قانداق ياشاش كېرەك(دېمۇكرىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-25 00:00:00

قانداق ياشاش كېرەكدېمۇكرىت (يۇنان)نۇرگۇل ھېيت تەرجىمىسىئىپلاسلارچە، ئەخمىقانە، بىشەملەرچە، قەبىھ ياشاشنى – ھاياتىنى ياخشى ئۆتكۈزمىدى دىگەندىن كۆرە ئاستا- ئاستا ئۆلۈش دىگەن ياخشى.روھقا نىسب...



    قانداق ياشاش كېرەك
    دېمۇكرىت (يۇنان)
    نۇرگۇل ھېيت تەرجىمىسى

     



    ئىپلاسلارچە، ئەخمىقانە، بىشەملەرچە، قەبىھ ياشاشنى – ھاياتىنى ياخشى ئۆتكۈزمىدى دىگەندىن كۆرە ئاستا- ئاستا ئۆلۈش دىگەن ياخشى.


    روھقا نىسبەتەن پايدىلىق نەرسىلەرنى قوغلىشىش – مۇقەددەس نەرسىلەرنى قوغلىشىشتۇر.

     


    تەنگە پايدىلىق نەرسىلەرنى قوغلىشىش- ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتۇر.  ياخشى ئادەم بولۇش كىرەك ياكى ياخشى ئادەملەردىن ئۆگىنىش كىرەك.  ئادەمنى بەخىتكە ئىرىشتۈرىدىغان نەرسە جىسمانى قۇۋۋەت ۋە مال- دۇنيا ئەمەس بەلكى ھەقىقەت ۋە ئادالەتتۇر.


    قىيىنچىلىق ئىچىدە مەجبۇرىيەتكە سادىق بولۇش- ئۇلۇغلۇقتۇر. ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويۇپ پۇشايمان قىلىش- ھاياتنى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ. ئۈگەنمىسە ھىچقانداق ھۆنەرنى ئىگەللىگىلى، ھىچقانداق بىلىم ئالغىلى بولمايدۇ.


    نادانلار بۇ دۇنيانىڭ  ھىچقانداق خۇشاللىقىنى تىتىيالمايدۇ. نادانلارنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتى ھىچكىمنى قانائەتلەندۈرۈلمەيدۇ.


    تىبابەت تەننىڭ ئىللىتىنى داۋالايدۇ. پەلسەپە روھنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.


    ئەقىل- پاراسەتتىن ئۈچ خىل مىۋە چۈشىدۇ. ئۇلار: پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇش، سۆزلەشكە ماھىر بولۇش، ھەركەتلىنىشكە ماھىر بولۇش.

    كىشىلەر دۇئاسىدا ئىلاھتىن ئۆزىگە سالامەتلىك تىلەيدۇ. ئۆز تىنىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئىگىسى ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئاچكۆز نەپسى ئۆز سالامەتلىكىنى كاردىن چىقىرىدۇ. ئۇلار نەپسى بالانىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆز سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

     


    راھەتتىن ئۆزىنى تارتىش ۋە تۇرمۇشىنى رىتىملىق ئۆتكۈزۈش- روھنى خاتىرجەملىككە  ئىرىشتۈرىدۇ. ئۇزىنى تۇتۇۋالالمىسا ۋە داۋاملىق ئۆزگىرىشكە كۆنۈپ قالسا، روھنىڭ بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدا ئىسىلىپ قالغان روھ خاتىرجەملىككە ئىرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، زىھنى- قۇۋۋەتنى قىلالىغۇدەك ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى قانائەتلەندۇرۈش كىرەك.

    باشقىلار ھەسەت قىلىدىغان ، زوقمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلماڭ. ئىددىيىڭىز ئۇلارغا ئەگىشىپ كىتىپ قالمىسۇن. نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان كىشىلەرگىمۇ نەزەر كۆزىڭىزنى سىلىپ قويۇڭ. ئۇلارنىڭ ئازابىنى ئويلاڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنىڭ يامان ئەمەسلىكىڭىزنى ، ئۆزىڭىزنىڭمۇ ھەۋەسلىنىشكە ئەرزىيدىغان  ئادەم ئىكەنلىكىزنى ھىس قىلىپ قالىسىز. نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشەلمىگەنلىكىڭىزدىن ئاغرىنىپ روھىڭىزغا  ئارتۇقچە يۈك ئارتىۋالماڭ. چۈنكى بىر ئادەم بايلارغا ھەۋەس قىلىپ، باشقىلار بەخىتىلىك دەپ تەرىپلەيدىغان كىشىلەرگە زوقلىنىپ، دائىم ئۇلارنى ئويلاپ يۈرىۋەرسە، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇپ، بىرەر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايدۇ. كىشى نەپسىنىڭ چىكى بولمىغاچقا، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر ئاخىر قۇتۇلدۇرىۋالغۇسىز جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇشى مومكىن. شوڭا ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان نەرسىلەرگە ئىرىشىشنى تاما قىلماي، ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسىلەرگە قانائەت قىلىش كىرەك. ھەر ۋاقىت ئادەم ئۆزىنى بەخىتسىز بىچارىلەر بىلەن سىلىشتۇرۇپ تۇرۇشى كىرەك. ئۇلارنىڭ ئازابىنى چۈشىنىپ يىتەلىسىڭىزلا، ئۆز  تەقدىرىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى  خۇشال بولالايسىز. شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ خاتىرجەم ياشىيالايسىز. ھاياتىڭىزدىكى ھەسەتخورلۇق، چىدىماسلىق، تويماسلىقتەك ناچار ئىللەتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرىتىۋىتەلەيسىز.

     

    «ياشلار ئوقۇشقا تىگىشلىك داڭلىق نەسىرلەر» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.