پۇلشېبا

يوللىغۇچى : AlsuyarHasan يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-18 16:53:00

پۇلشېبا مەن دىۋىزىيە شىتابى تۇرۇشلۇق لېشنيۇ كىتىۋاتاتتىم، سەپەردىشىم يەنىلا شۇ ياش كۇبانىلىق ، قۇتۇلۇش قىيىن، پەسكەش، ئۆزگەرتىپ چىقىرىلغان كوممۇنىسىت، كەلگۇسىدىكى ئەسكى ـ تۇسكى ساتقۇچى، ...

          پۇلشېبا

             مەن دىۋىزىيە شىتابى تۇرۇشلۇق لېشنيۇ كىتىۋاتاتتىم، سەپەردىشىم يەنىلا شۇ ياش كۇبانىلىق ، قۇتۇلۇش قىيىن، پەسكەش، ئۆزگەرتىپ چىقىرىلغان كوممۇنىسىت، كەلگۇسىدىكى ئەسكى ـ تۇسكى ساتقۇچى، بىغەم،سىبلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئېغىر ـ بېسىق كاززاپ پۇلشېبا ئىدى. ئۇ نېپىز سوكىنودىن تىكىلگەن قىزغۇچ تون كىيگەن ، تىۋىتلىق قۇلاقچىسى دۈمبىسىگە قىيسىيىپ قالغانىدى. ئۇ يول بويى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەيتتى... پۇلشېبا بىر يىل بۇرۇن ئاقلار ئارمىيىسى تەرپىدىن قېچىپ چىققاندى. ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى گۆرۈگە ئالغان ھەم جاسۇسلۇققا قارشى ئورگاندا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مۈلۈللىرى خوشنىلىرى تەرپىدىن يۇتىۋېلىنغاندى. ئاقلار ئارمىيىسى كۈباندى قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، پۇلشېبا ئۆزى تۇغۇلغان كىچىك بازارغا قايتىپ كەلدى. تاڭ ئەمدىلا يۇرىغان بىر ئەتىگەن ئىدى. ؛تېرىقچىلارنىڭ ئلۇيقۇسى بەتبۇي تىنچىق ئىچىدە داۋاملىشىۋاتاتتى. پۇلشېبا ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ بىر ھارۋىسىنى ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن بازاردىن ئائىلىسىنىڭ پاتېفون، كۇۋاس قاچىلايدى كومزەك ۋە ئاپىسى تۇقۇغان قولياغلىق قاتارلىقلارنى يىغدى ئۇ ئۈستىگە قارا كىگىز يامغۇرلۇق ئارتىپ، تاسمىسىغا ھىلال ئاي شەكىللىك پىچاق ئېسىپ چوڭ كوچىغا چىقتى، ئارقىسىدىكى ئات ھارۋىسى ئۇنىڭ كەينىدىن بىر خىل رېتىمدا كىلىۋاتاتتى ھارۋىنىڭ سۆرىتى تېزمۇ،ئاستىمۇ ئەمەس ئىدى پۇلشېبا قوشنىلىرىنى قان دەسسەپ چىققان ئايغى قانلىق ئىز قالدۇرۇپ ماڭاتتى بۇ كازاك ئاپىسىنىڭ نەرسىلىرىنى ياكى دادىسىنىڭ تاماكا خالتىسىنى تاپقان ئۆيدى مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەن موماي، قۇدۇق ئېغىزىغا ېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىت ۋە مال تېزىكى بىلەن بۇلغۇۋىتىلگەن ئەۋلىيا سۈرەتلىرىنى قالدۇرۇپ چىقاتتى بىر توپ كازاك تاماكا چىكىشىپ، غەمكىن ھالدى ئۇنىڭ يۇلىغا قاراپ تۇراتتى، ياش كازاكلار ئوتلاقتا ئولتۇرۇپ سانىشاتتى، سان ئۈزلۈكسىز كۆپىيەتتى پۈتۈ بازار سۈكۈتكە چۆمگەن پۇلشېبا ئىشنى تۇگەتكەندىن كىيىن قۇرۇقدالغان ئۆيگە قايىتتى،كىچىكىدىن تونۇش،بۇزۇۋېتىلگەن ئۆي جابدۇقلىرىنى رەتلىك تىزدى ئاندىن ۋودكا سېتىۋېلىپ كەلدى ئۆينى ئىچىدىن تاقاپ ، ئىككى كېچە ـ كۇندۇز ھاراق ئىچتى ، بىر ياقتىن ئىچىپ،بىر ياقتىن يېغلاپ،قېلىچى بىلەن ئۈستەلنى چاپاتتى،ئۈچىنچى كۈنى كېچىدە بازاردىكىلەر پۇلشېبانىڭ كىچىك ياغاچ كەپىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈۋاتقالىقىنى كۆردى، پۈتۈن بەدىنىنى كۈيۈك يارىسى قاپلىغان ، كىيىملىرى جۇلدۇر پۇلشېبا دەلدەڭشىگەن ھالدا كالا قوتىنىدىن كالىنى يېتىلەپ چىقىپ، تاپانچىسىنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا چەللەپ ئاتتى، زېمىن ئۇنىڭ ئاستىدىن قۇيۇق ئىس كۆتۈرەتتى، ئوت يالقۇنى، كۆك ئىس - تۈتەك دېرىزىدىن يوپۇرۇلۇپ چىقىپ ئەتراپقا تارقىلارتتى قوتاندا قامىلىپ قالغان موزاي نالە قىلاتتى، زور يالقۇن خۇددى قىيامەت كۈنىدەك لاۋۇلدايتتى، پۇلشېبا ئاتنى يېشىپ، ئېگەرگە مىندى، بىر تۇتام چېچىنى ئوتقا تاشلىۋىتىپ، ئىز دېرەكسىز غايىب بولدى،

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق