ئاپشاركىنىڭ بۇرنى(زوچېنكو)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-24 17:12:00

ئاپشاركىنىڭ بۇرنى(زوچېنكو) مەھەممەت ئەيسا تەرجىمىسى ئاپشاركىنىڭ بۇرنى زوچېنكو (روسىيە)مەھەممەت ئەيسا تەرجىمىسى سودىگەر ئېلىميې پابوكىن قۇندۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋىسىنى ئوغرىغا بېرىپ قويدى. ـ...

       ئاپشاركىنىڭ بۇرنى(زوچېنكو)

    مەھەممەت ئەيسا تەرجىمىسى

    ئاپشاركىنىڭ بۇرنى زوچېنكو (روسىيە)مەھەممەت ئەيسا تەرجىمىسى  سودىگەر ئېلىميې پابوكىن قۇندۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋىسىنى ئوغرىغا بېرىپ قويدى. ـ جانابلار، جۇۋا ناھايىتى ئېسىل جۇۋا ئىدى. ھەي ئىسىت، قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ كەتسۇن، بۇ ئوغرىنى تۇتۇپ، يۈزىگە تۈكۈرمەي قويمايمەن، ـ دىدى ئۇ يوقالغان جۇۋىسىغا قاتتىق ئېچىنىپ. شۇنداق قىلىپ، ئىلىميې پابۇكىن جۇۋىسىنى تېپىش ئۈچۈن ساقچى ئاپشاركىسى ئەكەلدۈردى. ئاپشاركىنى پۇقراچە كىيىنگەن بىر ساقچى يېتىلەپ كەلگەنىدى. يوغان باش، قوڭۇر، تۇمشۇقى ئۈچلۇق كەلگەن بۇ ئاپشاركا غەلىتىلا كۆرۈنەتتى. ساقچى ئاپشاركىنى ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ، ئاياغ ئىزىنى پۇراتتى، ئاندىن «تۇتە» دېدى ـ دە، ئۆزى بىر چەتكە چىقىپ قاراپ تۇردى. ئاپشاركا تەكشى پۇراپ ۋە ئەتراپتىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىقتىپ(ئادەم جىق توپلىشىۋالغانىدى)، تۇيۇقسىز 5 ـ نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق فېئوكرا ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئالدىغا تۈگۈرۈپ باردى ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى پۇراشقا باشلىدى. ئايال ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەر توپى ئىچىگە مېڭىۋىدى، ئاپشاركىمۇ كۆڭلەكنىڭ ئېتىكىنى چىشلىگىنىچە بىللە ماڭدى، ئايال بىر چەتكە قېچىۋىدى، ئۇمۇ ئەگەشتى. قىسقىسى، ئاپشاركا ئايالنىڭ كۆڭلىكىنى مەھكەم چىشلىۋېلىپ زدىلا قويۇپ بەرمىدى. ئايال ئاخىرى ساقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ پوككىدە ئۆزىنى يەرگە تاشلىدى. ـ تۈگەشتىم، ـ دېدى ئۇ، ـ مەن جىنايەت ئۆتكەزگەنىدىم، بۇنىڭدىن تېنىۋالالمايمەن. مەندە بەش تۈڭ ھاراق ئېچىتقۇسى بار. قىلچىمۇ يالغان ئەمەس، يەنە ھاراق ئېچىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان جابدۇقلارمۇ بار، بۇمۇ راست، ھەممىسىنى مۇنچىغا يوشۇرۇپ قويغانىدىم. ئەمدى مېنى ساقچىغا ئەكەتسەڭلار بولىدۇ. بۇ ئىشتىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك چۇرقۇرىشىپ كەتتى. ـ ھېلىقى جۇۋىچۇ؟ ـ دەپ سوراپ قالدى توپ ئىچىدىن بىرى. ـ جۇۋىنى بىلمەيمەن، بۇ گەپنىمۇ مانا ئەمدى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. باشقا گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، قانداق جازا بەرسەڭلار مەن رازى، ـ دېدى ئايال. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئايالنى ئېلىپ كېتىشتى. ساقچى ئاپشاركىنى يېتىلەپ كېلىپ ئاياغ ئىزىنى پۇراشقا يەنە قويۇپ بەردى. ئاپشاركا پۇراپ يۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت، ئۆي باشقۇرغۇچىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۆي باشقۇرغۇچى قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى ۋە: ـ قەدىرلىك جانابلار، مېنى باغلاڭلار، مەن كۆپچىلىكتىن سۇ پۇلىنى يىغىپ، ھەممىنى قالايمىقان بۇزۇپ چېچىپ خەجلىۋەتكەنىدىم، ـ دېىد. كۆپچىلىك بۇ گەپنى ئاڭلاپ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۆي باشقۇرغۇچىنى باغلاپ قويدى. ئاڭغىچە ئاپشاركا يەنە ئايلىنىپ 7 ـ نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى چىشلىدى. بۇ ئادەمنىڭ چىرايىمۇ بىردىنلا قارىداپ، پالەچ ئادەمدەك لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ـ مەن جىنايەتچى، مەن ئەيىبكار، ـ دېدى ئۇ، ـ مەن ئەمگەك تارىخى جەدۋىلىمزنى ئۆزگەرتىپ بىر يىلنى يوشۇرۇپ قالغانىدىم. ئەسلىدە مەندەك بەستلىك ھەم قاۋۇل ئادەم ئەسكەرلىككە بېرىپ، ۋەتەننى قوغداشقا قاتناشسام توغرا بولاتتى، بىراق مەن ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ ئومۇمنىڭ توكىنى يورۇتۇپ، ھەر خىل پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلدىم. مېنى قولغا ئېلىڭلار! بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ: «بۇ زادى قانداق ئاپشاركا؟ ئادەمنى نېمانچە چۆچۈتىدۇ» دەپ ئويلاشتى. سودىگەر ئېلىميې پابۇكىننىڭ كۆزلىرىمۇ چاچراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك چەكچىيىپ كەتتى. ئۇ ئەتراپىغا تەكشى بىر قاراۋالغاندىن كېيىن، يانچۇقىدىن ئاستا پۇل چىقاردى ـ دە، ساقچىغا سۇنۇپ: ـ بولۇڭ، ئاپشاركىڭىزنى تېزرەك ئېلىپ كېتىڭ، ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقىتىڭ، جۇۋام يىتىشنىغۇ يىتتى. بۇمۇ ئۆزۈمنىڭ شورى، بالا ـ قازا شۇنىڭ بىلەن كەتسۇن... ـ دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگە ـ تۈگىمەيلا ئاپشاركا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرۇۋالدى. سودىگەر ئېلىميې پابۇكىن قورققىنىدىن پۇت ـ قولىغا تىترەپ ئولىشىپ قايرىلىپلا مېڭىۋىدى، ئاپشاركىمۇ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ بىر جۈپ كالىچىنى پۇرىغىلى تۇردى. سودىگەرنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى. ـ خۇدانىڭ كۆزى بار ئىكەن، ئاھ خۇدا، مەن راستىمنى ئېيتاي، مەن ھەقىقەتەن بىر قارا يۈز ئوغرى، راستىنى ئېيتسام، ئۇ جۇۋا ئاكامنىڭ ئىدى، مەن ئۇنى ئالغانلىقىمدىن تېنىۋېلىپ، ئاكامغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن. شورۇم قۇرسۇن! ھەي، ئىسىت! ـ دەپ سۆزلەپ كەتتى سودىگەر. بۇ قېتىم كىشىلەر چۇرقىرىشىپ تەرەپ تەرەپكە پېتىراپ كەتتى. ئاپشاركىمۇ پۇراشقا ئۈلگۈرمەيلا يېنىدىكى ئىككى ـ ئۈچ ئادەمنى چىڭ چىشلىۋېلىپ زادىلا قويۇۋەتمىدى. بۇلارمۇ بىر ـ بىرلەپ ئىقرار قىلدى: بىرى قىمار ئويناپ ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەن؛ بىرى خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ ئۇنى دەزمال بىلەن ئۇرغانىكەن؛ يەنە بىرىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئېغىزىغا ئالغىلىمۇ بولمايتتى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تارقىلىپ كەتتى، قورۇنىڭ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمدى. ئاپشاركا بىلەن ھېلىقى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلا قالغانىدى. بىر چاغدا ئاپشاركا، بىردىنلا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىنىڭ ئالدىغا كېىلىپ قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرۇۋالدى. ساقچىنىڭ چىرايىمۇ بىردىنلا ئۆزگەردى ـ دە، دەرھال ئاپشاركىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ تۇرۇپ: ـ قەدىرلىكىم، چىشلە، چىشلىگىن، سېنىڭ تەمىناتىڭ ئۈچۈن مەن ئوتتۇز رۇبلى ئالىمەن، ئەمما يىگىرمە رۇبلىنى ئۆزۈمگە خىراجەت قىلىۋاتىمەن... دېدى. كېيىن قانداق بولدى، ئۇقالمىدىم. بۇ دۆلەتتتە ھەق ـ ناھەق تالاش ـ تارتىش قىلىنىۋاتقان جايدا ئادەتتە ئۇزۇنمۇ تۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەنمۇ تېزلا كېتىپ قالغانىدىم.(خەنزۇچە « چەت ئەل ھەجۋى ھىكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق