مومام ۋە تۇنجى قەلەم ھەققىم(چىڭغىز ئايتماتوۋ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 02:45:26

مومام ۋە تۇنجى قەلەم ھەققىمچىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان) مومام دائىم مېنى تاغقا ئېلىپ كېتەتتى. ياز كېلىشى بىلەنلا بىللە يايلاققا كېتەتتۇق.مومام جەلپكارلىقى كۈچلۈك ھەم تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ،...

    مومام ۋە تۇنجى قەلەم ھەققىم
    چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)



         مومام دائىم مېنى تاغقا ئېلىپ كېتەتتى. ياز كېلىشى بىلەنلا بىللە يايلاققا كېتەتتۇق.مومام جەلپكارلىقى كۈچلۈك ھەم تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئايال ئىدى. نەزىرىمدە ئۇ بىر ئەپسانە- رىۋايەت ۋە خەلق ناخشىلىرى خەزىنىسى ئىدى! ئۇنىڭ راست- يالغىنىنى بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئاجايىپ- غارايىپ قىسمەت سەرگۈزەشتىلىرى بار ئىدى. مەن ئەينى يىللىرى چارۋىچىلارنىڭ يايلاققا كۆچكەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. يايلاققا كۆچۈش چارۋىلارنى ھەيدەپ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى قاينام- تاشقىنلىق چارۋىچىلار تۇرمۇشى بىلەن كاتتا ھەم سۈرلۈك دىنىي مۇراسىمنىڭ زىچ سىغىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشى ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ شەكلى ئۆزگىچە يەرمەنكە بولۇپ، يەرمەنكىدە ئە ياخشى بويۇندۇرۇق، ئەڭ ياخشى زىبۇ- زىننەت ۋە بېزەك بۇيۇملىرى، ئەڭ ياخشى ئات- تۆگىلەرنىڭ لوكىسىغا ئارتىپ قويۇلغان لىڭگىرچاق ھەمدە گىلەم ۋە ئات يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ قويۇلغان كۈدە- كۆرپىلەر كۆرگەزمە قىلىناتتى. ھامان ئەڭ گۈزەل قىزدىن بىرى ئالاماننىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولاتتى. ھېسسىياتقا باي كۈيچى يىگىتلەر زوق- شوقى بىلەن ناخشىغا چۈشەتتى. ئارىلاپ- ئارىلاپ مۇڭ- پىغان بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇدالىق كۈيلىرى (ناۋادا بىراۋلىرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ۋىدالىشىۋاتقان بولسا) ۋە ھەسرەت- نادامەت بىلەن ئېيتىلغان تەسىرلىك سەپەر ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. چارۋىچىلارنىڭ ئەمدىلا كۆچۈشكە باشلىغىنىدىن تارتىپ سەپەر جەريانى ۋە كۆچۈش ئاخىرلىشىپ بۇ مەنزىرە تاماملانغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى كۆرگەن ئىدىم.


        قارىغاندا مومام ماڭا بۇلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت رىشتىمنى چىڭىتىشنى نىيەت قىلغان بولسا كېرەك. ئاھ، ئانا تىل! ئانا تىلنى كۈيلەيدىغان، ئانا تىلغا ھەمدۇ- سانا ئېيتىدىغان سۆزلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ! ئەمما ئانا تىلنىڭ سېھىر- خاسىيىتىنى ئىزاھلاپ بولغىلى بولاتتىمۇ؟ پەقەت بالا چاغدا بىلىپ ئىگىلىگەن ۋە چۈشەنگەن ئانا تىللا ئىنساننىڭ قەلب تۆرىنى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك ۋە ئىجاد تەجرىبىسىدىن تۇغۇلغان شېئىرىي تۇيغۇلار بىلەن تولدۇرالايدۇ ھەم پەقەت ئاشۇ ئانا تىللا كىشىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ئەبەدىل- ئەبەد خوراتمايدۇ ھەمدە ئاتا- بوۋىلار تىلىنىڭ رەڭگارەڭ ھىكمەت- دۇردانىلىرى بىلەن ئىنسان قەلبىنىڭ خەزىنىسىنى تولدۇرۇپ ئىنساننى ئۇزلۇق (گۈزەللىك) ئالىمىنىڭ سېھىرلىك پاراغىتىدىن ھوزۇرلاندۇرالايدۇ. بالىلىق چاغلار نوقۇل مەنادىكى گۈزەل چاغلارلا ئەمەس. بالىلىق چاغلار بىر ئىنساننىڭ كېلەچەكتىكى ئۆزىگە خاس مىجەز- خۇلقىنى يېتىلدۈرۈشىنىڭ يادروسى. ئاشۇ بالىلىق دەۋردە يېتىلگەن ئانا تىلغا بولغان ھەقىقىي تونۇش دەل ئاشۇ دەۋردە ئادەمگە ئەتراپىدىكى تەبىئەت ئالىمىنى يېڭىدىن بىلدۈرىدۇ، بۇ مۇئەييەن مەدەنىيەت ئامىلى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تەجرىبەمگە ئاساسەن شۇنداق دەيمەنكى، ئادەم بالىلىق چاغلىرىدا ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىلنى سىخىيلىك رەۋىشتە پۇختا ئىگىلەپ ئالالايدۇ-- ناۋادا بۇ تىللار بالىلىقتىن باشلاپ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىلا. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا روس تىلىمۇ مېنىڭ ئانا تىلىم، بۇ تىلنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ماڭا جان بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ئانا تىلىم- قىرغىز تىلىدىن قېلىشمايدۇ!


         بەش ياشلار چېغىمدا مەن تۈنجى قېتىم تېرجىمانلىق قىلىپ بىر پارچە پىششىق گۆش بىلەن تارتۇقلاندىم. مانا شۇ بىر پارچە پىششىق گۆش مېنىڭ تۈنجى «قەلەم ھەققىم» بولۇپ قالدى. بۇ يايلاقتا بولغان ۋەقە ئىدى. ئۇ كۈنلەردە مەن ئادەتتىكىدەك مومام بىلەن بىللە تۇراتتىم. بۇ ئەمدىلا كولخوز قۇرۇلغان ۋە كولخوزنىڭ دەسلەپكى مېۋىلىرى مۇستەھكەملىنىۋاتقان يىللار ئىدى. كولخوز يېقىندىلا سېتىۋالغان بىر ئات ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالدى، ئات كۈپكۈندۈزدىلا ئۆلدى. ئۆلىدىغان چاغدا قورسىقى تولۇمدەك كۆپۈپ، نەپسى سىقىلىپ خارتىلداپ قالغان ئىدى. يىلقىچى تەمتىرىگىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، چۈنكى بۇ يىراقتىكى روسىيىنىڭ دون ۋادىسىدىن كەلتۈرۈلگەن ناھايىتى قىممەت باھالىق نەسىللىك ئات ئىدى. شۇ ھامان چەۋەنداز يىگىتلەردىن بىرى كولخوزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا ئەۋەتىلدى ھەم داۋاملىق رايونغا مەلۇمات بېرىلدى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە بىر ئورۇس تاغقا كېلىپ بىزنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، ساغۇچ ساقاللىق، كۆك كۆز بۇ ئورۇس ناھايىتى گىروي بولۇپ، ئۇچىسىغا قارا خورۇم پەلتو كىيىۋالغان، ئۆشنىسىگە يوغان بىر سومكىمۇ ئارتىۋالغانىدى. ھېلىھەم شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ بىرەر ئېغىزمۇ قىرغىزچە بىلمەيتتى. بۇ يەردە پەقەت مەنلا ئۇنىڭ بىلەن ئوروسچە سۆزلىشەلەيتتىم. شۇ چاغدا ئاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ، ئۆلۈش ئىسپاتنامىسى يېزىش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. يىلقىچى قىلچە ئىككىلەنمەيلا مېنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشكە تاللىدى. شۇ چاغدا مەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى ئورۇسقا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتىم.


    - كېلە. دېدى يىلقىچى بالىلارنىڭ ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ، --- بۇ ئادەم بىزنىڭ گېپىمىزنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى بىزگە ئۆرۈپ بەر، ئاندىن بىزنىڭ دىگەنلىرىمىزنى ئۇنىڭغا ئۆرۈپ بەرگىن!


        مەن شۇ چاغدا ھەم خىجىل بولدۇم ھەم قورقۇپ كەتتىم. يىلقىچى دىققەتسىزلىكتە تۇرغان چاغدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ بوشاندىمدە، مومامنىڭ چېدىرىغا قېچىپ كىرىۋالدىم. بىر توپ ئاغىنىلىرىم چۇقان كۆتۈرگىنىچە ئارقىمدىن ئەگىشىپ چېدىرىمغا كىرىپ كېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى يىلقىچى چېدىرىمىزغا كىرىپ مەندىن «قاچماسلىقىڭ كېرەك ئىدى» دەپ ئاغرىندى. مومام ئەزەلدىن ناھايىتى خۇشخۇي ئايال بولسىمۇ ئەمما شۇ تاپتا قاپىقىنى تۈرۈپ:


    - نىمىشقا يىلقىچىغا ياردەملىشىپ كەلگەن ئورۇس بىلەن سۆزلەشمەيسەن؟ بىلىشىڭ كېرەككى ساڭا يېلىنىۋاتقىنى چوپچوڭ بىر ئادەم، ياكى سەن ئورۇسچىنى بىلمەيتتىڭمۇ؟ دېدى. مەن ئۈندىمىدىم. دوستلىرىم چېدىرىمنىڭ سىرتىدىن مارىشىپ ئىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقىپ تۇرۇشاتتى.


    - ساڭا نىمە بولدى؟ ئورۇسچە سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن ياكى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن؟ ھەممە خەقنىڭ تىلىنى ئاللاھتائالا ياراتقان، نېمىدىن قورقاتتىڭ،يۈر، بارغىن! – مومام قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە چېدىردىن چىقتى، دوستلىرىم يەنە كەينىمگە كىرىۋېلىشتى.


        مېھمان كۈتۈلىدىغان چېدىردىن مەززىلىك قوي گۆشىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى. چېدىر چوڭلار بىلەن لىققىدە توشۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار قېمىز ئىچىشكەچ گۆش يەۋاتقان ئىكەن. كولخوزدىن كەلگەن ھېلىقى چارۋا دوختۇرى ئورۇس ئاپپاق ساقاللىق بوۋايلار بىلەن بىللە ئىدى. ھېلىقى ئورۇس مېنى چاقىرىپ چېدىرغا ئېلىپ كىردى ۋە:

    - كېلە بالام، مانا بۇياققا كەل، ئېتىڭ نىمە؟ - دېدى مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ، مەن خىجىل بولۇپ پەس ئاۋازدا بىر نەچچە ئېغىز جاۋاپ بەردىم.


    -   ئۇلاردىن سوراپ باققىنا ئوغلۇم، ئۇ ئات قانداق ئۆلۈپتۇ؟ - دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ ۋە يېنىدىن بىر ۋاراق قەغەز چىقىرىپ بىر نىمىلەرنى يازغىلى تۇردى. كىشىلەر بىردىنلا جىمىپ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇشماقتا ئىدى. مەن بولسام جىمىپلا كەتكەن ئىدىم. بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلالمايتتىم. سەل نېرىسىدا مومام تەڭقىسلىقتا قالغاندەك ئولتۇراتتى. شۇ چاغدا بىر بوۋاي مېنى دەسسىدە كۆتۈرۈپ تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. ئۇ بىزنىڭ تۇغقىنىمىز ئىدى، ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن قۇلىقىمغا پىچىرلاپ دىگۈدەك:


    - بۇ ئادەم داداڭنى تونۇيدۇ، يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرۇۋېرەمسەن؟ ئۇ داداڭغا بىزنىڭ يامان گېپىمىزنى قىلىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى داداڭغا سېنى «قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدا بەك يامان ئۆگىنىپ قاپتۇ» دەپ تىللاپ بېرىدۇ! دېدى ۋە ئارقىدىنلا يەنە --- دىگىن، ئۇ ھازىرلا ئېغىز ئاچسا ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئوغا ساس (زەھەرلىك ساسلىق) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن--- دەپ قوشۇپ قويدى.


    - تاغا—دېدىم مەن بار غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇ ئورۇسقا ئورۇس تىلىدا، --- بىزنىڭ بۇ يەر ئوغا ساس (يەر نامى) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ «زەھەرلىك ئوت- چۆپ ئۆسىدىغان ساسلىق» دىگەن گەپ... --- مەن شۇ تاپتا مومامنىڭ، ھېلىقى ئورۇسنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئاستا- ئاستا دادىللىشىپ قالدىم. شۇ چاغدىكى تەرجىمانلىقىمنى، سۆزمۇ- سۆز، جۈملىمۇ جۈملە تەرجىمە قىلالىغانلىقىمنى ئۆمۈر بويى ئۇنتالمايمەن.


       نەسىللىك ئات ئەسلىدە زەھەرلىك چۆپ يەۋېلىپ ئۆلگەن ئىكەن. ھېلىقى ئورۇس باشقا ئاتلار نېمىشقا ئاشۇ زەھەرلىك چۆپنى يىمەيدۇ ۋە پەقەت نەسىللىك ئاتلا زەھەرلىك چۆپ يەيدۇ؟ دەپ سورىدى. يىلقىچى يەردىكى ئاتلار ئۇ زەھەرلىك چۆپنى يىمەيدۇ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئاتلىرى ئاشۇ چۆپنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئارقىلىق بولۇنىۋاتقان بۇ سۆھبەتلەرنى بىرمۇ- بىر قالدۇرماي تەرجىمە قىلدىم.


        ھېلىقى ئورۇس مېنى ماختاپلا كەتتى. مېنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي مېنى يوغان بىر پارچە گۆش بىلەن تارتۇقلىدى. گۆش ھەم قىززىق ھەم مەززىلىك ئىدى. مەن قىن- قىنىمغا پاتماي سەكرەپ ئويناقشىپ دىگۈدەك چېدىردىن چىققىنىمدا ئاغىنىلىرىم دەرھال كېلىپ مېنى ئارىغا ئېلىۋېلىشتى.


    - قالتىس بولدى! --- دەپ ماختاشتى ئۇلار مېنى--- سەن ئورۇسچە سۆزلىگەندە دەريادىكى بېلىقلاردەك ئەركىن- ئازادە بولۇپ كەتتىڭ، بىردەممۇ توختاپ قالمىدىڭ! --- دېيىشتى ئۇلار. ئەمەلىيەتتە مەن خېلىلا دۇدۇقلاپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم، ئەمما ئاغىنىلىرىم مېنى ماختاپ ئۇچۇرغىلى تۇردى. گۆشنى ئاغىنىلىرىم بىلەن بۆلۈشۈپ يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن چېپىشىپ ئوينىغىلى كېتىشتۇق.


          ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىمدا بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئەرزىمدۇ؟ مېنىڭچە ئەرزىيدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىسىدە قالغان ئىشلاردىن، ئاشۇ ئىشلار يۈز بەرگەن چاغلاردىن باشلىنىشى كېرەك. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۈچ ياش چاغلىرىدىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلەيدۇ. ھالبۇكى يەنە بەزىبىرلىرى پەقەت ئون ياشلار چېغىدىكى سەرگۈزەشتىلەرنىلا ئەسلىيەلەيدۇ. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالايلۇق، بالىلىق چاغلىرىمدىكى بۇ سەرگۈزەشتىلىرىم مانا مۇشۇنداق بولغان. مومام مەندىن تولىمۇ رازى بولغان ھەم كېيىنكى چاغلاردا تونۇش- بىلىشلەرگە دائىم بۇ كەچمىشلەرنى سۆزلەپ مۇشۇ ئىشتىن تولىمۇ پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ.


          مومام بالىلىق چاغلىرىمنى ناھايىتى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن، ئۇ ماڭا نۇرغۇن ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى ۋە خەلق كۈيلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. مېنى نۇرغۇن داستانچى ۋە خەلق ناخشىچىلىرى يىغىلىشقان سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن. مومام نەگىلا بارسا مېنى يېتىلىۋالاتتى، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يىتىم، ھېيت- بايرام سورۇنلىرىغا ئېلىپ باراتتى، مېھماندارچىلىققا بارغاندىمۇ دائىم مېنى يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ يەنە ماڭا دائىم چۈشىنى، چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، مومام كۆرگەن بۇ چۈشلەر تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى، ئۇ ئەمدىلا ئۇخلاپ تۇرۇشىغا مەن ئۇنى ئويغىتىپ كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم. بەزى كىچىك، قىسقا چۈشلەرگە رازى بولمايتتىم. بۇنداق چاغلاردا دەرھال خولۇم- خوشنىلارنىڭكىگە كىرىپ خولۇم- خوشنىلاردىن بىرەرسى كۆرگەن چۈشلەرنى «ئۆتنە» ئېلىپ كىرەتتى. كېيىنچە بىلدىمكى مومام مەخسۇس مەن ئۈچۈن توقۇپ چىققان چۈشلەر ئىكەن. 


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.