ياشلارغا ئون كۆرسەتمە

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-05 18:36:37

.ھەر بىر ئادەمنىڭ يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پىشىپ-يېتىلگىلى بولىدۇ. ياشلار خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە ياشاپ كۆنۈپ قالغان.

     
    ياشلارغا ئون كۆرسەتمە
     
    شى يۆجۇڭ
    (مۇھەممەدئىمىن سايىم تەرجىمىسى)
     
    1.ھەر بىر ئادەمنىڭ يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پىشىپ-يېتىلگىلى بولىدۇ. ياشلار خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە ياشاپ كۆنۈپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ناتونۇش مۇھىتقا كىرگەندە، ھەر خىل ئادەم ۋە ئىشلار بىلەن ئۇچراشقاندا، دەماللىققا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىدىغان سورۇنمۇ تاپالمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلماستىن، ئېغىر بېسىق، تەمكىن بولۇشنى، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
    يالغۇزلۇقتا تەپەككۇر قىلىش، تەپەككۇر جەريانىدا پىشىپ-يېتىلىش ۋە شۇ جەرياندا تەرەققىي قىلىش كېرەك. زېرىكىش تۈپەيلى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتمەسلىك، ھەمدە پايدا-مەنپەئەتسىز ئىشلارنى قىلىپ قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.
    2. بەختكە قاراپ ماڭغاندا، پېشكەللىككە تەييارلىق قىلىپ قويۇش كېرەك.
    بىر كۈنى تۈلكە ئۈزۈملۈك باغنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە باغ ئىچىدىكى پىشقان ئۈزۈملەرنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرى ئېقىپتۇ. بىراق، باغنىڭ ئەتراپى قاشالانغان بولغاچقا، ئىچىگە كىرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچ كۈنگىچە ھېچ نەرسە يېمەي ئورۇقلاپتۇ. ئورۇقلىغاندىن كېيىن باغنىڭ  قاشالىرى ئارىسىدىن باغ ئىچىگە كىرىپ ئۈزۈملەرنى راسا تويغىچە يەپتۇ-دە، چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بىراق ئۇ بەك تويۇپ كەتكەچكە، قاشا ئارىسىدىن پاتماي، ھەرقانچە قىلىپمۇ چىقالماپتۇ.
    ئىشىنىمەنكى، ھېچقانداق ئادەم تۈلكىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشنى خالىمايدۇ. چېكىنىش يولىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. تامچە سۇ يىغىلىپ كۆلچەك ھاسىل قىلىدۇ. بەزى نەرسىلەرنىڭ بۈگۈن قىممىتى بولمىغىنى بىلەن بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىن.
    3. ۋاقتىدا ئويغىنىش ئۈچۈن سائەت سېتىۋېلىش.
    ئۇيقۇ خۇمارلىق، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق ھەر قانداق ۋاقىتتا سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمىشىڭىزدىكى كاشىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: سىز مەلۇم بىر جايغا بارماقچى بولۇپ ماڭدىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز توختاپ ھۇزۇرلىنىپ، ئاندىن ماڭدىڭىز. مەنزىلگىمۇ ۋاقتىدا بارالمىدىڭىز. ئېنىقكى، سائەت پەقەت بىر كۆرسەتكۈچ ۋە ئەسكەرتكۈچ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ۋاقىت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، ئىدىيىسىدە بولىدۇ.
    4. ئەگەر ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىز، دەرھال ئىستىپا بېرىڭ، يا بولمىسا چىداپ ئىشلەڭ. ھەرگىزمۇ نەزىرىڭىزنى ئۈستۈن قىلىپ، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي، چوڭ ئىشنى قىلالماي يۈرمەڭ. تۇراقسىز تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىش ياخشى ئىش ئەمەس. يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈك تۇتۇۋېلىپ، كۈنلۈك ئالمىغاندا يامغۇر يېغىشىدىن قورقۇپ يۈرمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشتىن ۋاز كېچىڭ، قىلماقچى بولغاننى چوقۇم قىلىڭ.
    5. پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. سىز قولدىن بېرىپ قويغانغا، ئېنىقكى باشقىلار ئېرىشىدۇ. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ، ئارزۇ-ئۈمىدنى پۇرسەتكىلا باغلاپ قويماڭ. پۇرسەت پەقەت تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ياخشى نىيەت بىلەن تىرىشقان ئادەمگىلا نېسىپ بولىدۇ. سىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پۇشايمان قىلىپ ئاغرىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا، پۇرسەتنى سىزگە ئوخشاش پالاكەت باسقان يەنە بىر ئادەم تۇتۇۋالغان بولىشى مۇمكىن. پۇرسەت بولمىسا، ئۇنى يارىتىش كېرەك.
    6.ئەگەر سىزگە تېلېغون كەلمىسە، سىز تېلېغون قىلىڭ. تېلېغون سىزگە كۈتۈلمىگەن ئۈنۈملەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.ئۇ پەقەت تىزىپ قويسىلا بولىدىغان گۈل تەشتىكى ئەمەس.
    يېڭى دوست تۇتقىنىڭىزدا، كونا دوستلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. دوست كۆپ بولسا، يولمۇ كۆپ بولىدۇ. ئالاقىنىڭ سىرى ئاكتىپ بولۇشتا.
    7. ئەينەككە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالماڭ. بەزى ئادەملار پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېگىزگە ھەم يىراققا نەزەر تاشلىيالمايدۇ. دائىملا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، بىزار بولۇپ يۈرىدۇ. جاپا تارتماي ھالاۋەت نەدە تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينەككە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالماي، خىرۇستالدەك سۈزۈك، قۇياشتەك نۇرلۇق، قارىغايدەك قەيسەر بولۇڭ. ئەگەر كۆزىڭىزنى ئېچىپ، سالقىن شامالدىن ھوزۇرلانغان بولسىڭىز، شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇم دانچىلىرىدىن ئاغرىنماڭ.
    8. ئاغزىڭىزغا ئىگە بولۇڭ. ئۆزىڭىزنى ماختاپ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ.
    ئۆزىنى ماختاش ئادەمنى مەغرۇرلاندۇرۇپ، خىيال ئىچىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغاندا، دائىم باش-ئاخىرى ئېنىق بولمىغان ئەرزىمەس گەپلەر ئىچىگە غەرق بولىدىغان گەپ. ئومۇمەن باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. بۇ قىلىق سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.
    9. ئۆز ھاياتىڭىزدا قىلماقچى بولغان ئىشلارنى يېزىپ چىقىڭ، ھەمدە يازغانلىرىڭىزنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇڭ. ھاياتتا نىشان، پىلان، ئەسكەرتكۈچ ۋە بىلىم بولۇشى كېرەك. ھاياتىڭىزدىكى چوڭ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن كىچىك-كىچىك نىشانلارنى تۇرغۇزۇۋېلىڭ. تۇرمۇشىڭىز پاراۋانلىشىپ، شارائىت ياخشىلانغاندا، ھېلىقى يازغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
    10. توي قىلىش يېشىڭىزغا يېتىپ قالغانلىقىڭىز تۈپەيلى ھەرگىز ئالدىراپ توي قىلماڭ. توي ئىشىدا چوقۇم يۈرۈكىڭىزدە ئىز قالدۇرالايدىغان، قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولالايدىغان جورا تېپىڭ. ئىچ پۇشۇقى ھەم ئويۇننىڭ ئورنىدا مۇھەببەتلەشمەڭ. مۇھەببەتلىشىش خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمىسۇن. بولمىسا ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان نىكاھ تۇرمۇشىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ھېسىيات بىلەن ئىش قىلغاندا، كىچىك ئىش سەۋەبىدىن چوڭ مەغلۇبىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

    («تۇيغۇ ژۇرنىلى» نىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)
    مەنبە:«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.