ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-19 09:04:14

ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟ «سىز پەرزەنتىڭىزگە ئەخلاقىي پەزىلەتنى ئۆگىتىڭ، ئادەمنى بەختلىك قىلىدىغىنى پۇل ئەمەس، بەلى ئەخلاق – پەزىلەت»-بىتخوۋىن بالىلارنىڭ ئ...

    ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟


       «سىز پەرزەنتىڭىزگە ئەخلاقىي پەزىلەتنى ئۆگىتىڭ، ئادەمنى بەختلىك قىلىدىغىنى پۇل ئەمەس، بەلى ئەخلاق – پەزىلەت»-بىتخوۋىن

       بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاتا – ئانىلار ئومۇمىيۈزلۈك تىرىشىدىغان نىشان. بالىلارنى ئۆگىنىشتە يۇقىرى نەتىجە ئالالايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ، كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ھەر بىر ئاتا – ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى.

       لېكىن، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلسا ياكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسىلا، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم بولدى، دەپ قارىغىلى بولامدۇ؟ كەلگۈسىدە ئاتا – ئانىلار ياشانغان چاغدا چوقۇم بەخت – سائادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالامدۇ ؟

       نۇرغۇن پاكىت - ئىشنىڭ بۇنداق بولمايدىغانلىقىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەردى.

       ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوغۇل بالا شېنجىنغا << ئالتۇن تاسقىغىلى >> بېرىپ، تۇرمۇش پۇلىنى پۈتۈنلەي خەجلەپ تۈگىتىپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغان. ئۇ يېنىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغاچقا، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە ئائىلىسىگە ئامالسىز قالغان. باشقىلار ئۇنىڭغا بىرەر يەردە ۋاقتىنچە ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلى بولسىمۇ تاپساڭ بولمامدۇ، دېگەن تەكلىپنى بەرسە، ئۇ << مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تۇرسام، جىسمانىي ئەمگەك قىلاتتىممۇ ؟>> دېگەن ھەمدە كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلغان، ئۇ ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە يېلىنىپ : << رەھىم قىلىپ مەندەك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭلار، ئۆيۈمگە قايتىشىمغا ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇڭلار >> دەپ ئىلتىجا قىلغان. بەزىلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى مەلۇم بىر شىركەتكە تونۇشتۇرماقچى بولغان، شىركەت خوجايىنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، << شىركىتىمىزدە مۇشۇ خىل ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل، لېكىن بۇنداق يارامسىز ئادەم ماڭا كېرەك ئەمەس >> دېگەن.

    بۇ ھەقىقىي ئەھۋال بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھازىرقى جەمئىيەت ئىختىساس ئىگىلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، دېپلوم بولسىلا، مەلۇم كەسىپنى ئىگىلىسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۆز ئىشىدا تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى بولۇشى لازىم، چىداملىق، ئىشچان، قەيسەر بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ھەم تەرەققىي قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

       2000- يىلى چاغاننىڭ ئالدى – كەينىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا 4- ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا، ئاتا – ئانىسىنىڭ بېسىمىغا چىدىماي بولقا بىلەن ئانىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ۋېنجۇ شەھىرى يۇڭجا ناھىيىسىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىر ساۋاقدىشىنىڭ پۇلىنى قاقتى – سوقتى قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ؛ يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قويغان << ئۆگىنىشتە چوقۇم ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىسەن >> دېگەن تەلىپىنىڭ بېسىمىغا چىدىماي زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.

       يۇقىرىدىكى پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەر كۆپ تەرەپلىمە بولسىمۇ، لېكىن تۈپ نىگىزى ئاتا – ئانىلاردا، ئاتا – ئانىلار شۇنى تۇنۇپ يېتىشى لازىمكى، بىر تەرەپلىمە ھالدا بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى قوغلىشىپ، ئىدىيىۋى ئەخلاق تەربىيىسىگە، قانۇن – ئىنتىزام تەربىيىسىگە ئۇزۇن مۇددەت سەل قاراش ؛ بىلىم ئۆگىنىشكىلا ئەھمىيەت بىرىپ، بالىلارنىڭ پىسخىك تەلىپى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا سەل قاراش بۇ پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئائىلىۋى سەۋەپتىن ئىبارەتتۇر. بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بوۇپ، ئۇ مەكتەپتە چوڭ ئەترەت باشلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ئىشچى بولۇپ، ئادەتتە ئۆزى ناھايىتى تىجەشلىك ئىكەن، لېكىن ھەممە ئىشتا بالىسىنىڭ رايىغا بېقىپ، ئۇنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىكەن. ئانىسى ئۇنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلەتكەچكە، ئۇ قوپال، ئۆكتەم ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئانىسىنىمۇ چاكار ئورنىدا ئىشقا سالىدىغان بولۇۋاپتۇ. بىر قېتىم مەكتەپكە پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، سەھەردىلا مەكتەپ بېرىشقا توغرا كەپتۇ، ئانىسى سائەت جىرىڭلىماي قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، كېچىچە ئۇخلىماي ئۆرە ئولتۇرۇپتۇ. تاڭ ئاتاي دىگەندە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ، قېرىشقاندەك سائەتمۇ جىرىڭلىماپتۇ. ئانا ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندا، ۋاقىت يېرىم سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۇ دەرھال ئوغلىنى ئويغىتىپتۇ، ئوغلى ۋاقىتنىڭ يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئانىسىغا خۇددى غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ پاچىقىنى جان – جەھلى بىلەن چىشلىۋاپتۇ.

       ئانىسىنىڭ كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇپ، بۇنداق ۋاپاسىز ئوغۇلنى نېمىشقىمۇ باققاندىمەن ؟ تۇغۇلغاندا شۇنداق رەھىمدىل بالا قانداق بولۇپ بۇنچە رەھىمسىز بولۇپ كەتكەندۇ؟ دىگەن خىيالغا كەپتۇ. بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىمەسلىك ئاتا- ئانىنىڭ گۇناھى، ئەركىتلىتىشنىلا بىلىپ، باشقۇرمىغاندا ھامان يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. ئەقەللىي ئەخلاق ۋە ۋىجدانى بولمىغان بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟ مانا بۇ مەسىلىلەر ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇ ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسىگە قىلىنىۋاتقان خىرىس ئەمەسمۇ ؟

       بەزىلەر بەلكىم يۇقىرىدىكى مىساللارنى ئايرىم ئەھۋال دەپ قارىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولسا بىز تۆۋەندىكى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى :

       ئامېرىكىدا كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان بىر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، 250 مىڭ ئۆسمۈرنىڭ ئىچىدىن 1528 نەپەر ئەڭ ئەقىللىق بالىنى تاللاپ، ئون يىلغىچە ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، ھەممىسىنىڭ ياراملىق بولالايدىغان – بولالمايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇتەخەسىس، ئالىم، كارخانىچى ۋە ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر چىققان، ئەكىسچە يارىماسلار، سەرگەردانلار ھەتتا بىر مۇنچە جىنايەتچىلەرمۇ چىققان. پۇرسەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئوخشاشمىغان بۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنلىكى، مەغلۇپ بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە شەخسى پىسخىكىسى ياخشى بولمىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار، بەزىلىرى ئىرادىسى ئاجىزلاردۇر.

       بۇ تەتقىقات بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پەقەتلا ئەقىللىق بولۇپ، بىلىملىك بولسىلا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالىشى ناتايىن. ياراملىق بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش كېرەك. دۇرۇس، تىرىشچان، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر بولمىسا ھەم ئەخلاقلىق ئادەم بولمىسا، ھەر قانچە تالانتلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلالمايدۇ.

       ئېلىمىز 400 نەپەر 45 ياشتىن تۆۋەن مەشھۇر ياش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تۆۋەندىكى سان – سىفىرلار بىزگە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ :

       ئۇلارنىڭ %75.65 باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئەلا بولۇشى يەنىلا ھازىرقى جەمئىيەتتە ياراملىق ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى، بۇ كىشىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

       ئۇلارنىڭ %33.47 ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە << 3 تە ياخشى ئوقۇغۇچى >>، << سىنىپ كادىرى >> بولغانلار ۋە مەلۇم جەھەتتە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنچ قىلىدىغانلىقى، كۈچلۈك غۇرۇرغا ۋە پائالىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

       ئۇلارنىڭ % 81.08 كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلىسىدە ئاتا – ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىدىغانلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئائىلە ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

       ئۇلارنىڭ %79.73 ئادىل بولمىغان ئىشلارغا قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ھەق – ناھەق قارىشى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنىڭ روشەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    ئۇلارنىڭ %41.89 كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان، چىداملىق، كەمتەر پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر ئىكەن.

    يۇقىرىدىكى سانلىق ئاساسلار كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، ئۆزىگە ئىشىنىش، مۇستەقىللىق، تەلەپچانلىق، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش قاتارلىقلار مەشھۇر ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى << سىرى >> ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ دەل مۇشۇ ئامىللارنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ مىزانى ئىكەنلىكىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

       ئەپسۇسكى، نۆۋەتتە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچە بىر تەرەپلىمە بولغاچقا، ئاتا – ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا يەنىلا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بولماقتا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى ئاتا – ئانىلار ئىچىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا %90 تىن كۆپرەك ئاتا – ئانىلار ھەممىدىن خۇشال بولىدىغىنىمىز بالىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى، ھەممىدىن بەك خاپا بولىدىغىنىمىز بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. دېمەك، بالىلار ئۈگىنىشتە ياخشى بولسا، ئاتا – ئانىلار ھەر قانداق جاپانى تارتىشقا رازى ئىكەن.

       بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز، لېكىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، بالىلارنى قانداق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مانا بۇ تۈپ يىلتىزىنى تۇتقانلىق بولىدۇ.

       قەدىرلىك ئاتا – ئانىلار، بىز «ئىلىم ئۆگىنىشمۇ مۇھىم، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىم »دېگەن قاراشنى تىكلەيلى.

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا – ئانىلار مۇنۇ نۇقتىغىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم :

    بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگىلا يۇقىرى تەلەپ قۇيۇپ، ئەخلاق – پەزىلىتىنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋەتمەسلىكىمىز لازىم.

    ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئالدى بىلەن بالىلارنى ياراملىق، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، چوڭلارنىڭ ھالىغا يىتىدىغان، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلىم، ئىقتىدار جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇلۇشى كېرەك.

    ئەقىللىق، لېكىن پەزىلىتى ناچار بولسا، ھامان يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.

    «بالىلارنى ئورتاق تەربىيىلەيلى» ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.