ئۈمىد

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-13 17:17:00

ئۈمىد ئەگەر بىر ئادەم بىلەن يېڭىلا دوست بولغان بولساڭ، ئۇ سېنى ھاياجانغا سالالىسا، خۇشال قىلالىسا، ئۇنداقتا سەن ئۈمىدۋار ياشا. ئەگەر سەن باشقىلارغا ياردەم قولۇڭنى سۇنالىساڭ، ئۇنداقتا سەن داۋ...

    ئۈمىد

          ئەگەر بىر ئادەم بىلەن يېڭىلا دوست بولغان بولساڭ، ئۇ سېنى ھاياجانغا سالالىسا، خۇشال قىلالىسا، ئۇنداقتا سەن ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سەن باشقىلارغا ياردەم قولۇڭنى سۇنالىساڭ، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سەن كۈتۈلمىگەن تەبرىك ئاتكىرىتكىسى ياكى خەت تاپشۇرۇۋېلىپ، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشسەڭ، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن ئازابلانساڭ، غەم - قايغۇغا پاتساڭ، ئۇنداقتا سەن  داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سېنىڭ رەت قىلىشىڭدىن دوستلۇقۇڭلار ئۈزۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سەن پىكىر قىلىشىڭغا تىنچ ۋقىت ۋە ئورۇن ئىزدىگەن بولساڭ، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سەن يەنىلا سۆيگۈ - مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرسەڭ ھەمدە ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئاخىرلىشىشنى ئۈمىد قىلساڭ، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سەن ئوسال ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ، ئارقىدىنلا باشقىلاردىن « تىرىشچانلىقىڭ بىكار كەتتى » دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىڭدا، « گەرچە ... بولسىمۇ، لېكىن... » دەپ جاۋاب بېرىپ ، سۆزۈڭنى ئاخىرلاشتۇرساڭ، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئەگەر سېنىڭ نەرسە ‏- كېرەك سېتىۋالالىغۇدەك، تاماق ئېتىپ يېيەلىگۈدەك مادارىڭ بولسا، ئۇنداقتا سەن داۋاملىق ئۈمىدۋار ياشا.
     ئۈمىد ئەنە شۇنداق ئاجايىپ نەرسە، ئۇنىڭ ئېگىلىپ، شەكلى ئۆزگىرىپمۇ كېتىدۇ، بەزىدە يوشۇرۇنۇپمۇ قالىدۇ، بىراق ئۇ كەمدىن - كەم ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بىز قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كويىدا بولغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ بىزگە يار - يۆلەكتە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتى ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ قاراڭغۇ يەردە تۇرغاندىمۇ، يورۇقلۇق چىقىرالايدۇ. ئۇ ئاجايىپ قىممەتلىك بولسىمۇ، قىلچە بېخىل ئەمەس، ئۇنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا، يەڭگىلىتەكلىك بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمە !


    تەرمىلەر ژورنىلىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق