تۇرغان ھەربىر شولىمۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنى ۋە كەچۈرمىشلىرىمىزنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. سۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا شىلدىرلىغان ئاۋازى ئەجدادلىرىمىزنىڭ شىۋىرلاشلىرى، سۇ بىزنىڭ ھاياتىمىز، ئۇ بىزنىڭ تەشنالىقىمىزنى قاندۇرىدۇ، بىزنى قولۋاق بىلەن يىراقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەيدۇ. ناۋادا بىز بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىۋەتسەك تاغ-دەريالارنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىز شۇنداقلا، سىلەرنىڭمۇ نىجاتكارىڭلار ئىكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار ۋە كېيىنكىلەرگە بۇنى ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار. شۇڭا، قېرىنداشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭلار، بۇ زېمىنغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار!
    بىز ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىزنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. سىلەرگە نىسبەتەن، بىر جاي بىلەن يەنە بىر جاينىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ تۇپراق بېشىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىدى. كېيىنكىلەر بۇ زېمىننى خالىغانچە دەپسەندە قىلسا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىڭلار، ئالدىنقىلارنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويدۇڭلار. سىلەر بۇ زېمىننى، يەنى بىزنىڭ جىنىمىزنى تاۋار ئورنىدا كۆرۈپ سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ تويماس نەپسىڭلار بۇ زېمىننى بىر قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
    مەن ھېچ بىلەلمىدىم، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلار بىزنىڭ كۆزىمىزگە سىغمايدۇ. سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردا خاتىرجەملىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. باھاردا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ يېقىملىق چىرىلداشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. شاۋقۇن-سۈرەن كىشىنى بىزار قىلىدۇ. بۈركۈتنىڭ قاقىلدىشىنى، پاقىنىڭ كېچىدىكى كۇرۇلداشلىرىنى ئاڭلىمىغان ئاڭلىمىغان تۇرمۇشنى قانداقمۇ تۇرمۇش دېگىلى بولسۇن! مەن، بىر ئىندىئان بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئەنە شۇنداق ئويلايمەن. ئىندىئانلار يامغۇردىن كېيىنكى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشنى، مەيىن شامالنىڭ سۇ يۈزىنى يېنىك سىيپاپ ئۆتكەندىكى يېقىملىق ئاۋازىنى ھەم شاماللار ئېلىپ كەلگەن دېۋىرقاي يىلىمىنىڭ تاتلىق پۇرىقىنى ياخشى كۆرىدۇ. ساپ ھاۋامۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بارلىق جانلىقلار ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىدۇ. ئادەم، دەل-دەرەخ ۋە ھايۋانات ھەممىسى ئوخشاش. ئەپسۇس، سەكراتقا چۈشكەن كىشى ھەرقانداق پۇراقنى سېزەلمىگىنگە ئوخشاش ئاق تەنلىكلەرمۇ ئۆزى نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانى پەرق ئېتەلمەيدۇ.
    ناۋادا بىز بۇ جاينى سىلەرگە بېرىۋەتسەك، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ زېمىن ئەزىزدۇر. بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا ۋە ئۇ ساقلاۋاتقان ھاياتلىقمۇ ئوخشاشلا ئەزىز. مەيىن شامال ئەجدادلىرىمىزغا تۇنجى ساپ ھاۋانى ئاتا قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنىمۇ قوينىغا ئالدى.
    بىز بۇ جاينى سىلەرگە بېرىۋەتسەك، بۇ زېمېنغا ئوبدان قاراڭلار، بۇ يەرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلار. بۇ يەر ئاق تەنلىكلەرمۇ خۇش پۇراق گۈللەردىن ھوزۇرلىنالايدىغان جاي بولسۇن.
    مەن نەزەر دائىرەمنىڭ تارلىقىدىن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى چۈشىنىپ كەتمەيمەن.... بىراق، سان-ساناقسىز سۇ كالىلىرىنىڭ دالىدىكى چىرىپ كەتكەن جەسەتلىرىنىڭ ئەسلىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ پويىزدا كېتىۋىتىپ قىلغان ئوۋ خۇمارلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەنمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە كېتىۋىتىپلار قىلغان شۇنچىكى ئىشلىرىنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمەيمەن.
    ھايۋانلار بولمىغان بولسا ئادەملەر قانداق قىلار ئىدى؟ ئەگەر، پۈتكۈل ھايۋانلار ئۆلۈپ تۈگىسە، ئىنسانلارمەنىۋى جەھەتتىكى يىگانىلىق تۇپەيلىدىن تۈگىشىپ كېتەتتى. شۇ سەۋەتىن، مايۋانلارغا كەلگەن ھەرقانداق خەۋىپ ئوخشلار ئنسانلارغىمۇ كىلىدۇ. چۇنكى ئۇلار ئوتىرسىدا زىچ باغلىنىش بار. سىلەر چوقۇم كىيىنكىلەرگە، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپىراقنڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسەت توپىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تۇپىراقنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى،  بۇ زىمىنغا ئۆزمىلىتىنڭ قىنى سىڭگەچكە مۇشۇنداق گۇلەپ ياشنىغانلىقىنى ئىنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار! بۇ زىمىن ئۆز بالىلىرىغا  ئىللىقلىق يەتكۇزىدىغان مېھرىبان ئانا. ئۇنىڭ بىشىغا كەلگە بارلىق ياخشىلىق-يامانلىقلار ئۇنىڭ قوينىدىكى كىشىلەرگىمۇ كېلەتتى. كىمكى ئانا تۇپراقنى كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئاخىرقى ھېسبتا باشقىلارمۇ ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بىز تۇپراقنىڭ ئىنسانلارغا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ تۇپراققا تەۋە ئىكنەلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق قىسمەت ئوخشاشلا ئىنسانلارغىمۇ كېلىدۇ. ئىنسان تەبىئەتنىڭ قانۇنيەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز.
    گەرچە ئاق تەنلىكلەر ئۆزىنى ياراتقۇچى ئىگەم بىلەن يېقىنچىلىقى باردەك، دوست-بۇرادەردەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەڭرىنىڭ ئورتاق جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كېسىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئاخىر ئوخشاش نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچىلار بولۇپ قالىمىز. سىلەر بۇ نوقتىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك. ھامان بىر كۈنى ئاق تەنلىكلەر بىزنىڭ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. سىلەر بەلكىم، بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدەك ئىلاھى تۇپراققا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىغانسىلەر، بۇ مومكىن ئەمەس، ياراتقۇچى ئىگەم پۈتكۈل ئىنسانيەتكە تەئەللۇق. ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان مۇھەببەت-نەپرىتى ئوخشاشتۇر. مەيلى ئاق تەنلىك ياكى باشقا ئېرقتىكىلەر بولسۇن بەرىبىر!
    زېمىن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئەزىز. ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياراتقۇچى ئىگەمنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. ئاق تەنلىكلەرمۇ ئاخىر يوقۇلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ھالاكىتى باشقا قەبىلىلەرگە قارىغاندا تېز بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ياشاش مۇھىتىنى بۇلغىدى، ئاخىر بېرىپ ئۆزىگە ئۆزى گۆر كولىدى.
    سۇ كالىلىرى ئېچىنىشلىق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ياۋا ئاتلار كۆندۈرۈلدى، ئورمانلىقنىڭ خىلۋەت جايلىرىمۇ شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن قاپلاندى. بۈك-باراقسان ئورمانلارنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتىر سىملىرى تارتىلدى.
    تەقدىرنىڭ بۇ قىسمىتى بىز ئۈچۈن بەرىبىر. چۈنكى بىز بۇنىڭ تېگىگە يىتەلەيمىز. گۈل-گىياھلار نەگە كەتتى؟ يوقالدى. تاغ بۈركۈتلىرىچۇ؟ ئۇلارمۇ يوقالدى. مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىششى ۋە خارابىلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر.

    مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى گىزىتى» 1996-يىلى 29-ئۆكتەبىر.


    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:31:18]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.