مەكتەپ-ئەلەم ۋە زوق-ئورخان پامۇك

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 05:07:49

مەكتەپ-ئەلەم ۋە زوق(خاتىرە)ئورخان پامۇك(تۈركىيە)مەكتەپتە ئەڭ بالدۇر ئۆزلەشتۈرگەن نەرسەم، بەزىلەرنىڭ ئەخمەقلىقى، ئىككىنچى ئۆز لەشتۈرگەن نەرسەم بولسا، بەزىلەرنىڭ يەنىمۇ ئەخمەقراقلىقى بولدى.خۇد...



    مەكتەپ-ئەلەم ۋە زوق(خاتىرە)

    ئورخان پامۇك(تۈركىيە)

     

          مەكتەپتە ئەڭ بالدۇر ئۆزلەشتۈرگەن نەرسەم، بەزىلەرنىڭ ئەخمەقلىقى، ئىككىنچى ئۆز لەشتۈرگەن نەرسەم بولسا، بەزىلەرنىڭ يەنىمۇ ئەخمەقراقلىقى بولدى.  خۇددى دىن، ئىرىق، جىنىس، سىنىپ، بايلىق ۋە شۇقاتاردا ئەڭ ئاخىرىدا قۇشۇمچە قىلىنغان-مەدەنىيەت پەرىقلىرىگە ئوخشاش، ھاياتتىكى بۇ ئاساسىي ۋە ئېنىق پەرقنى پەرقلەندۈرەلمىگەندەك، ئىشلەشنى كامىللىق، نازاكەت ۋە ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىگىنى، ئۇ ياشتا ئەقلەن ئاڭقىرالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر قېتىم سىنىپقا كىرگەندە سورايد ىغان سۇئالىنىڭ تەشۋىشىدە، توغرا جاۋاپنى بىلىدىغاندەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن، سەۋرىسىزلىك بىلەن قولۇمنى كۆتۈرەتتىم.

       ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي، يىللاردا بۇ مېنىڭ بىر ئادىتىم بولۇپ قالدى. ياخشى، ئەقىللىق ئوقۇغۇچى ئىكەنلىگىمنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىممۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ بىلگەنىدى. ئەمما مەن يەنە ئوقۇتقۇچى سورىغان ھەر بىر سۇئالغا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قولۇمنى كۆتۈرىۋېرەتتىم. ئوقۇتقۇچى ماڭا ناھايتى ئاز سۆز بېرەتتى، كۆپۈنچە قول كۆتۈرگەن باشقا بالىلارنى ئىشارە قىلىپ «ئۇلارمۇ سۆز لىسۇن»دېگەندەك قىلاتتى. خېلى ۋاقىت ئۆتكە ندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى سورىغان سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلسەم-بىلمىسەم قۇلۇم ھەرقانداق سۇئالغا ئاز-ئازدىن كۆتۈرىلىدىغان بولدى. بۇنىڭدا ھەممەيلەنگە ئوخشاش ئاددىي كىيىم كىيسىمۇ، قىممەت باھا بىر سوغا ياكى گالاستۇك تاقاپ بايلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان كىشىنىڭ مەنمەنچى، كۆرەڭلىكىگە ئوخشاش ئۆزىنى كۆرسىتۈش ئىستىگى بىلەن ئوقۇتقۇچىغا نىسپەتەن ھېس قىلىنغان بىر تۈرلۈك قايىل بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئىستىگىمۇ بارئىدى. چۈنكى مەكتەپتە پەخىرلىنىپ ئۆزلەشتۈرگەن يەنە بىر نەرسەم، «ئابرويلۇق شەخس» سۈپىتىدىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئىقتىدارى ئىدى. پامۇكلار خانىدانىدىكى كۆپچىلىك تارقاق ۋە بۆلۈنمە ھالدا ئىدى. ھەممىز بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندىن كېيىن، ھەر كاللىدىن بىر ئاۋاز چىقاتتى. ئائىلە مېھىر ۋە يەلكىداشلىق يىغىلىشى ۋە سۆھبەت ئېھتىياجى، يىيىش- ئىچىش، رادىئو سائەتلىرىگە ئوخشاش ھېچكىمگە تارتىشمايدىغان ئادەت ۋە قائىدىلەرگە گويا ئۆز-ئۆزىدىن باغلىنىپ قالغاندەك ئىدۇق. دادامنى ئۆيدىكى ئابروي ۋە ئىقتىدارنىڭ مەركىزى دېگىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ ئارىمىزدا ناھايتى كەم كۆرۈنەتتى، گاھىدا خېلى ئۇزۇنغىچە يوقا پمۇ كېتەتتى. ئەمما ئەڭ مۇھىمى، ئاكام بىلەن ماڭا ھېچقاچان ئازار بەرمەيتتى. ناۋادا ئۇنىڭغا ياقمايدىغان بىرەر ئىش قىلىپ قويساق، ھەتتا قاشلىرىنى يىمىرىپمۇ قويمايتتى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ بىزنى دوستلىرىغا تونۇشتۇرۇپ؛«بۇلار مېنىڭ ئىككى كىچىك ئۇكام» دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. كېينىچە ئۆزىمۇ بۇ سۆزىنىڭ راسىتلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئېھتىمال مەن بۇ ئۆيدە ئانامنىلا «ئابرويلۇق شەخس» سۈپىتىدە تونىغان ئىدىم.

       ئەمما ئۇنىڭ ماڭا ئۆتىدىغان كۈچى مەندىن تاشقىرىدىكى، يالغۇز بىر «ئىقتىدار مەركىزى» بولغانلىقىدىن ئەمەس،بەلكى مېنىڭ سۆيۈلۈش، سىلىنىش ۋە ئەركىلەش ئىستىگىمدىن بولا تتى. شۇ جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىنىڭ يىگىرمە بەش كىشىلىك سىنىپنى باشقۇرالىشى مېنى قايىل قىلاتتى.

    بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن ئانامنى سېلىشتۇرغىنىمدا، ئوقۇتقۇچۇمغا مۇناسىپ بولۇش ئۈچۈن، ئىچىمدە، پۈتمەس-تۈگۈمەس ئىستەك بارلىقى مۇھىم رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن. پەقەت ئۇنىڭ ھەرقانداق سۇئالىغا ياخشى جاۋاپ بەرگۈم، تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇ چۇم تەرىپىدىن سۆيۈلۈشنى، ئۇنىڭغا ۋە ساۋاقداشلىرىمغا ئەقىللىق، باشقىلاردىن پەرىقلىق كۆرۈنۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. «قولۇڭلارنى مانا مۇنداق قوۋۇشتۇرۇپ، جىم ئولتۇرۇڭلار» دەيتتى ئوقۇتقۇچى ۋە قوللىرىمنى كۆكسىمىزگە قوۋۇشتۇرۇپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن دەرىس تۈگۈ گىچە سەۋر بىلەن ئولتۇراتتىم. بىراق بۇنداق ۋاقىتلاردا كاللامدا سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشنىڭ؛ مەلۇم بىر ئارىفمىتكىلىق مەسىلىنى ھەممىدىن بۇرۇن يىشىشنىڭ ياكى ئەڭ ياخشى باھالارنى ئېلىشنىڭ زوقى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ، دەرىس ۋاقتى ھېچقاچان توشمايدىغاندەك بىلىنىپ، ھەر بىر دەقىقە تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلايتتى.

        مەن كۆزلىرىمىنى، دوسكىغا بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقان، يېرىم ئەقىللىق ئۇرۇق بىر ئوقۇغۇ چىدىن، ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا بىر ئوقۇغۇچىدىن، پۈتۈن دۇنياغا ھەمىيشە يارقىن ئىشەنچ ۋە ياخشى نىيەت بىلەن كۈلۈپ، ساغلام نەزەر بىلەن قارايدىغان قىزدىن ئۈزۈپ، دەرىزىنىڭ سىرتىغا- ئىگىز-ئىگىز ئىمارەتلەر ئارىسىدا كۆتۈرلۈپ تۇرغان مەلۇم بىر دەرەخنىڭ ئۇچچىدىكى شاخلىرىغا تىكەتتىم. شاخقا بىر قاغا قوناتتى، ئۇنى دىققەت بىلەن كۈزىتەتتىم. تۇيغۇلىرىمدا قاغا بىلەن شاخنىڭ ئارقىسىدىكى بىر توپ بۇلۇت بىلەن، كۆز نۇرۇم يەتكەن بەزى نوقۇل جايلار توختىماي ئالمىشىپ تۇراتتى. دەرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشۇ بۇلۇتنى گاھ بىر تۈلكىنىڭ بۇرنىغا، گاھ كاللىسىغا، ئاخىرىدا بىر ئىتقا ئوخشىتاتتىم.كېين يەنە، ئىتنىڭ ئاشۇ ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكىنى، بۇلۇتنىڭ ئىتقا ئوخشاش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلا تتىم. لېكىن بىر ئازدىن كېيىن، بۇلۇت ئانامنىڭ زادى ئېچىلمايدىغان پەداز ئىشكابىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئىگىز پۇتلۇق كۈمۈش قەندىللىرىگە ئايلىناتتى. شۇچاغدا مېنىڭ ئۆيگە قايتقۇم كېلىپ كېتەتتى. ئۆينىڭ غۇۋا قاراڭغۇ ۋە جىمجىتلىقى، بىخەتەرلىگى خىيالىمغا كېچىپ، بىردىنلا ئاشۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن، خۇددى چۈش كۆرگەندەك، چۈشلىرىمدە دادام كۆرۈنگە ندەك بولاتتى،خىيالىمدا بىز ھەممىمىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بوسفور بوغۇزىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشقا كېتەتتۇق. شۇ ئەسنادا قارشى تەرەپتىكى بىر بىنانىڭ ئىگىز قەۋەتلىرىدىن بىرىنىڭ دەرىزىسى ئېچىلىپ، بىر خىزمەتچى قولىدىكى داستىخاننى پەسكە قارىتىپ سىلكىدى، كېيىن ئۇ مەن ئولتۇرغان جايدىن كۆرۈنمەيدىغان بىر كوچىغا پەرىشانلىق بىلەن قارىدى. مەن ئويلايتتىم؛ ئەجەبا، ئۇ كوچىدا نېمە باردۇ؟ شۇچاغدا يەنە پەستىكى تاش يولدا كېتىۋاتقان ئات ھارۋىسىنىڭ ئاۋازى كېلەتتى، يەنە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ بوغۇق ئاۋازدا ۋاقىر ىغانلىقىمۇ ئاڭلىناتتى. ھېلىقى دەرىزىدىن كوچىغا قاراپ ئولتۇرغان خىزمەتچى، ئەسكى- تۈسكى يىغقۇچىغا بىردەم قاراپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئارقىسىغا ياندى. ئۇ ئارقىسىغا قايتقا ندىن كېيىن تاقىۋەتكەن دەرىزىنىڭ يېنىدا بايىقى بۇلۇتقا ئوخشاش، بىراق باشقا تەرەپكە كېتىۋاتقان باشقا بىر بۇلۇتنى كۆرەتتىم. بۇلۇت ئاستا ئۇچۇشنى داۋام قىلىۋاتاتتى، ئەجەبا بۇ بايىقى ئىت، قەندان بولۇپ كۆرۈنگەن بۇلۇت بولۇپ قالمىسۇن ئىشقىلىپ،-دەيتتىم ئۆز- ئۆزەمگە. دەل شۇ چاغدا سىنىپتا ئوپۇر-توپۇر بولۇپ، ئەترا پىمدا ئىگىز كۆتۈرۈلگەن قوللارنى كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق سۇئال سورىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئۇلار بىلەن تەڭ قولۇمنى كۆتۈرۈپ، خۇددى توغرا جاۋاپنى بىلىدىغاندەك ئۆزەمگە ئىشەنگەن ھالدا كۈتۈپ تۇراتتىم. باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپلىرىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە سۇئال سورىغانلىقىنى ھېلىغىچە ئاڭقىرالمىغان بولساممۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتلاردىمۇ خىياللار لەيلەپ يۈرگەن كاللامدا جاۋاپنى ناھايتى ياخشى بىلىدىغاندەك بىرخىل قورۇق ئىشەنچ بارئىدى.

       يىللار بويى بىر قاتاردا ئىككى-ئىككىدىن بولۇپ ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرىمنى، كۆڭۈللۈك ئوينايدىغان جايغا ئايلاندۇرۋالغان دەرىسخانىدا ئۆگەنگەنلىرىم بىلەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەقدىر لەشلىرىدىن بەكراق، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر-بىرلەپ تونۇشقىنىمنىڭ خوشاللىقى،ئەمد ىلىكتە ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۆزگەرگەنلىكىنى بىر ئاز ھەيرانلىق ۋە ئېچىنىش بىلەن كۆرگىنىم بولدى.

        تۈرك تىلى دەرىسىدىكى تېكىسىتلەرنى ئوقۇغاندا بىرىنچى قۇردىن ئەمەس، پەستىكى ئىككىنچى قۇردىن باشلاپ ئوقۇپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۋېتىدىغان، بۇ كەمچىلىكىنى زادى ئۆز گەرتەلمەي ئۆتكەن غەمكىن بىر بالا بارئىدى. باشلانغۇچ سىنىپتا يېنىمدىكى پارتىدا ئولتۇر ىدىغان، قىپقىزىل ئۇزۇن چاچلىرى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدىغان بىر قىز بارئىدى، ئۇنىڭ تارتمىسىدا چىشلەنگەن ئالما، پارچە-پۇرات نانلار ۋە ناندىن تۆكۈلگەن كۇنجۇتلار، قەلەملەر، چاچ بوغقۇچىلىرى ئارلىشىپ كەتكەن بولاتتى، ئۆزىمۇ پەلپەتىشرەك كىيىنەتتى، ئەمما ئۇنىڭد ىن ۋە ئۇنىڭ تارتمىسىدىن كېلىۋاتقان خۇشبۇي ئەتىرنىڭ ھىدى مېنى ئۆزىگە تارتاتتى. تېخى ئۇنىڭ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئېتىنى توغرا ئاتاپ، جاسارەت بىلەن بايان قىلالىشى مېنى ھەيران قالدۇراتتى. ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە ئۇنى كۆرەلمەي سېغىناتتىم. بىر بالىنىڭ كاللىسى خۇددى ئانام ئېيتىپ بېرىدىغان چۆچەكلەر دىكى تائىپىلەرنىڭكىدەك يوغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېشى كىچىك بىر بالا بار ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجىز ھەم نازۇكلىقى مېنى سېھىرلىۋالغان ئىدى. ئۈچۈنچى بىرسىنىڭ، ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ماڭا ئېقىتماي-تېمىتماي سۆزلەپ بېرىشى مېنى ئەجەپلەندۈرەتتى، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ دەپ ئۆز-ئۆزەمگە سوئال قوياتتىم. بۇ قىز «ئاتاتۈرك»شېئىرىنى ئوقۇغاندا نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟ باشقىلارنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيد ىغان مىنەۋنىڭ سومكىسى، دەپتىرى، پەرتۇقى، چاچلىرى، سۆزلىرى... ھەممە نەرسىسى نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر رەتلىك ۋە تەرتىپلىك؟

    خۇددى كوچىلاردىكى تۈرلۈك-تۈمەن ماشىنىلارنىڭ چىراقلىرى، چاقلىرى، ئالدى كاپوت ۋە ئەينەكلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇرنىنى ئەقلىمگە تايىنىپ ئاز-ئازدىن بىرنەرسىگە ئوخشا تقاندەك، سىنىپتىكى بەزى بالىلارنىمۇ بىر نەرسىلەرگە ئوخشىتاتتىم. مەسىلەن: مىنەۋنىڭ قىرلىق بۇرنىنى تۈلكىنىڭكىگە، ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى ئېيىققا، تىك-تىك تۇرىدىغان چاچلىرىنى كىرپىنىڭ تىكىنىگە...مەرى ئىسىملىك بىر يەھۇدى قىزنىڭ ئۇزۇن سۆزلەيدىغان مەنىسىز ھېكايىلەرنى، بەزى كۈنلىرى بوۋىسىنىڭ ئۆيدىكى ئېلىكتېر چىراقلىرىنىڭ كۇنۇپكىلىر ىغىمۇ تەگكىلى قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى خىرە -شىرە ئەسلەپ قالىمەن. بىر قىزنىڭ كەچلىرى ھوجرىسىدا يالغۇز ئولتۇرغاندا شارتتىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىسا، پەر ىشتىنىڭ سايىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان، بۇلار قەلبىمگە قورقۇنۇچ بىلەن بىرگە ئورناپ كەتكەنىدى. ئۇزۇن پۇتلىرىغا ئۇزۇن پايپاقلارنى كىيگەن ۋە ھەر دائىم ھازىرلا يىغلاپ تاشلا يدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر قىزنىڭ ۋەزىر بولغان دادىسى، باش ۋەزىر ئادنان مېندىر ئايرۇپىلان ھادىسىسىدە ئۆلگەندە، قىزنىڭ ئاتىسى ئۆلمەيلا قالماستىن، بەلكى بولغۇسى ھالا كەتنى ئالدىن بىلىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلدىم. كۆپۈنچە بالىلارنىڭ ماڭا ئوخشاش چىش ئاغرىقى بارئىدى، بەزىلىرى تېخى چىش قېلىپى تاقايتتى. ياتاقخانىلار ۋە تەنتەربىيە مەيدانلىرى جايلاشقان يان تەرەپتىكى بىنانىڭ ئۈستى قەۋەتلىردىن بىرىدە دۇختۇر خانا لابراتورىيىسىنىڭ يېنىدا بىر چىش دوختۇرى بارلىقنى ھەممەيلەن بىلىشەتتى. ئوقۇتقۇچىمىز بىرەر ئىشتىن ئاچچىقلانغاندا، يارىماسلىق قىلغان بالىنى ئاشۇ چىش دوختۇرىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، دەپ قورقۇتاتتى. ئۇنىڭدىن ئاددىيراق جازا بولسا، كەپسىزلىك قىلغان بالىنى دوسكا ئېسىلغان تام بىلەن ئىشىكنىڭ ئارلىقىدىكى بۇرجەكتە بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش ئىدى. بەزىدە بۇ تېخى بىر پۇتلۇق بولۇپ ئۆرە تۇرۇش جازاسىغا ئايلىناتتى. ئەمما سىنىپتىكى ھەممەيلەننىڭ دىققىتى دەرىستە ئەمەس، بىر پۇتلۇق بولۇپ تۇرغان ئاشۇ بالىنىڭ شۇ ھالەتتە قانچىلىك ۋاقىت تۇرالايدىغانلىقىدا بولغاچقا، دەرىسنى ئۈگەنگىلى بولما يتتى. بەزى كەپسىز توپىلاڭچىلار بىر پۇتلۇق بولۇپ تۇرسىمۇ، بەزىدە بۇلۇڭغا قويۇلغان ئەخلەت چىلىكىگە تۈكۈرەتتى، بەزىدە ئوقۇتقۇچىغا سەزدۈرمەستىن ئارقىسىغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ، قېشىنى ئوينىتىپ ھەييارلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرى مەندە ھەيرانلىق ئەمەس، قورقۇنۇش ئىچىدىكى قىزغىنىش ۋە نەپرەت ئويغىتاتتى.

    كەپسىزلەرنىڭ، توپىلاڭچىلارنىڭ، ئەخمەقلەرنىڭ ۋە ئۇياتسىزلارنىڭ ئوقۇتقۇچى تەرىپىد ىن جازالىنىشى، ياقىسىدىن ئېلىنىشى، تاياق يىيىشى، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىر كوللىكتىپ، ساۋاقداش ھەمدەملەردىن بولۇشۇمغا قارىماي، بەزىدە مېنى خۇرسەن قىلاتتى. ھەرقانداق كىشى بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغان بىر قىز بارئىدى. ئۇ مەكتەپكە ھەشەمەتلىك ماشىنىدا كېلەتتى، ئوقۇتقۇچى ئۇنى دوسكىغا چىقىشقا بۇيرىغاندا، ئۇ ناھايتى مەنمۇنىيەت بىلەن چىقاتتى، نازلىنىپ تۇرۇپ«جىڭلەبىلىش-جىڭلەبىلىش...»دەپ ئېنگىلىزچە بىر ناخشىنى ئېيتىشقا باشلايتتى. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن شۇنچە يېقىن بولۇشىغا قارىماي، بۇيرۇلغان ئىشنى دىققەت بىلەن قىلمىغىنى ئۈچۈن تىل ئىشتىشلىرىگە، تۈرتۈپ تاشلىنىشلىرىغا گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن سىقىلمايتتىم. ھەر قېتىملىق تاپشۇرۇق تەكشۈرۈلگەندە بىر قاتار بالىلار تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندەك تۇتۇشى، تېخى دەپتەرلىرىنى ۋاراقلاپ، ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلىرىنى تاپالما يۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى، ئوقۇتقۇچى بونىڭغا زادى ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن«ئىشلىگەن تاپشۇرۇقۇڭلار قېنى؟»دەپ سورىشىنىڭ سەۋەبىنى پەقەت چۈشۈنەلمەيتتىم. بىر دەملىك ساراسىملەر ۋە قارشىلىقلار، «تاپالمىدىم، ئۇستاز!» دىيىشلەر جازانى پەقەت بىردەملىكلا كەينىگە سۈرەتتى. ئەمما تەستەك ياكى قۇلاق سوزمىسىنىڭ شىددىتىنى بىرنەچچە ھەسسە ئاشۇراتتى، خالاس. ئوسمانىيلار سەلتەنەتى، مەكتەپلەردە مۇئەللىم تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىلغان تاياقلار ياكى ماياقلارنىڭ ئېتىلغان جايدىن قايتىپ بالىلارنىڭ بېشىغا چۈشۈشلىرى ئەخمەت رەسىم(1865-1932)نىڭ «فالاق»، «كەچۈرۈم»ناملىق ئەسەرلىرىدە ھېكايە قىلىنا تتى. بالىلىقتىكى ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىكى جازالاشلار، شۇنىڭدەك كېيىنكى يىللار نىڭ دەرىسلىكلىرىدە ئۇچرايتتى ھەم بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇمھۇرىيەت ۋە ئاتا تۈرۈكتىن كېيىن قېلىپ قالغان يامانلىقلارغا ئوخشاش تەقدىم قىلىناتتى بىزگە. ئەمما ئۇ يەنە باي نىشانتاش مەھەللىسىدىكى مەخسۇس مەدەنىيەتلىشىش، زامانىۋىيلىشىش دېگەندەك يېڭىلىقلارنىڭ بىر قىسمى مەجبۇرلاش يولى بىلەن كەمبەغىل ۋە ئاجىزلارنى قوللاشقا قارتىلغان يېڭىلىنىش دېگەن ئىدى؛ ئەمدى پالاق ياكى تاياق ئىشلىتىلمەي بۇنىڭ ئورنىغا ئوسمانىيلاردىن قالغان قېرى ۋە بەدجەھىل ئوقۇتقۇچىلار، چۆرىسىگە ئىنچىكە ۋە قاتتىق بىر مىكە(ياپراق سىمان تىنىق، ئاپئاق تاش) پارچىسى ئۆتكۈزۈلگەن بىر فىرانسوس بۇيۇمى جەدۋەللەر ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ بېشىغا ئۇراتتى.

    ھىلىگەرلىك قىلىپ، تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىگەن، يارىماسلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋر ىسىنى تاشتۇرغان ئوقۇغۇچى، يامانلىق نەمۇنىسى قىلىپ كۆرسىتىلىش ئۈچۈن دوسكىنىڭ ئالدىغا چىقىرلاتتى، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغان ئۇرۇشلار ۋە كەمسىتىلىش دەقىقىلىرى باشلانغاندا يۈرۈكۈم ئىزىلىپ، كاللام چىڭقىلىپ كېتەتتى. يېشىمىز چوڭايغاندا، گىمناستىكا مۇئەللىمى، دىن مۇئەللىمى، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشاش ھاياتتىن بەزگەن، جاھىل، قېرى ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولغا چۈشكەندە تېخىمۇ كۆپىيىدىغان جازالاش مۇراسىملىرىنى كۆرۈپ، ئاۋالقى زېرىكەرلىك دەرىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە دەقىقە داۋام قىلىدىغان تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇشلارنى، ئانىدەك مۇلايىم مۇئەللىملەرنى مەنمۇنىيەت بىلەن سېغىنىپ ئولتۇرا تتىم. بىرەر ئوقۇغۇچى خۇددى سۈت تۆكۈۋەتكەندەك، ئالدىغا قاراپ، ئەيپىنى تەن ئېلىپ، ئىشىنەرلىك دەرىجىدە بىرقانچە ئېغىز ئۆزرە ئېيتسا جازاسىنى سەل بوشراق تارتاتتى. ئەمما ئېيتقان ئۆزرىسى ئۆتكۈزگەن گۇناھىدىن چوڭ بولغانلار، يالغاندىن بولسىمۇ ئەيىپىنى يۇشۇر ىدىغان بىرەر باھانە تاپالمىغانلار، تاپالمايدىغانلار، يالغان گەپ قىلغىچە تاياق يىيىشنى ئەۋزەل بىلگەنلەر، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىدىغانلار ،جازالىنىۋاتقان چاغلاردا بىر قېتىم قاش-كۆز ئىشارىسى قىلىپ سىنىپتىكىلەرنى كۈلدۈرىدىغانلار، بىر تەرەپتىن ئاجايىپ يالغانلارنى قوراشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن « ھەرگىز يالغان گەپ قىلمايمەن ئۇستاز!»دەپ سەمىمى قەسەم ئىچىشلەر، تاياق ۋە كەمسىتىلىشتىن قان-تەرگە چۆمگەن، يېڭىلىشىپ قاپقانغا چۈشكەن ھايۋاندەك، بىلمەستىن يەنە خاتالىققا يول قويۇپ، ئۆزىگە قىلىنىۋاتقان ئەرزىيەتلەرنى يەنىمۇ ئاشۇرغان ساۋاقداشلار ماڭا ئىنسانىيلىق ۋە ھايات ھەققىدە بارچە ھايات بىلىملىرى كىتاپلىرىدىن ۋە سىنىپ بىلىملىرى ژورناللىرىدىنمۇ چوڭقۇرراق نەرسىلەرنى ئۈگىتە تتى.

    بەزىدە ھەممە ئىشلىرى شۇنداق تەرتىپلىك، بەزىدە شۇنداق يېقىملىق، يەنە بەزىدە تولىمۇ سۇلغۇن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈپ يۈرگەن بىر قىزنىڭ ئەنە شۇنداق كەمسىتىلگىنىگە، ئوقۇتقۇچىغا ئۆزۈر ئېيتىۋاتقاندا يۈزلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىۋاتقا نلىقىغا، ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ قالغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ بۇ تەڭقىسلىقتىن تېزراق قۇتۇلۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كېتەتتىم. تەنەپپۇسلاردا مېنى بۇزەك قىلىپ، كۆڭلۈمگە ئازار بېرىدىغان ھېلىقى سېرىق چاچلىق سېمىز بالىنىڭ دىرىلدەپ تىترە شلىرىنى، تىترەپ تۇرۇپ تاياق يەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۇنى شۇ ھالەتتە تاماشا قىلىپ ئولتۇرغىنىمدىن زوقلىنىپ كېتەتتىم. تۈزۈلۈشكە زادى ئۈمد قالدۇرمىغان ئەخمەق، ھېچنېمە تەسىر قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، ناھايتى ئۇرۇق، ئاۋازى تولىمۇ بوش چىقىدىغان، ئەمما غورۇرلۇق بىر بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ئازدۇرالىغانلىقىدىن گىدىيىپ ئولتۇرۇشىنىڭ سەۋە بىنى بىلگىنىمدە، بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان تارام-تارام ياشلىرىنى كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەينى چاغدا قايسى بىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي چارچاپلا كېتەتتىم. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى دوسكىغا چىقارغان ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمىنى سىناشتىن كۆرە، كۆپرەك ئۆز جاھالەتلىرىنى نامايىش قىلىپ، ئۇنى كەمسىتىشلىر ىدىن قانچىلىك مەززە قىلىشسا، بەزى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەھۋالنى ئىرادە بىلەن ياخشىلاشتىمۇ كۆرە ئۆزلىرىنىڭ كەمسىتىلىشىدىن ئاشۇنداق مەززە قىلىدىغاندەك تۇيلاتتى. بەزى ئوقۇغۇچىلار بىرسىنىڭ دەپتىرىنىڭ باشقىچە بىر رەڭلىك قەغەز بىلەن جىلىتلانغانلىقىنى كۆرگەندە قۇتراپ كېتەتتى، يەنە بەزىلىرى ئادەتتىكى چاغلاردا ھېچبىر ئېتىبار بەرمەيدىغان، ئاددىي بىر پىچىرلا شقىمۇ بىر شاپىلاق بىلەن جازا بېرەتتى، بەزى ئوقۇغۇچىلار جاۋاپنى بىلىدىغان ئاددىي بىر سۇئالغا، خۇددى ماشىنا چىرىقىدىن چۆچۈپ كەتكەن مۈشۈكتەك كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ قېتىپلا قالاتتى، بەزىلىرى بولسا (كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇشۇنداقلارنى قوللايتتىم) جاۋاپنى بىلمىسىمۇ، بىلىدىغان نەرسىلىرى ئۈستىدە ياخشى نىيەت بىلەن سايرا ۋېرەتتى.

    بەزى چاغلاردا، دەپتەر، كىتاپلارنىڭ غەزەپ بىلەن ئېتىلىشى تۈپەيلىدىن باشلانغان قور قۇنۇشلۇق ۋاقىتلاردا، پۈتۈن سىنىپتا تىرىق قىلغان ئاۋازمۇ چىقمايدىغان چاغلاردا، بېشىمغا بىر قېتىممۇ شۇنداق كەمسىتىشلەر كەلمىگەن تەلەيلىكلەردىن بولغىنىم ئۈچۈن شۈكرى قىلاتتىم. سىنىپنىڭ ئۈچتىن بىرى شۇنداق بۆلەكچە «ئىمتىيازلىقلار»ئىدى. يوقسۇللار بىلەن بايلار بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەكتەپلىرىگە قارمۇ-قارشىدەك، بۇ مەخسۇس مەكتە پتە تولىمۇ سۆرۈن كەمسىتىشلەر بىلەن ھېچ خاپا قىلىنمايدىغان تەلەيلىكلەرنى ئاجرىتىپ تۇرغۇچى يۇشۇرۇن سىزىقنىڭ، ئوقۇغۇچىنىڭ بايلىقى ياكى كەمبەغىللىكى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى. مەكتەپكە كېلىپ بالىلارچە بىر دوستلۇق بىلەن تەنەپپۇسلاردا قوغلا شماق ئويناپ خوشاللىق بىلەن ئۇنۇتقىنىم ۋە روھىم رەت قىلغان بۇ يۇشۇرۇن سىزىق، ئوقۇتقۇچى ئۆز ئۇرۇ ندۇقىغا، خۇددى ئاجايىپ بىر ئىقتىدار تەختىگە ئولتۇرغاندەك مەغرۇر ئولتۇرۇشى بىلەن تەڭلا ئاشكارە بولاتتى، مەنمۇ كۈچلۈك قىزىقىش بىلەن بەزىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تارتىنچاق، يۈرەكسىز، ئىرادىسىز، ھېچنېمە تەسىر قىلمايدىغان، ئەقىلسىز، يەنە كېلىپ، نېمە ئۈچۈن «شۇنداق» بولىدىغاندۇ، دەپ ئۆزەمدىن سورايتتىم. ئەمما ھاياتىم زۇلمەتكە ۋە سىنىپداش دوستلىرىمنىڭ روھىغا يۆلىنىدىغان بۇ سۇئالغا، نە ئاشۇ زامانلاردا ئوقۇشقا باشلىغان، يامانلار نىڭ ھەممىسىنىڭ ئېغىزى بورمىلىق قىلىپ سىزىلغان رەسىملىك رومانلار، نە بالىلىق تۇيغۇ لىرىم جاۋاپ بېرەلمەيتتى ھەم مەنمۇ ئۇزاققا قالماي سۇئالنى ئۇنتۇپ كېتەتتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن، مەن مەكتەپ دېگەن جاي ئەسلىدە ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسىي ھىساپلىنىدىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغان، پەقەت ئۇلارنى ھايات ھەققىقىتى سۈپىتىدە تەن ئېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان جاي دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. شۇ سەۋەپتىن مەن تا مەكتەپتىن ئايرىلغىچە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۆزەمنى سىزىقنىڭ تېنچ ۋە ئەركىن تەرىپىدە تۇتۇشقا تىرىشتىم.

    مەكتەپتە ئۆگەنگەن يەنە بىر ئىسىل نەرسەم-ھاياتنىڭ سورالمايدىغان«ھەقىقە تلىرى» نى قۇبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا مەپتۇن بولۇش ئىكەنلىگىنى سېزەتتىم. دەسلەپكى يىللاردا بولا-بولماس باھانىلەر بىلەن، بىر-ئىككى ئوقۇتقۇچى دەرىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىزگە بىر ناخشىنى ئېيتقۇزۇشقا باشلايتتى. مەن بۇ ناخشىدىكى ئېنگىلىزچە، فىرانسوسچە سۆزلەرنى زادى چۈشىنەلمەيتتىم، بۇ ناخشىنى ياخشىمۇ كۆرمەيتتىم، ئەمما خۇددى بۇ ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقاندەك ھەركەت قىلىپ ئولتۇرۇپ سىنىپداشلىرىمغا قاراشتىن زوقلىناتتىم. (تۈركچە «سافچى ئاتا، سافچى ئاتا، بايرام كەلدى، سوناي چال!»دېگەندەك تەرجىمە قىلىنغان قوشاقلار). يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدا دەپتىرىنى يەنە ئۆيىدە ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن كۆزلىرى ياش تۆككەن پاكار بويلۇق سېمىز بالا ئەمدى، ئېغىزىنى يۇغان-يۇغان ئېچىپ، بەختىيارلىق بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتقان بولاتتى. ئۇزۇن چاچلىرىنى ھەدەپ قۇلاقلىرىنىڭ كەينىگە ئېلىۋاتقان قىز، ناخشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يەنە شۇ ھەركىتىنى تەكرارلايتتى. تەنەپپۇستا كارىدوردا مېنى بۇزەك قىلغان سېمىز توپىلاڭچىدىن بىرى ۋە ئۇنىڭ كەمسۆزراق، ئەقىللىق ھەم ناھايتى كەمتەرلىكىگە قارىماي، يۇشۇرۇن سىزىقنىڭ مەن بار تەرىپىدە قالىدىغاندەك ئېھتىياتچان، ئاقىل بىرى ئەمدى پەرىشتەسىمان بىر ئىپادە بىلەن مۇزىكىنىڭ كۆرۈنمەس بۇلۇتلىرى ئارىسىدا يوق بولۇپ كەتكەنىدى. تەرتىپلىك قىز ناخشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەلەمدانلىرى ۋە دەپتەرلىر ىنىڭ ئورنىنى يەنە بىر قېتىم رەتلىدى، مەكتەپنىڭ دەرەخزارلىق ھويلىسىدىن ئۆتۈپ سىنىپقا كېلىۋاتقاندا، ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشىمىز ئۈچۈن «ماڭا ھەمرا بولامسەن؟»-دەپ سور ىغىنىمدا، ئۈندىمەي، پەقەت قولۇمنى بوش تۇتۇپ قويغان تىرىشچان، ئەقىللىق قىز ناخشىنى ياخشىراق ئېيتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ناھايتى جىددىي تۇتاتتى. ئىمتاھانلاردا ھېچكىم قارىمىسۇن دەپ قەغىزىنى خۇددى ئەمچەكتىكى بوۋىقىنى ساكىداۋاتقان خوتۇنلاردەك پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن دوسىۋالىدىغان، قىزغانچۇق ئۇرۇق بالا ھېچكىمگە ئاچمىغان كۆكسىنى ئاچىدىغاندەك ھەركەتلەرنى قىلاتتى. ھەركۈنى تاياق يەيدىغان، كېلىچىگى ئۈمىدسىزلەردىن بىرىنىڭ بولسا، ناخشىغا زور قىزغىنلىق بىلەن جۈر بولغىنى ۋە ئالدىدىكى قىزنىڭ بىرتال چېچىنى ئوغۇرلۇقچە تارتقىنى، دىققەت بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنىڭ پات-پات ۋاي-ۋايلىشى، بۇچاغدا ئۇ بالىنىڭ دەرىزىدىن سىرتقا قارىغان بولۇپ تۇرىۋالغانلقىنى كۆرگىنىمىزدە، بىزمۇ قىزىل ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئىشاش چېچى بار قىز بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزلىرى ئىچىگە تىكىلىشىپ كۈلۈمسىرىشەتتۇق. پەقەت چۈشەنمەي ئېيتىۋاتقان ناخشامنىڭ لاي، لا، لاي لا...قىسمىغا كەلگەندە مەنمۇ ناخشا بىلەن تېخىمۇ كۆتۈرۈلگەن ئاۋازلارغا قوشۇلىۋالاتتىم. كېيىن دەرىزىدىن تاشقىرىغا قاراپ، يەنە بىر ئازدىن كېيىن قوڭغۇراقنىڭ چېلىنىشىنى، پۈتۈن سىنىپنىڭ بىرلا ۋاقىتتا گۈرۈلدەپ ھەممىنىڭ تارتمىلىرىغا، سومكىلىرىغا يېپىشىشىنى ۋە مەنمۇ بىر قولۇم تارتمىدا، بىر قولۇمنى مەن بىلەن ئاكامنى مەكتەپتىن ئۈچ مىنۇتلۇق يىراقلىقتىكى ئۆيگە يىتىلەپ ئېلىپ كېتىدىغان ئىشىك باقار تاغامنىڭ قولىغا بېرىپ، سىنىپتىكى بارلىق ئىنسانلارغا چارچىغىنىمنى، ئەمما ھازىر «ئانامنى كۆرىمەن»دەپ قەدەملىرىمىنى تېزلىتىدىغا نلىقىمنى خىيال قىلاتتىم.

     

    ئورخان پامۇكنىڭ ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىنغان«ئىستامبۇل.خاتىرىلەر ۋە شەھەر» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

     

    مەنبەسى: يازغۇچىلار تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.