خاتىرەمدىن تاللانمىلار

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-02 22:01:08

خاتىرەمدىن تاللانمىلار تارىخ...ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى تارىخ دەپ ئاتايمىز. تارىخنى ھۆرمەت قىلغانلىق بىلىمنى ھۆرمەت قىلغانلىق. تارىخ‏‏-تەرجرىبە، تارىخ‏-ساۋاق، تارىخ-ئاساس، تارىخ بىلىم دېمەكتۇر.بىلى...

    خاتىرەمدىن تاللانمىلار

    تارىخ...
    ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى تارىخ دەپ ئاتايمىز. تارىخنى ھۆرمەت قىلغانلىق بىلىمنى ھۆرمەت قىلغانلىق.
    تارىخ‏‏-تەرجرىبە، تارىخ‏-ساۋاق، تارىخ-ئاساس، تارىخ بىلىم دېمەكتۇر.
    بىلىش...
    بىلىش بىلىم دېمەكتۇر. ئۆزىنى بىلىش باشقىلارنى بىلىشتىن قېيىن. شۇڭا كونىلار:»ئۆزىنى بىلگەن خاننى سوراپتۇ» دەپ قالدۇرغان. سىز كىشىنى ھۆرمەت قىلسىڭىز، كىشىلەرمۇ سىزنى ھۆرمەتلەر. سىزنىڭ كۆزىڭىز ئىككى بولسا، كىشىنىڭ كۆزى مىڭدۇر.
    ئېھتىيات...
    ئېھتىياتچان بولۇش لازىم، ھەممە نەرسىدىن ئېھتىيات قىلىشنى بىلىش لازىم. ئەڭ يېقىن تۇغقان، جانجىگەر يېقىن دوستلاردىنمۇ ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇ يېقىنلىرىڭىزمۇ سىزنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىڭىز بولۇپ قالىدۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟......


    بولۇش...
    كەمتەر بولۇش لازىم.
    ئاق كۆڭۈل بولۇش لازىم.
    كەڭ قۇرساق بولۇش لازىم.
    ئىلمىي بولۇش لازىم.
    باتۇر، دادىل بولۇش لازىم.
    راستچىل بولۇش لازىم. سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېتىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟


    ئۇنۇتماسلىق...
    ياخشىلىق قىلغان كىشىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.
    كۆرگەن كۈنىنى ئۇتۇماسلىق لازىم.
    ئۆگەنگەن ئىلىمنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.
    باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.


    پۇل...
    جاھاندا ئەڭ خىسلەتلىك نەرسە.
    پۇل بولسا مەككە- مەدىنەم ئالقىنىڭلاردا بولىدۇ. پۇل بىلەن يات ئادەم بولماس. ياتنى تۇققان قىلىپ، تۇققاننى يات قىلىپ قويىدۇ. بەزىلەرنى ئۇچۇرۇپ جاھان كەزدۈرگەن، بەزىلەرنى ئۆلتۈرۈپ يەرگە كىرگۈزگەن. ئۈلۈكلەرنى سارايلاردا ياتقۇزغان، تىرىكلەردا سايلاردا ياتقۇزغان، نومۇس-ۋىجدانلارنى چەتكە قايرىغان جازانىخور پۇل.
    ئىلىم نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، پۇل - ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسىدۇر. بۇ ۋاسىتە ھەرقانداق ۋاسىتىدىن ئالاھىدىرەك ۋاسىتىدۇر. چۈنكى ئۇنى ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق جەمئىيەت، ھەرقانداق مىللەت شەرتلىك ياكى شەرتسىز ئىشلىتىپ پايدىلىنىدۇ. شۇڭا پۇل ئەڭ ئالاھىدە بولغان ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.

    لازىم...
    ئۇستاز بولۇش ئۈچۈن شاگىرىت بولۇش لازىم
    ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى بولۇش لازىم.
    راھەت كۆرۈش ئۈچۈن جاپا چېكىش لازىم.
    جاپانى يېڭىش ئۈچۈن ئەقىللىق بولۇش لازىم.
    ئەقىللىق بولۇش ئۈچۈن بىلىم ئېلىش لازىم.
    بىلىم ئېلىش ئۈچۈن غەيرەت-شىجائەت، تىرىشچانلىق بولۇش لازىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر