ئىبرەتلىك ھېكايە 4

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-14 12:15:00

بۆلجۈرگەن يىيىش ئا. ب ئىككى كىشىنىڭ ھەر بىرسىدە بىر تەخسىدىن بۆلجۈرگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بېسىلىپ قالغانلىقتىن زېدە بولۇپ كەتكەنىدى . ئا ھەر قېتىم يېگەندە تەخسىدىن ئالدى بىلەن زىدىس...

    بۆلجۈرگەن يىيىش

    ئا. ب ئىككى كىشىنىڭ ھەر بىرسىدە بىر تەخسىدىن بۆلجۈرگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بېسىلىپ قالغانلىقتىن زېدە بولۇپ كەتكەنىدى .

    ئا ھەر قېتىم يېگەندە تەخسىدىن ئالدى بىلەن زىدىسى ئېغىر بۆلجۈرگەنلەرنى ئىلغاپ يېدى . بىر تەرەپتىن يەپ ، بىر تەرەپتىن « بۇ بۆلجۈرگەن نېمانداق بەتتام » دەپ غۇدۇرىدى .

    ب بولسا دەل ئەكسىچە ، ھەر قېتىم يېگەندە ئامال بار تەخسىدىكى ساقلىرىنى تاللاپ ئەڭ ئالدىدا يېگەچكە ، بىر تەرەپتىن يىگەچ بىر تەرەپتىن ھوزۇرلانغان ھالدا :

    _ بۇ بىر تەخسە بۆلجۈرگەن ئىچىدە مۇشۇنداق تەملىك بۆلجۈرگەنلەرنىمۇ يىيەلەيدىكەنمەن . ھەقىقەتەن ياخشى بولدى !- دېدى .

    ئا ھەر قېتىم « ئۈمىد » نى كەينىگە قويدى . ب ھەر قېتىم « خۇشاللىق » نى كۆز ئالدىدا قويدى . شۇڭا ئوخشاش بىر تەخسە بۆلجۈرگەن يېيىش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن تەبىئيلا ئوخشاش بولمىغان تەسىرنى پەيدا قىلدى . ئادەمنىڭ تۇرمۇش شەكلى دەل مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئوخشايدۇ .

    ئۇنداقتا سىز ئامۇ ياكى ب مۇ ؟

    « كىروران » ژورنىلىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق