شەيتاننىڭ باھانىسى

يوللىغۇچى : nfisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-10 15:53:34

جامىس بىلەن ھېلىن توي قىلغىلى ئون يىل بولدى. ئۇلارنىڭ تۆت بالىسى بولۇپ، تۇرمۇشىمۇ باياشات ئىدى. ھېلېننىڭ ئاسانلا ئاچچىقى كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جامىس ئۇنى مۇكەممەل ئايال دەپ قارايتتى. ھېلىننىڭ ئاچچىقى كەلسىلا جامېس ئۇنىڭ بىلەن جاڭگاللى

    شەيتاننىڭ باھانىسى
     
    يې خوڭفەن
    زۇمرەت ئەنۋەر تەرجىمىسى

     
    جامىس بىلەن ھېلىن توي قىلغىلى ئون يىل بولدى. ئۇلارنىڭ تۆت بالىسى بولۇپ، تۇرمۇشىمۇ باياشات ئىدى.
    ھېلېننىڭ ئاسانلا ئاچچىقى كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جامىس ئۇنى مۇكەممەل ئايال دەپ قارايتتى. ھېلىننىڭ ئاچچىقى كەلسىلا جامېس ئۇنىڭ بىلەن جاڭگاللىشاتتى، كىمنىڭ يوللۇق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قېتىملىق جىدەل جامېسنىڭ يېڭىلىشى بىلەن ئاياغلىشاتتى.
    ئىككىيلەن بۈگۈن ساياھەتكە چىقىش توغرىسىدا يەنە ئۇرۇشۇپ قالدى. جامېس ئاچچىقىدا پېشىنى قېقىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۆيىگە يېقىن جايدىكى دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ مەقسەتسىزلا ئايلاندى. توساتتىن ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر قۇتىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئەتراپقا قارىدى، ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر شەيتان پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا:
    -مېنى قويۇپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، سىزگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن سىزنى ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزمەكچىمەن. لېكىن مەن سىزنى بىرلا ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزەلەيمەن،-دەپتۇ.
    جامېس بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر پەس ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىيۇ، لېكىن بىردەمدىلا ئېسىنى يىغدى. ئۇ بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
    -باياتىن مەن خوتۇنۇم بىلەن قەيەرگە ساياھەتكە بېرىش توغرۇلۇق جىدەللىشىپ قالدىم. خوتۇنۇمنىڭ ھاۋايغا بارغۇسى بار، بىراق مەن ئۇ يەرنى بەك يىراق كۆرۈپ، بېرىشقا قوشۇلمىدىم. راستىنى ئېيتقاندا مېنىڭمۇ ھاۋايغا بارغۇم بار ئىدى، لېكىن ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلىم بولغاچقا، ئايروپىلانغا ئولتۇرالمايمەن، پاراخوتقىمۇ ئولتۇرالمايمەن، چۈنكى سۇغا قارىسام، قورقۇپ كېتىمەن. مەن پەقەت پويىزغا ئولتۇرسام ياكى ئاپتۇموبىلنى ئۆزۈم ھەيدەپ ماڭساملا خاتىرجەم بولىمەن. شۇڭا مەن سېنى بۇ يەردىن بىۋاستە ھاۋايغا بارىدىغان بىر يول ياساپ بەرسىكەن، دەيمەن،-دەپتۇ. شەيتان بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
    -ياق، بۇ تەلىپىڭىزنى قانائەتلەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن، بۇ قۇرۇلۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئويلاپ باقمامسىز، بۇ يولنى ياساش ئۈچۈن، قەدەمدە بىر قوزۇق قېقىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ قوزۇقنى قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا قاققاندا ئاندىن دېڭىزنىڭ ئاستىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ بۇ يولنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قوزۇقتىن قانچىسى قېقىلىدۇ؟ كەچۈرۈڭ، تەلىپىڭىز ئېشىپ كەتتى،-دەپتۇ. جامېس بىر قانچە مىنۇت ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن شەيتاندىن:
    -مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئاياللارنى چۈشۈنۈپ باقسام دەيدىغان يەنە بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى. ئۇلارنى قانداق نەرسە ھەم كۈلدۈرۈپ ھەم يىغلىتىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىر دەم ئېچىلىپ بىر دەم تۇتۇلۇپ قالىدۇ؟ ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتۈش نېمىشقا شۇنچە تەس؟ ئۇلار قانداق چاغدا ئەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى، سەمىمىيلىكىگە موھتاج بولۇپ، قانداق چاغدا موھتاج بولمايدۇ؟ بىرلا سۆز بىلەن ئېيتقاندا قانداق نەرسە ئۇلارنى نېمىشقا يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان قىلىپ قويىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
    شەيتان بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
    -سىزگە ئىككى ماشىنا ئۆتۈشەلەيدىغان يول ياساپ بېرەيمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.