تەرمىلەر

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 15:42:49

تەرمىلەر ئازابنىڭ چېكى- پۇشايمانسىز ھايات! كەلگۈسى دېگەن نەرسىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ، ئەتە دەيدىغان نەرسىمۇ خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ، پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھەققىي ياشاڭ!ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھە كۈنى -...

    تەرمىلەر

    ئازابنىڭ چېكى- پۇشايمانسىز ھايات!
    كەلگۈسى دېگەن نەرسىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ، ئەتە دەيدىغان نەرسىمۇ خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ، پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھەققىي ياشاڭ!
    ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھە كۈنى -يېڭى بىر ھايات.
    =======================================

    دۇنيادىكى غەم-قايغۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپلا، ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار چىقىرىشىدىن پەيدا بولغان.
    شەخسىي ئازابىڭىزنى كۈلۈپ قويۇپ ئۆكۈزىۋېتىڭ.
    ========================================

    تۇرمۇشتا ئىككى نەرسىنىڭ كويىدا بولۇش كېرەك، بىرى: قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنە بىرى: قولغا كەلتۈرگەن نەرسىدىن بەھرىمەن بولۇشنى بىلىشتىن ئىبارەت.
    ئەتە نېمە قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم ئەڭ- بەخىتسىز ئادەمدۇر!
    ============================================

     دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسەللىي ئۆزۈڭنىڭ ئۆزۈڭگە بەرگەن تەسەللىيلىسىدۇر.
    =================================================

    ئۇ ساڭا ئۆزىنى قانچىلىك بېغىشلىسا، سەنمۇ شۇنچىلىك بېغىشلا، بېغىشلىمىسا، سەنمۇ ئاۋارە بولما.
    ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشى -ماسلىشىشچان كىشىدۇر؛
    ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ماھىر كىشى - ماھىر كىشىدۇر.
    ==================================================

    ئادەم ئەتراپىغا دوستلۇق، گۈزەللىك،ئىناقلىق نەزىرى بىلەن باقسا، ھەممە دۇنيا گۈزەل كۆرىنىدۇ. ئەكسىچە غەم-ئەندىشىلىك نەزىرى بىلەن باقسا، كىشىنى ۋەھىمىلىك ۋە تەشۋىش چىرمىۋالىدۇ.
    ============================================
    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى تىرىشچان بولۇش، چىداملىق بولۇش، تاكى نەتىجە ئۇتۇق قازانغانغا قەدەر.
    ھەرقانداق غەلبە چوقۇم ئۆزىڭىزگە بولغان قەتئىي ئىشەنچ ئارقىلىق كېلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر