10مىلىيون دوللار

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-27 23:50:00

بىر ئامېرىكىلىق كىچىكىدىنلا چوڭ بولغاندا كاتتا باي بولۇپ 10 مىليون دوللارلىق مال-مۈلۈككە ئېرىشىشىنى ئويلايتتى، ئۇ مۇشۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى ۋە تىرىشتى. «تىرىشقا...

         بىر ئامېرىكىلىق كىچىكىدىنلا چوڭ بولغاندا كاتتا باي بولۇپ 10 مىليون دوللارلىق مال-مۈلۈككە ئېرىشىشىنى ئويلايتتى، ئۇ مۇشۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى ۋە تىرىشتى.
        «تىرىشقان تاپار»دېگەندەك ، ئۇ 30 ياشقا كىرگەن يىلى ، بىر مىليون دوللار پۇل تاپتى.ھەم داۋاملىق تىرىشىپ 10مىلىيون دوللار تېپىشنى نىيەت قىلدى، ئۇ ئۆزىدە 10مىلىيون دوللار تېپىش ئىقتىدارى بار دەپ ئويلايتتى، . ئۇ ناھايىتى جاپالىق خىزمەت قىلدى، ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ يېتىپ ، كۆپ ئىشلىگەچكە دائىم مەيدىسى ئاغرىيتتى، ئېغىر خىزمەت قىلسا يۈرىكىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، كەسپىنى دەپ خوتۇنىدىن يىراقلاشتى،، بايىقى بارغانسېرى ، نىكاھى خەۋپ ئىچىدە قالغىلى تۇردى.
        بىر كۈنى ئۇ ئىشخانىدا تۇرىۋاتقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا ئاجىرشىش تەلىپىنى قويدى، ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ بايلىققا ئېرىشىش بىلەن نۇرغۇن قىممەتلىك نەسىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەمدە خوتۇنىغا تېلىپون قىلىپ قايتا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ  تۇرمۇشىنى قايتا باشلاش توغىرسىدا ۋەدە بەردى...
        شۇنىڭدىن كېيىن  ئۇ تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەبچى بولغان پۈتۈن بايلىقلىرىنى قىيىنچىلىقلىرى بار 60مىڭ ئاھالىگە 300مىڭدىن ئارتۇق ئۆينى سېلىپ بەردى، ئۇ بايلىقىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغىلىپ تاس قالغان ئىدى، بايلىقىنى دەپ خوتۇنىدىن ، سالامەتلىكىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ئىدى،...
         خوتۇنى ئىككىسى ئۆزى خالاپ بايلىقىدىن ۋاز كېچىپ ، ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىشنى لايىق تاپتى،ئۇ دەل «ئىنسانىيەتنىڭ ئائىلىسى خەلقارا خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتى» نىڭ باش مۇدىرى، فۇللىر ئىدى.
       فۇللىر 10مىلىيون دوللاردىن ۋاز كېچىپ بايلىقنىڭ قۇلى بولماي ئۆزىنى قۇتقۇزدى، تۆۋەندىكىسى ئۇ ياقتۇرىدىغان ھىكمەتلىك سۆزلەر
        بايلىق ئاقىللارنىڭ قۇلى، نادانلارنىڭ خوجايىنى بابايىتىۋا(روسىيە)
       ساۋاپلىق ئىشلارلا ساڭا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ سەئىدى(پېرسىيە)
        ئىشەنچكە تولغان ئەر -ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ۋىجدان ھەرگىز ئويۇنچۇق ئەمەس رومىل(فىرانسىيە)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق