يىگىت بولغان ھەر جاپاغا چىدار

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-22 17:26:50

يىگىت بولغان ھەر جاپاغا چىدار تۆگە ۋە بوتلاق تاماق يەركەن تۇيۇقسىز بوتلاق ئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ ۋە: -سەندىن بىر نەرسە سورىسام بولامدۇ، ئاپا؟ -ئەۋەتتە قوزام، سورا. -ئاپا، بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن...



     

    يىگىت بولغان ھەر جاپاغا چىدار

       تۆگە ۋە بوتلاق تاماق يەركەن تۇيۇقسىز بوتلاق ئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ ۋە:

       -سەندىن بىر نەرسە سورىسام بولامدۇ، ئاپا؟

       -ئەۋەتتە قوزام، سورا.

       -ئاپا، بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن لوككىمىز بار؟

        ئاپا كۈلۈپتۇ:

       -بۇ لوككىللىرىمىزبىلەن بىز سۇ توپلايمىز ۋە شۇ سۇ بىلەن چۆلدە ھەرقانداق بىرىسىدىن تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بىرەلەيمىز.

       -ئۇنداقتا ئاپا، بىزنىڭ پاچاقلىرىمىز نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋە پۇتلىرىمىز يۇمىلاق؟

        《قوزام دەپتۇ ئانا تۆگە تېخىمۇ غۇرۇرلىنىپ :

       -بۇسەۋەپتىن بىز چۆل قۇملۇقلاردا  ھەركىمدىن  راھەت ۋە تېخمۇ تېز ھەرىكەت قىلالايمىز.

       -بۇنى بىلدىم،ئۇنداقتا، كىرپىكلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇقەدەر ئۇزۇن ۋە قۇيۇق؟

       -قوزام ئۇلار كىرپىكلىرىمىزنى چۆلنىڭ قۇملىرىدىن توسۇپ قالىدۇ، كۆزلىرىمىزگە قۇم كىرىپ كەتمەيدۇ.

       -چۈشەندىم دەپتۇ بوتلاق ۋە تۆگە ئانا ئۇلاپلا:

       لوككىللىرىمىز چۆلدە تېخىمۇ ئۇزۇن بەرداشلىق بىرىشىمىز ئۈچۈن سۇ پېرىئۇملايدۇ(بىرىكتىرىدۇ)، پاچاقلىرىمىز ئۇزۇن بولغانلىقتىن چۆلدە تېخىمۇ تېز ۋە راھەت ھەرىكەت قىلالايمىز، كىرپىكلىرىمىز كۆزلىرىمىزنى چۆلنىڭ قۇملۇقلىرىدىن قورۇيدۇ…

       -قېنى ئۇنداق بولسا ئاپا، بىزنىڭ بۇ ھايۋانات باغچىسىدا نېمە ئىشىمىز بار؟

       -؟؟؟

       شۇنداق، يىللار بۇرۇن بۇ ھېكايىنى ماڭا قاماقتىكى (تۈرمىدىكى ) بىر مەھكۇم ئاڭلىغۇچىم فاكىس يولى بىلەن ئەۋەتكەن ۋە    شۇلارنى سورىغان ئېدى:مىنىڭ بۇ تۈرمىدە، بۇ تۆمۈر قىسقۇچلار ئىچىدە نېمە ئىشىم بار؟》…

       بۇ زامان-زاماندىن نۇرغۇنلىرىمىزنى ئويلاندۇرغان ۋە بىلىش قىيىن بۇلغان بىر سوئالدۇر…

       ئەمدى قالغىنى بىز -ئادەم بىز ، تاش-تۆمۈرئەمەس. ئالتۇن ئوردىدا بولساقمۇ، ئىنسانغا قالغان ئاچچىق ئاسارەتتىن ئىنسانغا باقىدىغىنى بولسا تېخىمۇ ئاچچىق ئەسلىمە ۋە تېخمۇ ئەلەملىك بىر ئىنساندۇر.

       ھايۋاندا تەسەۋۋۇر،خىيال سۈرۈش ئالاھىدىلىكى يوقتۇر، ئەمما ئىنساننىڭ بار.

       بىر ئىتنىڭ ئالدىغا ھەركۈنى توپاق گۆشى قويساڭ، يەنە توپاق گۆشىمۇ؟دېمەيدۇ، ھەركۈن ۋە ئەتىلەرچە شۇ ئىشتىياقى بىلەن شۇ يېمەكنى يەيدۇ.

       ئۆيدىكى مۆشۈكۈڭگە ھەركۈن ئوخشاش مۆشۈك يېمىنى بەرسەڭ، بېلىقىڭغىمۇ بۇرۇنقىدەكلا يېمىنى بەرسەڭ،  شاتۇتىغا ھەركۈن بىر خىللا گازىر بەرسەڭمۇ، ھىچ ئېتراز بىلدۈرمەيدۇ، ئەمما ئىنسانچۇ؟

       چۈنكى ئىنسان بىز، ئارزۇ-تىلەكلىرىمىز چەكسىز بولغان…

       بىز سۆيىمىز، ئاشىق بولىمىز ۋە ئايرىلىمىز.

       بىز تېنىمىز قىينالسا بەرداشلىق بېرىمىز، ئەمما باش ۋە روھىمىز قىينالسا كۆپىنچە بەرداشلىق بېرەلمەيمىز.

    ئاچلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدىغان ھالغا قالغان يوق، ئەمما مەنىۋىي ئاچلىقتىن بۇ ھالغا قالغان كۆپ…

    مانا شۈ سەۋەپتىن  ھايۋانغا بېرىلمىگەن ۋە بىزدە بولغان بىر تۇيغۇسەبىردۇر.

      《مېنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشىم بار؟سوئالىنى ئەلۋەتتە سۈرۈشتۈرىمىز، ھىچ بولمىغاندا يەنە بىر قېتىم بۇنداق ھالغا كەلمەسلىك ئۈچۈنساۋاقئالىمىز ئەمما ئېسيان قىلالمايمىز.

    ئېسيان قىلىش ئۇ كۈنىمىزنى خوراتقىنىدەك ، ئەتىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىمۇ تۈگىتىدۇ ۋە بىزنىڭ  پۈتۈن ئېنىرگىيەلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىدۇ.

       بۇ ئەسەر پەقەتلا جازا ئۆيىدىكى مەھكۇملارغا يېزىلمىدى، روھى ئىشكەنجىدە قالغانلارنى  ھۆرلۈك ئىچىدە تۇتساق ، تاشلاپ كەتكەن مىڭلارچە يۈرەكلەرگە يېزىلدى…

       ئونداقتا نېمە دەيمىز:

       يىگىت ئاتتىن چۈشەر يەنە ئاتلانىر،

       يىگىت بولغان ھەر جاپالارغا چىدار.

      قېنى ئەمدى پەسكە چۈش ۋە قەلبىڭدە بۇ مارازدىن قانداق قۇتۇلىدىغانلىقىڭنى سۈرۈشتۈر.

    قانداقمۇ؟

       جاۋابى: سەن تېزلا مەندىن سورىما!

     
     
    تۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.