جازا لاگىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرە (ئامېرىكا)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 14:04:00

جازا لاگىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرە فىلمان ( ئامېرىكا) بۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياداك جازا لاگىرىدا يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرە. مەن توپتوغرا 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئادېرىيان ئەپەندىنى تاپتىم. ...

    جازا لاگىرىدىكى كۈندىلىك خاتىرە فىلمان ( ئامېرىكا) 

           بۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياداك جازا لاگىرىدا يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرە. مەن توپتوغرا 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئادېرىيان ئەپەندىنى تاپتىم. ئۇ يەتمىش ياشتىن ئاشقان، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بوۋاي بولۇپ، قورايدەك قوللىرى بىلەن سارغىيىپ كەتكەن كۈندىلىك خاتىرىنى ئالغان چاغدا، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش مېنىڭ ياداك جازا لاگرىدا ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئېچىنىشلىق تۇرمۇشۇمنى قايتا ئېسىمگە سالدى. كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى مونىكا ئىدى. مونىكا جازا لاگىرىغا مەندىن بۇرۇن كەلگەن بولۇپ، قارىغاندا، ياپون ئەسكەرلىرى بىلەن بەك يېقىن ئۆتىدىغاندەك قىلاتتى. بىز ھەركۈنى دەرەخزارلىققا بېرىپ ئەمگەك قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ پەقەت جازا لاگىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش، ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ كىيىمىنى ياماپ بېرىش ياكى گېزىت كۆرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. مونىكا ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختىدەك كۆرۈنەتتى، ئۇ ياپونلۇقلار ئارقىلىق، دورا، ھاراق، ھەتتا بولكا ۋە تاماكىلارنى سېتىۋالاتتى. لېكىن، ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سېپى ئۆزىدىن بىر ئىت ئىدى. چۈنكى، ئۇ دورا تەييارلىغاندا، ھېچقايسىمىز ئۇنىڭ چىشىغا تېگەلمەيتتۇق، ئۇنىڭ دورىلىرى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بىرنەچچە تال قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى بىر دانە شىۋىتسارىيە سائىتىگە ئالماشتۇراتتى. ئۇ بىزدىن ئالغان پۇل ياكى نەرسىلەرنى ياپون ئەسكەرلىرى بىلەن ۋوتكىغا ئالماشتۇراتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر رومكا ئىچەتتى. بىز ئۇنى ئەيىپلىسەك، ئۇ ھەمىشە پىسەنت قىلماستىن: __ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۈمىت بولۇشى كېرەك، ئۈمت بولغاندىلا يورۇقلۇق بولىدۇ،__ دەيتتى. جازا لاگىرىدا، بىز ئۇ دەۋاتقان ئاتالمىش ئۈمىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق، ئەمەلىيەتتە، يەنىلا زۇلمەت ئىچىدە كۈن كەچۈرۈۋاتاتتۇق. مەن جازا لاگرىغا كېلىپ يېرىم يىلدىن كېينكى بىر قىشتا، بابۇس خانىمنىڭ قىزى مىشىر يامغۇردا قېلىپ، قىزىتمىسى قاتتىق ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مونىكادىن قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى تەلەپ قىلدى. مونىكا بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن قوشۇلدى، بىراق، ئۇ دورىنى بابۇس خانىمنىڭ بوينىدىكى ئۈزۈك ئېسىلغان مارجان بىلەن ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. __ بۇ ئوچۇقلا بۇلاڭچىلىق ئەمەسمۇ،__ دىدى بابۇس خانىم مونىكانى تىللاپ،__ بىز ھەممىمىز ئامېرىكىلىق، لېكىن، سەن بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ياپۇنلۇق چوشقىلارغا بېرىسەن، سەن ئالۋاستىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىكەنسەن! مونىكا ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئۇ كارۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بىر يۇتۇم، بىر يۇتۇمدىن ھاراق ئىچىشكە باشلىدى ۋە سوغۇققىنا قىلىپ: __ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پايدىلىنىۋالساملا، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن بەرىبىر،__ دىدى. بابۇس خانىم ئامالسىز يەرلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قاراڭغۇ بازاردىن دورا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق قىلغاندا باھاسى كۆپ ئەرزان بولسىمۇ، لېكىن، خەتىرى چوڭ ئىدى. ئەگەر ياپون ئەسكەرلىرى بايقاپ قالسا، جاندىن ئايرىلىدىغان گەپ ئىدى. ئۇلار ئېكىنزارلىقنىڭ يېنىدىكى ئىپتىدائى ئورمانلىقتا مال ئالماشتۇرۇشقا پۈتۈشتى. قايتىپ كېلىدىغان يول ئۈستىدە بابۇس خانىم ياپون ئەسكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قالدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، بىز ئۇنىڭ كۈن نۇرىغا قاقلاپ تىزلاندۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى، ئەتراپىغا ئۇچلۇق بامبۇك تاياقچىلارنىڭ سانچىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق. ئەگەر، ئۇ ئازراقلا مىدىرلىسا، بامبۇك تاياقچىلار ئۇنىڭ بەدىنىگە سانچىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قوياتتى. بۇ چاغدا، ھەممەيلەن بۇ ئىشنى چوقۇم مونىكا ياپونلارغا ئاشكارىلاپ قويغان گەپ، دىگەن قاراشتا بولدى. مىشىر سەۋدايىلارچە مونىكانى ئىزدەپ تاپتى ۋە: __ سەن نىمە ئۈچۈن ئاپامنى سېتۋېتىسەن؟ ئۇ ئۈزۈك دادام ئۇرۇش مەيدانىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئاپامغا قالدۇرغان بىردىنبىر بۇيۇم ئىدى،__ دىدى. مونىكا باشقا ئىنكاس قايتۇرمىدى، پەقەت مونىكانى سوغۇقلا ئىتتىرىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى، بىزنىڭ مەخپىيەتلىكنى چوقۇم مونىكا ئاشكارىلاپ قويغان دىگەن گۇمانىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. كەچقۇرۇن، مونىكا ياپونلار ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشقان بابۇس خانىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. بابۇس خانىم ئۈنتىنسىز ھالدا ئۈزۈكنى چىقىرىپ مونىكاغا بەردى. يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەن چاغدا، جازا لاگىرىدىكى ھاجەتخانا بۇزۇلۇپ قالدى. ياپونلار ئارىمىزدىكى ياش، ساغلام قىزلارنى ھاجەتخانىنى ئوڭشاش ئەمگىكىگە سالدى. ئۇدا بىرنەچچە ئايلىق ئەمگەكتە، ئوتتەك قىزىق ئاپتاپ بەدىنىمىزنى قىزدۇرۇپ چىلىق- چىلىق تەرلىتىۋەتتى. تەر، تىرناقلىرىمىزدىن چىققان قان ۋە پۇتىمىزدىن چىققان يىرىڭ ئارىلىشىپ كەتتى. بىزدىن سەل يىراقتىكى دەرەخ سايىسى ئاستىدا، مونىكا بىزگە كۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان ياپون ئەسكىرى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىشىۋاتاتتى. مەن تىرەكنى تۇتۇۋالالماي تۇيۇقسىز ئۆستەڭگە يىقىلىپ چۈشتۈم. ھۇشۇمغا كېلىپ، ئۆزەمنىڭ ياتاقتا يېتىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم. يېنىدا مونىكا تۇراتتى، ظذ: __ سىز ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ ھۇشىڭىزدىن كېتىپسىز، ئەڭ ياخشىسى، ئازراق ئىسسىق قايتۇرۇش دورىسى ئىچىڭ،__ دىدى. مەن بۇ ئالۋاستىنىڭ يامانلىقىنى بىلگەچكە، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كارۋاتتىن ئۆمىلەپ تۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا: __ مېنىڭ ساڭا بېرىدىغان پۇلۇم يوق، ياشىغۇممۇ يوق، بۇ دوزاقتا ئۆلۈپ كەتسەملا بولدى!__ دەپ ۋارقىرىدىم. مونىكا مېنى ئىككى شاپىلاق سالدى ۋە: __ سەن توخۇ يۈرەك نىمىكەنسەن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم ياشاش كېرەك!__ دىدى. كەچتە، مونىكا ماڭا بىرنەچچە تال دورا ۋە يەنە سېرىق ماي سۈركەلگەن بولكا بەردى، مەن ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. دورىنى يىگەندىن كېيىن، ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم. پۈتۈن كېچىدە، مەن بىرسىنىڭ باشلىرىمنى سىلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى كېلۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي، ياپون ئەسكەرلىرى تەسلىم بولدى، بىز جازا لاگىرىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھېچكىم مونىكا بىلەن بىرگە مېڭىشقا ئۇنىمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، مەن بىلەن بابۇس خانىم ئۇنى ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلدۇق. ئورمانلىقتىكى سازلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىمىزدا، مونىكا تۇيۇقسىز پاتقاققا چۈشۈپ كەتتى، پاتقاق ئۇنى بېلىگىچە تارتىپ ئەكىرىپ كەتكەن ئىدى. بىز پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، بىر تال دەرەخ شېخىنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىشنى ئېيتتۇق. نۇغۇن كۈچ سەرپ قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئۇنى پاتقاقتىن تارتىپ چىقاردۇق ۋە ئۇنى يۈدۈپ بىر تاشلاندۇق ئۆيگە ئېلىپ كىردۇق. ئاجىز ئوت يورۇقىدا، مونىكانىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ھالدا كۆرۈنەتتى. ئۇ بەدىنىگە چىپ كېلىدىغان يانچۇقىدىن ھېلىقى ئۈزۈكنى چىقىرىپ بابۇس خانىمغا قايتۇرۇپ بەردى ۋە : __ مەن ئۇنى ياپونلارغا بەرمىدىم، سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانمۇ مەن ئەمەس،__ دىدى ۋە ئارقىدىنلا بىر كۈندىلىك خاتىرىنى ماڭا بېرىپ،__ ئەمەلىيەتتە، مەن ئەزەلدىن دوختۇر ئەمەس، ئۇرۇشتىن ئىلگرى پەلسەپە پروفېسسورى ئىدىم. ئەگەر مۈمكىن بولسا، بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى ئېرىم ئادېرىيانغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز،__ دىدى. مونىكا شۇ كۈنى كېچىسى كۆز يۇمدى. 40 يىلدىن بېرى، مەن ئادېرىياننى ئىزدەشتىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىدىم. ئاخىرىدا، بىر كونا ئەسكەردىن ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرىنى بىلدىم. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ فىلورىدا شىتاتىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. بۇ كۈندىلىك خاتىرە ئارقىلىق، مەن مونىكانىڭ ياپون ئەسكەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشى دەل بىز ئۈچۈن دورا تېپىپ، بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. لېكىن، ئۇنىڭ دورىلىرنىڭ شۇنچە قىممەت بولۇشى ئۇ بۇرۇنلا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئامالسىز كۈچلۈك ھاراققا تايىنىپ ئاغرىقنى پەسەيتكەن ۋە شۇ ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ، بىزگە ئۈمىت بېغىشلاپ كەلگەن ئىدى. (« تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 15- سانىدىن تەرجىمە قلىندى.)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق