پومونا ئىنىستىتۇتى: مەكتەپداشلار مۇناسىۋەت تورىدىن پايدىلىنىشقا ئەڭ ماھىر ئىنىست

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 14:12:02

پومونا ئىنىستىتۇتى: مەكتەپداشلار مۇناسىۋەت تورىدىن پايدىلىنىشقا ئەڭ ماھىر ئىنىستىتۇت

    پومونا ئىنىستىتۇتى: مەكتەپداشلار مۇناسىۋەت تورىدىن پايدىلىنىشقا ئەڭ ماھىر ئىنىستىتۇت
    مو شۇيىڭ  جاڭ مىن
     
    19-ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقى تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلار كالىفورنىيە ئىشتاتىغا ئاتلاندى. غەربكە بېرىپ بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى ياخشى مائارىپ تەمىنلەش ئۈچۈن 1887-يىلى پومونا ئىنىستىتۇتى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. دەسلەپكى مەزگىلدە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئۇقۇغۇچىلار ئىجارە ئالغان ئاددى بىر ئۆيدە دەرس ئوقۇيتتى، بۈگۈنكى پومونا مەكتەپ ھويلىسىدا 63 كورپۇس ئىمارەتنىڭ ھەممىسى 3 قەۋەتتىن تۆۋەن بولغان كىچىك بىنالار بولۇپ، سىرتقى تامنى سىنومېنىن قاپلىغان. پومونانىڭ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى يىللاردىن بۇيان تەخمىنەن 1500لىك قىممەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەكتەپ 127 يىللىق تارىخىدا دىسنېي شىركىتىنىڭ باش درېكتورى روي دېسنېي، «نيۇ-يورك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى بىل كلوۋ، نەچچە نەپەر پۇلىتزېر مۇكاپاتى ساھىبى قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرنى تەربىيلەپ چىقتى.
    2013-يىلى ئامېرىكا «فوربېس» ژورنىلى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى شۇنداقلا ئۈنۈم تەتقىقات مەركىزى CCAPھەمكارلىشىپ، «مەبلەغ سېلىش-قايتۇرۇۋېلىش نىسبىتى»نى ئامېرىكىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشتىكى باھالاشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى قىلغان، پومونا ئىنىستىتۇتى خارۋارد، يالې قاتارلىق  ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، ستانفورد ئونۋېرسىتېتىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى.
    ئىلمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش
    «بايلىق، كىرىزىس» بولسا پومونانىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىسى تولا ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتكەن ئىككى سۆزدۇر. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاۋ لى:« مەكتەپ بىزگە باشتىن ئاخىر شۇنى تەكىتلەيدۇ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان داڭلىق مەكتەپداشلار مۇناسىۋەت تورى بولسا پومونانىڭ چوڭ بىر ئەۋزەللىكى، چوقۇم  ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېچىپ پايدىلىنىش كېرەك» دەيدۇ. بۇ نەنجىڭلىق قىز پومونادا ئىككى ئوقۇش يىلىنى ئۆتكۈزدى. مۇشۇ يازلىق تەتىلدە مەكتەپ پروفېسسورىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۇ بىر داڭلىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى ئىشخانىسىدا پراكتىكا خىزمىتىگە ئېرىشتى.
    جاۋ لى نۆۋەتتە «مۇناسىۋەت ئورناتقان» ئەڭ كوزۇر شەخىس گۇگول ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لازلو بوك ئىدى. ئالدىنقى مەۋسۇمدە جاۋ لى باشقا بىر قانچە مەكتەپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتىدىكى دېلو مىسالى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە بۇ مۇسابىقىنىڭ قايتا مۇسابىقىلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بىردىنبىر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىغا ئايلانغان. ئۇلار چىكاگودىكى مۇسابىقە مەيدانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بوكنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. «ئەينى چاغدا ئۇ ئانا مەكتىپىدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا مۇسابىقىلىشىش باسقۇچىغا كىرسە ئىنتايىن پەخىرلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، بىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتۇق، ئاخىرىدا ئۇ تېخى بىزگە ئىسىم كارتوچكىسىنى بېرىپ، ئەگەر گۇگولغا كېلىپ پىراكتىكا قىلماقچى بولساڭلار ماڭا تېلفون قىلىڭلار دېدى دېگەنلىرىنى ئاڭلىغانىدى».
    ئەنئەنىۋىلىكتە ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ئارىلاش ئىنىستىتۇت ئىلمىيلىكنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ ھەم غەيرى ئەمەلىي قوللىنىشچان ھالەتتىن پەرقلىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ. پومونا ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپلىگەن ئەمەلىي پراكتىكىلارنى قىلدى. جاۋ لى«مەكتەپنىڭ بىر تۈرى بار، ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىسى بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ يېقىن ئەتراپتىكى شىركەتلەرگە بېرىپ پراكتىكا قىلسا بولىدۇ، شىركەت مائاشىمىزنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، مەكتەپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن بىزگە مائاش بېرىدۇ» دېدى.
    «خاتىرجەم بولۇپ ئاخىرقى چېكىڭىزنى ئىزدەڭ»
    ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ئارىلاش ئىنىستىتۇتلار ئارىسىدا مۇنداق قىزىق گەپ تارقالغان: تۆت ياخشى دوست ئايرىم-ئايرىم تۆت ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ئارىلاش ئىنىستىتۇتقا ئىمتىھان بېرىدۇ: ۋىليامس ئىنىستىتۇتى، ئامېرست ئىنىستىتۇتى، سۋورسمور ئىنىستىتۇتى ۋە پومونا ئىنىستىتۇتى. مەلۇم بىر يىلى مىننەتدارلىق بايرىمىدا شەرققتىكى ئۈچ دوست غەربىي قىرغاقتىكى پومونا ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ دوستلىرىنى يوقلاشنى قارار قىپتۇ. ئۇلار تۆت پەسىل خۇددى باھاردەك بولغان كالىفورنىيە ئىشتاتىدا مىننەتدارلىق بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن شەرقتىكى ئۈچ مەكتەپ ھەر بىرى بىردىن مەكتەپ يۆتكىلىش خېتى تاپشۇرۇۋاپتۇ.
    بۇ يەر بىلەن شەرقىي قىرغاقتىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ  زادى قانداق ئوخشىماسلىقى بارلىقى مۇلاھىزە قىلغاندا، ئىلگىرى چىكاگودا 30 يىلغا يېقىن ياشىغان مەكتەپ مۇدىرى كورس توبىي ئەپەندى:«يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادكارلىق بولسا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ مېنى ئەڭ جەلىپ قىلغان يېرى. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئۆز-ئۆزى بىلەن رىقابەتلىشىش ئېڭى بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە دىققەت قىلىدىغانلار يوق، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشنى دېمەيلا قويايلى» دېدى.
    پومونانىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن قىزغىن، ئاكتىپ، دوستانە ئىدى: دوستلار ئۆز-ئارا كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇچە مەلۇم مۇسابىقە ياكى دەرس ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىدۇ؛ ئۆمەك تەشكىللەپ ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاجايىپ-غارايىپ توسالغۇلارنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت ئۆتكىلىدىن ئۆتىدۇ؛ بەزىدە ھەمراھ بولۇشۇپ يېقىن ئەتراپتىكى سانتىياگوغا بېرىپ، داغدۇغىلىق ھالدا پاراشوتتىن سەكرەشكە قاتنىشىدۇ.
    ئىقتىساد فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى لى يى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىسنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا مۇشۇ ۋەزىپىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئالغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى. ئۇنىڭ نەزەرىدە پومونا ئۇنىڭغا «ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاتقۇزغان» جاي. ئۇ «ئەسلىدە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نوتۇق سۆزلىسەم، شۇنچىۋالا كۆپ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا رەھبەر بولسام، مېنىڭدىن چوڭ، ستاژى ئۇزۇن پروفېسسورلار بىلەن پاراڭلاشسام بولىدۇ، ئون مىڭ مېتىرغا يۈگۈرسەم، ئىلگىرى مەن جۈرئەت قىلالمىغان ھەتتا ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنى قىلسام بولىدۇ. بۇ يولدا ھەممە ئادەم ماڭا < خاتىرجەملىك بىلەن ئاخىرقى چېكىڭىزنى ئىزدەڭ، بىز سىزنى قوللايمىز> دېدى» دېدى.
    «ھېكمەتلەر» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورى (www.okyan.com)دىن لوقمان.
    \
    ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى:okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پومونا